بوران ئىچىدىكى پەرۋاز
قاسىم سىدىق
زارلىمايمەن ،تالمايمەن ئەسلا، بورانلارغا قارشى قاقسام پەر. راۋان يوللار لەزەتسىز ماڭا، ئۆگەنگىنىم خەتەرلىك سەپەر. خەتەرلەردەروھىم بەھۇزۇر، مەن مۇشۇنداق ئاجايىپ بىر ئەر!.
زەڭگەرساما، تىنىچ سەپەرلەر، مىنىڭ ئۈچۇن ھاقارەت -خورلۇق. ھەتتا،ئوغۇل تۇققان ئانامنىڭ ، تۇز-ھەققىگە قىلغان ئوغورلۇق. زۇلمەتتە نۇر ئىزدېگەن ئۆمرۆم، نۇرنى قۇچقان دەملەردىن نۇرلۇق!..
مەڭدىمەيمەن،قوروقمايمەن ئەسلا، بورانلارنىڭ تەھلىكىسىدىن. تەپەككۇرنىڭ جاڭگاللىرىدىن، "مەنتىق"لەرنىڭ ئۆتكۈربسىدىن، تامايىم يوق خانىقالارنىڭ ، نىسىۋىسىدىن، دىمىدىسىدىن......
روھىم ئۇلۇق، جىسمىم تاغ سۈپەت، راھەتكەگال، مېھنەتكە دادىل. ماڭاخاستۇر قەھىرلىك دېڭىز، ئەۋلاتقاخاس نۇرانە ساھىل. ئەۋزەيلىمەبىچارە بوران، بىلىسەنغۇمەن سەندىن جاھىل؟!...
1988-27-مارىت.
|