- تىزىملاتقان
- 2012-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1779
- نادىر
- 0
- يازما
- 61
ئۆسۈش
  77.9%
|
مەنمۇ بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز قارىشىمنى تاشلاي.
60——70- يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ھازىر دەل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغانلاردۇر. دېمەك، ھازىرقى ئەمەلىيەت بىزنىڭ دەۋرىمىزگە ئوخشىمايدۇ، ھازىرقى تەپەككۇر ئۇسۇلىمۇ ئۇ دەۋرگە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ياشلىرىمىزنىڭ ئىقتىدارى بىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىقتىدارىمىزدىن كۆپ ئۈستۈن. بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان ئاتا- ئانا رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلمىغان بولىدۇ. تەرەققىياتنى ئېتىراپ قىلمىغان بولىدۇ، كەلگۈسىنى ئېنىق كۆرەلمىگەن بولىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىش __ دۈنيادا ئاللىقاچان ئادەتكە ئايلانغان يۈزلىنىش، بۇنى ئادەتكە ئايلاندۈرغان مىللەتلەر بىزدىن ئاللاقاچان يىراققا ئۇزاپ كەتتى. پەرزەنتىمىزنى ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان خىزمەتكە مەجبۇرلاش ماھىيەتتە پەقەت ئۆزىمىزنىڭ كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ئۈچۈنكى، ھەرگىزمۇ پەرزەنتىمىزنىڭ ئۆزىنى بەختلىك ھىس قىلىش تۇيغۇسىغا چۆمدۈرەلمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن «تۆمۈر تاۋاق» تىكى «ئاش» نىڭ تەمى بىر خىللا، مىقدارىمۇ بىر خىللا. ئەمەلىيەتتە، «بەدەن» خىلمۇ- خىل «ۋېتامىن» لارغا مۇھتاج بولۇپ، خىلمۇ- خىل «ئاش» لار ئارقىلىق بۇنى تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ ۋە يانا «بەدەن» نىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، «ئاش» قا بولغان ئىھتىياج ئېشىپ ماڭىدۇ، بۇ ئھتىياجنىمۇ «تۆمۈر تاۋاق» نورمال قامدىيالمايدۇ. شۇڭا، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش لازىم.
|
|