پىنھاننى ياقتۇرامسىز ؟
بارچىمىزگە ئايانكى ئوچۇق ئاشكارىلىق مەرتلىكنىڭ نامايەندىسى . ئۇ ئەينەك كەبى سۈزۈكلۈك بىلەن ئاقكۆڭۈلكۈككە ئىما قىلىنىدۇ . ئۇنداقتا ئۇنىڭ قارىمۇ قارشى تەرىپىدە نىمە بار ؟ ئەلۋەتتە قاراڭغۇلۇق بار . قاراڭغۇلۇققا ياكى مەلۇم بىر بۇلۇڭ پۇچقاققا يوشۇرۇنغان پىنھان ئۆزى بار . پىنھان مۇتلەق زور ۋاقىتلاردا تىلغا ئېلىشتىن ئۇيۇلىدىغان نەرسىلەرنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن : ئىنساننىڭ ئۇيات جايلىرى پىنھان جايلار دىيىلىدۇ . ياكى بولسا ھېلىقى جاي دىيىش ئارقىلىق مەقسەت ئۇقتۇرىلىدۇ . ئىنسانىيەت تارىخدىكى بارلىق سۇيىقەستلەرنىڭ ھەممىسى پىنھان جايلاردا پىلانلانغان ھەمدە بىر بىرلەپ ئېلىپ بېرىلغان . بىر بىرلەپ قانلار مۇشۇنداق بىر بىرلەپ تۆكۈلگەن ....
ئەر ئاشنىسىنى پىنھانغا چاقىردى . بىر ھاراملىق ئۇزۇن ئۆتمەي جاھانغا ئاپىرىدە بولغۇسى ...
خوش ! ئۇنداقتا مەزكۈر يازمىنىڭ ئاساسىي مەركىزىي ئىدىيەسى نىمە ؟
ئەلۋەتتە سىزدىن سوئال سوراش : سىز پىنھاننى ياقتۇرامسىز ؟
باغداش مۇنبىرى مۇنبەرلەرنىڭ سەركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دىيارىمىز تەۋەسىدە نۇرغۇن نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ، چوڭ چوڭ ناھەق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتىدۇ . ئۆتكەن نۆۋەت بىر قېتىملىق تەرتىپكە سېلىشنى باشتىنمۇ كەچۈردى ھەم . بۇ بىر تەجرىبە ساۋاق . يەكۈنلىشىمىز كېرەك .
مەيلى ئىنكاس يازايلى ياكى تېما يوللايلى چوقۇم رىئالنى پاكىتنى ئاساس قىلىپ يېزىشىمىز لازىمدۇر قېرىنداشلار . تېما يوللىغاندا ئامال بار سۈرەتلىك ھالدا سان - سىپىرلار تولۇق ھەم ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ھالەتتە يوللىشىمىز كېرەك . تېما يوللىغىچىمۇ ئامال بار ئۆز ئىسمى بىلەن يوللىسا دەيمەن . ئەلۋەتتە بۇنىڭغا زور جاسارەت كېتىدۇ . بىز چوقۇم قەلبىمىزدىكى ھېلىقى ئۇزۇندىن بۇيان بىزنى چۈمكىۋالغان نىجىس پىنھان دىگەن قورقۇنچنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ ، ئوچۇق ئاشكارا بولۇشنى تەرغىپ قىلىشىمىز كېرەك .
شۇندىلا قانۇنغا مۇراجەت قىلالايمىز . قانۇننى ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا قانۇننى ئىجرا قىلىش ئاساسى بىلەن تەمىن ئېتەلەيمىز .
قانۇن ئۇ مۇقەددەستۇر !
مەن ھەرگىزمۇ باغداشنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن !
|