بۇ يازمىنى ئاخىرىدا begir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-7 11:27
قانسىراپ لېۋىمدە ياتىدۇ پىنھان
ئادىل ئابلىكىم ئوغلان
خىيالىم چاراسلاپ كۆيمەكتە پەقەت،
تەمتىرەپ كېچىنىڭ ئوچاقلىرىدا.-
قەلبنىڭ بەتلىرى يىرتىلىپ ئاستا،
قاقلايدۇ ئۈزىنى ئوتنىڭ باغرىغا.
يەتتە بەت ھېكايەم ئوقۇلغاندا دەم،
ئاۋازىم قانايدۇ سىنىڭ قولۇڭدا.
چۇشىۈمدە يىغلاپ كىتىمەن بۇقۇلداپ،
قارا ئات كىشنىگەچ ئاسمان باغرىدا.
سېغىنىش بېتىدە تېپىرلاپ قەلەم،
قانسىراپ لېۋىمدە ياتىدۇ پىنھان.
دەردىمنى تۆككەندە دەريا چايقىلىپ،
نەچچە رەت يىغلىدى يەتتە قات ئاسمان.
تەقدىرنىڭ قولىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ،
ئىسمىڭنى قۇچاقلاپ ماڭدىم ئۈلگىنى.:
پىچىرلاپ ئۆتىدۇ قۇلاق تۈۋۈمدىن،
تۈنلەرنىڭ باغرىدىن ئېتىلغان ئوقى.
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 26- كۇنى
|