- تىزىملاتقان
- 2014-1-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1369
- نادىر
- 0
- يازما
- 130
ئۆسۈش
36.9%
|
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 19:53:29
جالاپ ئەرلەر
ئەل ئۈچۈن باغرى ئاتەش كاۋاپ ئەرلەر،
بار لېكىن تۈگەتكۈسىز ساناپ ئەرلەر.
تىكنى بولغىنىدەك قىزىل گۈلنىڭمۇ،
يوق ئەمەس ئارىمىزدا جالاپ ئەرلەر.
بىر ئوبدان ئائىلىسى ئۆيى تۇرۇپ،
بېغىدا پۇرايدىغان گۈلى تۇرۇپ.
چاڭقىسا ئىچىدىغان سۈيى تۇرۇپ،
قاترايدۇ ھەممە ياققا جالاپ ئەرلەر.
سۆزلىرى شىرىن شېكەر بالدىن تاتلىق،
ئىزلەيدۇ شاختىن شاخقا قونۇپ شاتلىق.
پىيادە قايتىپ كەلسە بېرىپ ئاتلىق،
ئۆكۈنمەس مەنزىلىگە جالاپ ئەرلەر.
بىردەملىك كۆڭلىنى خوش قىلماقنى ئۇ،
چۈشەنمەس چىن ئەقىدە سۆيگۈنى ئۇ.
مىكىردە تۇتقان ئۇستاز تۈلكىنى ئۇ،
رەزىلدۇر ھايۋاندىنمۇ جالاپ ئەرلەر.
ئويلىماس مىللەت نىمە ،ئىززەت نىمە،
ئىنسانغا كېرەك بولغان قىممەت نىمە.
غورۇرىنى ساقلايدىغان ئىززەت نىمە،
بىلمەيدۇ ۋىجدان نمە جالاپ ئەرلەر.
پوق يەيدۇ ئتمۇ تاللاپ ئۇ تاللىماس،
ئۇ ياخشى بۇ يامان دەپ يا ئايرىماس.
كىم كېرەك كىم كېرەكسىز ئۇ شاللىماس،
بۇلغانغان تامام ئەقلى جالاپ ئەرلەر.
بىلمەيدۇ ئار نومۇسنى ھاياسى يوق ،
پەسلىكتە يېتىدىغان باھاسى يوق.
كېسەل ئۇ ساقايماس داۋاسى يوق،
ئوخشايدۇ بىر ئىبلىسقا جالاپ ئەرلەر.
ئاتقاندا خەخنىڭ خوتۇن قىزغا قاش،
ئاتقاندۇر دىمەس كىملەر ئۆگزەمگە تاش.
ئاپرار گۆرگە سۆرەپ شۇنداق ياشاش ،
زەھەرلىك بىر يىلاندۇر جالاپ ئەرلەر.
ئويلىماس ئوينىغاندا ئانىسىنى،
سىڭلىسى ئوماق قىزى بالىسىنى.
سىلكىمەس يەنە قاتتىق كاللىسىنى،
يۈزلىرى تۆكۈلسىمۇ جالاپ ئەرلەر.
سورساڭ دەيدۇ ئويۇن ياشاش دېگەن،
كۆڭلىدە يوقتۇر ئۇنىڭ ئاياش دېگەن.
چاڭ سالار دوسىت رىسقىغا ئاداش دېگەن،
يوق ئۇندا ئادىمىيلىك جالاپ ئەرلەر .
قارساڭ چىرايىغا شۇنچە خۇنۈك،
كېتدۇ تۇرۇپ كۆرسە گۆردە ئۆلۈك.
سالدۇ شەيتانغىمۇ نوقتا چۈلۈك،
ئوخشايدۇ گاھ چايانغا جالاپ ئەرلەر.
قىلقى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ئۇنىڭ،
قوينىدا باردۇر بىسسىز خەنجەر ئۇنىڭ.
يولمۇ ماڭغان ئەسلى خەتەر ئۇنىڭ،
بولمايدۇ ئەمما ئاگاھ جالاپ ئەرلەر.
خوتۇنى قالار يالغۇز تالاي تۈنلەپ ،
تەڭرىگە نالەقىلىپ ئاچچىق ئۈنلەپ.
سوقشار ئۆزگىلەردىن كۈندە كۈنلەپ،
بولغاچقا ئالا كۆڭۈل جالاپ ئەرلەر.
|
|