- تىزىملاتقان
- 2011-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-22
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 3272
- نادىر
- 1
- يازما
- 112
ئۆسۈش
100%
|
فىلىمنى مەنمۇ تولۇق كۆردۈم، ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئوقۇدۇم. ئوخشاشلا بىر شەيئىگە ئوخشاشمىغان كىشىلەرنىڭ بېرىدىغان باھاسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما كۆز يۇمىۋېلىشقا بولمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، ئاقنى قارا دېگۈچىنىڭ چوقۇم كۆزى ياكى كاللىسىدا مەسىلە بارلىقى ئېنىق!
دەرۋەقە، بۇ لېكسىيە قارىماققا ئاللىكىملەر دېگەندەك «مەزمۇن جەھەتتىن چېچىلاڭغۇ، يورۇتماقچى بولغان باش تېمىدىن چەتنەپ كەتكەن»دەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بىر سائەتتىن ئارتۇقراق داۋام ئەتكەن بۇ لېكسىيە خېلىلا كەڭ دائىرىدىكى مول مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا، بۇنچىلىك يېتىشسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئىش. مۇبادا، سىز بولسىڭىز، شۇ بىر سائەتتە نەچچىلىك مۆجخزە يارىتاتتىڭىز؟!
تەرەققىيات بىزگە خېلى كۆپ ئۇقۇمۇشلۇق گاچىلارنىمۇ يېتىشتۈرۈپ بەردى. بىزدە رىياسەتچىلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما ئەنە شۇلاردىن زادى كىملەر ئۈمىد غەنىدەك تېلېۋىزىيە ئىكرانى ئالدىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ، بىۋاستە خەلققە يۈزلىنىپ مۇشۇنداق تېمىلاردا دادىللىق بىلەن لېكسىيە سۆزلىدى!؟ سۆزلىيەلىدى؟! سۆزلىيەلەيدۇ؟! سىز ياكى يەنە قايسى بىر رىياسەتچىمىز «تاغدىن-باغدىن» بولسىمۇ جاھان كەچمىشلىرىدىن، نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزدىن ... مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ بىشارەت بېرەلىدى؟!
تېما يوللىغۇچى بەلكىم نەخ مەيدان پائالىيىتىگە قاتناشقان بولسا كېرەك...دەپمۇ ئويلىدىم. بەلكىم قارىشىم خاتادۇ. ئادەم ھەسەتخور بولسا بولمايدۇ. بۇ بۇرادىرىمىز لېكسىيەدە نامى تىلغا ئېلىنىپ، بىر ئاز تەنقىدلەنگەن بەزىلەرگە ھېسداشلىق قىلىپتۇ، ئۈمىد غەنىگە نارازىمۇ بوپتۇ. ئويلاڭ دوستۇم: ئۈمىد غەنىنىڭ دېگىنىنىنڭ زادى نەرى خاتا؟! سۆزلىسە، ھەقنى سۆزلەپتىغۇ؟! تىللىسا، تىللاشقا تېگىشلىكنى تىللاپتىغۇ؟! (تىللانغانلار بىلەن قانداشلىقىڭىزغۇ يوقتۇ؟!). قۇرۇق ماختاشلار بىزنى مۇئەللەققە ئېلىپ چىقالارمۇ؟! ئەجىبا، ئۆمەرجان ئالىممۇ تىللاشقا دەل تېگىشلىكلەرنى كېلىشتۈرۈپ، راسا «تىللاپ»مۇ يەنە 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئالقىشلىنىۋاتىدىغۇ؟! بىز كۆڭۈل ئاياشنىمۇ، ئىللەتلىرىمىزنى مانا مۇشۇنداق ساۋاشنىمۇ بىلمىسەك بولمايدۇ!
سىز «ئۈمىد غەنى زادى نېمە دېمەكچى؟!»دەپ تور ئەھلىدىن سوراپسىز. بىلىۋېلىڭ: ئۈمىد غەنى دېگەنلىرىنى دەپتۇ. سوئالىڭىزنىڭ ئەجەبلىنەرلىكى يوق. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ دېگىنىنى بىلىش، چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك سەۋىيە كېتىدۇ!
نېمىلا بولمىسۇن، ئۈمىد غەنىنىڭ بۇ لېكسىيەسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ!
|
|