- تىزىملاتقان
- 2013-5-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 206
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
  68.67%
|
5sawr5 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 15:51 
ئەسلىدىلا سىتودىنىتلار سىزدەك ئويلىيالىشى ،ئاتا-ئانى ...
ئەگەر بىر كۈنلىرى مېنىڭمۇ بالام سىزدەك قاراشقا كېلەلىسە مەن ئۇنى قوللاپلا قالماي ،بەلكى شۇنداق بىر بالامنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن .
رەھمەت سىزگە، شۇنداق بولىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. بىر يىل ئىلگىرى مەن دەسلەپتە ئىشلىگەن شىركەتتە داۋالغۇش بولغاندا، ئۇلارغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقىمنى ئويلاپ چىقىپ كىتىشنى قارار قىلغان ۋاقتىمدا، دېرىكتور ماڭا « سىزنىڭ قېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، چىقىپ كەتسىڭىز، ئورنىڭىزغا ئادەم ئالسام بولىدۇ، لېكىن مەن مەڭگۈ سىزدەك ئىشەنچلىك، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى تېپىپ قىلالايدىغان ئادەمنى تاپالماسلىقىم مۇمكىن» دىگەنىدى. بۇ دېرىكتورنىڭلا ئەمەس، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن باھاسى. ناۋادا مەن ئەينى ۋاقىتتا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسام، ئۆزۈمنىڭ قولىدىن قانچىلىك ئىش كېلىدىغىنىنىمۇ بىلەلمىگەن، نۇرغۇن ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان بولاتتىم. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا نەچچە يىل ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىشلىسەممۇ قىلىپ بولالمىغۇدەك بىر مۇنچە ئىشقا ئېرىشتىم. بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشالمەن، ئۆز ئالدىمغا ئىش قىلىشنىڭمۇ نەچچە تۈرلۈك پىلانىنى تۈزۈپ قويدۇم، مەدەت بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت...... |
|