- تىزىملاتقان
- 2014-1-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1369
- نادىر
- 0
- يازما
- 130
ئۆسۈش
  36.9%
|
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 20:10:08
بولغاچقا ئالا كۆڭۈل جالاپ ئەرلەر.
بۇزدى ئۇ چاڭگىسىنى تالاي قۇشنىڭ،
ياكى ئۇ ئەۋلادىمۇ شۇ ھوقۇشنىڭ .
مەھسۇلى بوپ ئاشنا ئاھ تۇتۇشنىڭ،
قالماسكەن خۇي پەيلىدىن جالاپ ئەرلەر.
توۋا دەپ تالاي قېتىم تۇتتۇم ياقا ،
دېدىم ھەم شۇنداق ياشاپ نىمە جاپا.
سوققاچقا چوتنى دائىم شۇنداق خاتا،
شۈركەندىم قىلمىشىدىن جالاپ ئەرلەر.
قىلمايدۇ پىسەنىت ئەلنىڭ نەپرىتىگە،
زوقلىنار قاراپ قىلغان پەسلىكىگە.
ئۇخشايدۇ ئۇ بۇ دۇنيانىڭ ئەخلىتگە،
خۇمسىدۇر تەڭدىشى يوق جالاپ ئەرلەر.
يوقتەكلا بۇ ئالەمنىڭ تارازىسى،
بىر كۈنى سورايدىغان ھەم قازىسى.
يوقتەكلا ھەم تەڭرىنىڭ ئارغامچىسى،
يۈرۈيدۇ شىلتىڭ ئېتىپ جالاپ ئەرلەر.
يامرىدى ھەممە ياقتا مانا ئەيدىز،
يانمىدى ئارقىسىغا ئۇلار ھەرگىز .
ئويلىماس بۇلارنى ھەم قەدىرسىز،
ياشايدۇ ئۆلۈم يوقتەك جالاپ ئەرلەر.
خۇلاسە؛ئەجەل كەلسە باشلىرىغا ،
قىلمايدۇ ئەلمۇ پىسەنىت ياشلىرىغا.
لايىقتۇر مەڭگۈ لەنەت تاشلىرىغا .
شۇمبۇيا ئەلگە ئۈنگەن جالاپ ئەرلەر.
(يۈزسىز گۇيلار ئوقۇپ ئىبرەت ئالسۇن دەپ يوللاندى، )
مەنبەسى ؛كۆچەمىكەشلىك،خەت باسقۇچى. NinoNinoni
|
|