- تىزىملاتقان
- 2013-4-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2690
- نادىر
- 0
- يازما
- 188
ئۆسۈش
  23%
|
dixwari يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 12:44 
ئاڭلاپ تۇر !
سىنىڭ شەرمەندە قىلمىشلىرىڭ ئوچۇن ئەرىز قى ...
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تورداش.
ئەسلى بۇ ئىشلارغا ئارلاشمىسام بولاتتى ،سىز مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككى تىمىدا قاسىم سىدىق ئەپەندى توغۇرلۇق بەزى بىر سۆزلەرنى يازدىڭىز،شۇڭا مۇشۇ ھەقتە سىز بىلەن سۆزلىشىشكە توغرا كەپ قالدى.
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى مەنمۇ تولۇق بىلىپ كاتمەيمەن ،بىلدىغىنىم دەسلەپ مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىنىڭ ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس دىگەن ئەسىرى ئارقىلىق قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ فىزىكا ساھاسىدە تەتقىق قىلۋاتقانلىقىنى بىلگەن،تور دۇنياسىدا بولسا ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا تور دۇنياسىغا يوللىغان ھەرخىل تىمىللىرى ئارقىلىق توردا تونۇدۇم.( باشقا نۇرغۇن تورداشلارمۇ شۇنداق تونىدى بەلكىم)ئەمما سىز تىلغا ئالغان قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كۆپىنچە تورداشلار بىلمەيدۇ،ھەم ئۇنداق ئىشلارنى قىلدىغىنىغا ئىشەنمەيدۇ،مەنمۇ ھەم ئىشەنمەيمەن.ھەممىمىز بىلىمىز باغداش تورىغا ھەرخىل ئادەملەر كىرىدۇ.شۇڭا مەيلى سىز دىگەن سۆزلەر راس بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن بۇنداق بىر ئاممىۋې سورۇندا دەپ يۇرسىڭىز ياخشى بولمايدۇ،بەلكى قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە بىۋاستە تەسىر يېتىدۇ.شۇڭا سىزنىڭ بۇنداق سۆزلەرنى ئەمدى يوللىماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئەگەر زادى يوللايمەن،قاسىم سىدىقنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرنى ئاشكارلايمەن دىسىڭىز،ئۇنداقتا قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاستە كۆرشۈپ ياكى تىلفۇندا كۆرشۈپ ئىشلارنى ھەل قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ تورغا ھۆكىمەت رەھبەرلىردىن تارتىپ ئاۋام پۇخراغىچە كىرىدۇ،شۇڭا بۇيەردە بۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ باشقىلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى تۆكمەڭ. سۆزلىرىڭىز راس بولسىغۇ مەيلى ئەگەر يالغان بولسا سىز بىرئادەمگە تۆھمەت قىلىپ تور دۇنياسىدا باشقىلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىغا دەخلى تەرۈز قىلغان بولىسىز. شۇڭا ئويلۇنۇپ بىر ئىش قىلاسىز؟
|
|