- تىزىملاتقان
- 2013-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2369
- نادىر
- 1
- يازما
- 172
ئۆسۈش
  12.3%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ebrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-11 21:57
6-ئەسىردە بارلىققا كەلگەن ئىسلام دىنى ياۋروپاغا سېلىشتۇرغاندا ئېنتايىن ئىلغار بولغان.
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم دەل مۇشۇ جۈملە:
1. ئىسلام دىنى ئېلغار بولغان دىمەكچىمۇ ياكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ئەھۋالى ئىلغار بولغان دىمەكچىمۇ؟
2. بۇ گەپتىن «ئىسلام ھازىرقى ياۋروپاغا سېلىشتۇرغاندا ئىلغار ئەمەس» دىگەن يەكۈننى چىقىرىش مۇمكىنمۇ؟
3. ئىسلام تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى، نىشانى ۋە مەقسەت-يۆنىلىشلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغانكى، ھەرگىزمۇ تەرەققىياتنىڭ ھەربىر ساھەلىرىدە يول كۆرسىتىپ ئىنساننىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېتەكلەپ ماڭغان ئەمەس، ئاددىيغىنىسى قۇرئان كەرىم ئلىم-پەن ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرغان، ئەمما خاس ئىلىپ-پەن كىتابى ئەمەس ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا دىننىڭ ئۆزىنى ياۋروپا بىلەن سېلىشتۇرۇش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەسقۇ دەيمەن؟ بىزنىڭ ئەقىدىمىزدە ئىسلام ھەممىدىن ئېلغار، ئەمما دىننى سېلىشتۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئەمەس.
4. بىر نەرسىنىڭ ئەسلى ھالىتىدە كۆچۈرۈلۈشى ياكى تەرجىمە قىلىنىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، پەقەت ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، تەرجىمە قىلغۇچىلار شۇنى تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر قېزىپ، يېڭى ئىلمىي نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن چاغدا ئاندىن تەرەققىي قىلدۇرغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئەرەبلەرنى كۆچۈرۈپلا كەلدى ياكى تەرجىمە قىلدى دىيىش ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت قىسىمى ۋە مۇستەقىل تېرىشچانلىقلىرىغا كۆز يۇمغانلىق بولامدۇ قانداق؟
........................
مەن ئۈمىد غەنىنىڭ شۇ گېپىگىلا قايىل بولمىدىم، ھەم بىراقلا نۆلگە تەڭ قىلىۋەتمىدىم. ئەمما ئەشۇ بىر ئېغىز سۆز ھازىرقى زىيالىيلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر ئىدىيە خاتالىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بۇنداق خاتالىقنىڭ ئۈمىد غەنىدە كۆرۈلۈشىنى مەن راسلا ئويلاپ باقمىغانىدىم. |
|