- تىزىملاتقان
- 2014-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 360
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
30%
|
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى يىنىكلەمدۇ يوق ؟
قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار بىر نەچچە يىلدىن بېرى گىزىت - ژورناللارغا مەجبۇرى مۇشتىرى قىلنىۋاتىدۇ ، 150 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە گىزىت - ژورنال پۇلى تۇتۇلىدۇ ، لىكىن قايسى گىزىتكە مۇشتىرى بولۇش ، قايسى ژوزنالغا يېزىلىش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىدە بولمايدۇ ، مەكتەپلەردىن سۈرۈشتە قىلسا بۇ يۇقۇرىنىڭ ئىشى ، يۇقۇرى بىزگە سان تەخسىم قىلىپ بەرگەن شۇڭا مۇشۇنداق يېزىلىمىز دەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدۇ ، بۇ يىلمۇ يەنە شۇنداق مەجبۇرى مۇشتىرى قىلىنىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە يەنە مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئايال ئوقۇتقۇچىلار «شىنجاڭ ئاياللىرى » ژورنىلىغا مەجبۇرى مۇشتىرى قىلىنىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى . « شىنجاڭ مائارىپ گىزىتى » ، « شىنجاڭ مائارىپ ژزورنىلى » ، « شىنجاڭ ئاياللىرى » قاتارلىق گىزىت - ژورناللارغا كەڭ ئوقۇتقۇچىلار شەرتسز مۇشتىرى بولىشى كېرەك ئىكەن . بۇنداق قىلمىش قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ ؟ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقوقىنى قوغدىنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىدى ، لىكىن ھازىر رايۇنىمىزدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نورمالنى دەم ئېلىش ، تۇرمۇش ، خىزمەت ، ئائىلە ۋە جەمىيەتتىكى ئورنى تەسىرگە ئۇچراپ ، ئۇلار جىسمانى ھەم روھى جەھەتتىن كۆپ چارچىدى ، نورمالنى دەم ئېلىشى كاپالەتكە ئىگە بولمىدى ، ئائىلە تەكشۈرۈش ، ئارخىپ تەكشۈرۈش ، مەسچىت نازارەت قىلىش ( بۇرۇن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتنىشاتتى ھازىر ئاساسەن تۈگىدى ) نوپۇس ئىنقلاش ، سىياسىي ئۆگۈنۈش .....قاتارلىق ئىشلار ئوقۇتقۇچىلارنى خېىلىلا ھالسىراتتى ، ئوقۇتقۇچىلار قاچانمۇ ئۆز ئوقۇتۇش خىزمىتىگە سېلىنار ؟ مائارىپقا قانداق كۆڭۈل بۆلىمىز ، ئوقۇتقۇچىلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلىمىز ؟ بۇلار مانا مۇشۇنداق نامۇۋاپىق ئىشلار دەستىدىن قەددى پۈكۈلسە كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزنى تەربىيلەشتەك موھىم ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداقمۇ چىقالايدۇ ؟ سۆزلىسەك ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاھۇ زارى ھەرگىز ئاز ئەمەس ، بۇلار ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ، پارتىيە - ھۆكۈمەتنىڭ ئويلىنىشىغا ، جەمىيەتتىكى مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىدىغان ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ پىكىر يۈزگۈزىشىگە ، ئوقۇتقۇچىلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىشىگە توغرا كىلىدۇ . |
|