- تىزىملاتقان
- 2014-9-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1333
- نادىر
- 0
- يازما
- 90
ئۆسۈش
  33.3%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulaksuyi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-5 10:24
ئەركىن سىدىق
July 4, 2011 at 10:28 pm
مەن يېقىندا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان «ياخشى مەغلۇپ بولۇش» ھەققىدىكى سۆزۈمدە، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلېي شۆھپىسى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك 4 پرىنسىپلىرى بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم:
– 1 “ئىشلار مۇشۇنداق بولىدۇ” دېگەنگە جەڭ ئېلان قىلىش
– 2 ھېسسىياتقا ئاساسلانمىغان ئىشەنچكە ئىگە بولۇش
– 3 ھەر ۋاقىت ئوقۇغۇچى بولۇش
– 4 ئۆزىنىڭ شەخسىي دائىرىسىدىن ئېشىپ چۈشۈش
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ قىلغىنى يۇقىرىقى 1-پرىنسىپقا ئۇيغۇر بولۇپ، مەن ھازىرغىچە مۇشۇنداق روھ بىلەن ئۆزىنىڭ پىكىر كۆز-قاراشلىرىنى ۋە ئىلمىي پەرەزلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلغان ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن بىر قانچىسىنى ئۇچراتتىم، ھەمدە ئۇلاردىن ناھايىتى تەسىرلەندىم. مۇشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ مەن قاسىم سىدىق ئەپەندىمگىمۇ ئۆزەمنىڭ ناھايىتى قايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىمەن.
لېكىن، بىر يېڭى پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىر گەپ، ئۇنى ئىلمىي جەھەتتىن، بولۇپمۇ ماتىماتىكا ۋە فىزىكا جەھەتتىن ئىسپاتلاپ بېرىش يەنە بىر گەپ—پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئانچە تەس ئەمەس، لېكىن ئۇنى ئىسپاتلاش ئاسان ئەمەس، ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا مۇمكىنمۇ ئەمەس. خەلقارادا كائىناتشۇناسلىق ۋە فىزىكا ساھەسىدە دۇنياغا ئەڭ داڭلىق مەكتەپلەردە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغىچە ئوقۇپ، خەلقارادا خېلە يۇقىرى نوپۇز تىكلىگەن بىر قانچە كىشىلەرنى ئەتىراپىغا يىغىپ تۇرۇپ بىرەر ئىلمىي پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، ئەگەر ئۇ پەرەز بەلگۈلۈك ئىسپاتلانغان ئىلمىي ئاساسقا قۇرۇلمايدىكەن، ئۇ پەرەز خەلقارادا ئانچە ئېتىۋارغا ئېلىنمايدۇ. ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپىتىغا ئېرىشىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ستېۋېن ھوكىڭمۇ تېخىچە بىرەر نوبېل مۇكاپىتىغا ئېرىشەلمىدى.
ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى، ئېينىشتىيىننىڭ نەزىرىيىلىرى قاتارلىقلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. بولۇپمۇ پەقەت باكلاۋر ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن كىشىنىڭ «ئاشۇنداق ئىشتىن بىرنى قىلدىم» دەپ ئويلىشى ئازراقمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان بىر كىشى ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش قىلىش جەھەتتە ھازىرمۇ ناھايىتى ئاجىز. ئۇيغۇرلاردا ھېسسىياتنى ئىلىمنىڭ ئورنىغا قويىدىغان، ھەتتا بەزىدە ئىلىمدىن يۇقىرى قويىدىغان ئەھۋال بەك ئېغىر. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئىلىم-پەننى سۆيىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلە ئۇزۇن بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق تىرىشمىسا بولمايدۇ.
|
|