- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2927
- نادىر
- 0
- يازما
- 177
ئۆسۈش
  30.9%
|
مانا مەنمۇ شۇ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ئىشلەيمەن . بۇنداق قانۇنسىز ھالدا ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىشلارغا مەجبۇرلاش بۇ ناھىيەدىدىكى كۆپلىگەن ئەمەلدارلارغا ئادەتتىكى ئىش بوپ قالدى . بۇ يىل بىزنىڭ يېزىدىمۇ 260 يۈەن خەلق پۇلى تۇتۇلۇپ ، ئوقۇتقۇچىلار گېزىت-ژورنالغا مەجبۇرى مۇشتەرى قىلىندى . بۇ قانۇنسىزلىق ! يەنە كىلىپ بۇ پۇللار گېزىتخانىلارغا تولۇقى بىلەن بېرىلمەي 30-20% لا تاپشۇرۇلۇپ ، قالغىنى ئارىدا يوقاپ كېتىدىغان ۋە شۇ 30-20 % گېزىتمۇ تولۇقى بىلەن ۋاقتىدا مۇشتەرىلەرنىڭ قولىغا تەگمەيدىغان ئىشلار نورمال ئىشلاردەك بولىدىغان بوپ قالدى .
بۇ قانداقتۇر بىر قانچە يۈز سومنىڭ ئىشى ئەمەس ، شەخسنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەئرۇز قىلىش قىلمىشىدۇر . بۇ ئىش يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىشى كېرەك .
مەنمۇ بۇ مەسىلىنى ھېلىقى قىزىق لىنىيە تېلىفونىغا ناھايىتى كۆپ تېلىفون قىلىپ ئالالماي ، ئاخىرى ئۇچۇر شەكلىدە ئىنكاس قىلساممۇ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرۇلمىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ پروگراممىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم .
قىسقىسى ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا ھەقىقىي بىر كۆڭۈل بۆلسە ، ھەر قايسى مەكتەپلەرگە چىن كۆڭلىدىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا كۆيىنىدىغان ، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ، قايىل قىلارلىق ھەل قىلالايدىغان ، بىلىملىك ، سەمىمىي ، نەزەر دائىرىسى كەڭ ، ساپالىق مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن سەپلەپ بېرىلسە...دىگەن ئۈمىددىمىز . |
|