- تىزىملاتقان
- 2013-12-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 502
- نادىر
- 0
- يازما
- 37
ئۆسۈش
  0.4%
|

ئىگىلىنىشىچە ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەن كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى 2003 - يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ قېتىملىقى بىلەن ئۇدا يەتتە قېتىم ئۆستۈرگەن ھەمدە كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئومۇمىي تەمىناتىنى بىر قاتلىغان . يىغىندا ، 2011 - يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش ، يەنى مەملىكەت بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى % 10 ( 140 يۈەن ئەتراپىدا ) ئۆستۈرۈش قارار قىلىنغان . بۇ قېتىم ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئوتتۇرىچە پۇلى 1440 يۈەنگە يېتىدىكەن
مۇشۇ گەپ توغرا .مەن مۇ بىر مەمۇرى كادىر.مەمۇرلارغا ھەر يىلى 800-1000يۈەنگىچە قۇشىلدى دىگەن گەپنىڭ تازا ئاساسى يوق.مەمۇرلارنىڭ مۇئاشى يۇقۇرى ،تۈرلۈك تەمىناتلاردىن بەھرىمان بولىدۇ دىيىشمۇ بىر تەرەپلىمە قاراش.كارخاندا ئىشلەۋاتقان ھەم پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ مۇئاشى ھەقىقەتەن تۆۋەن.دۆلەت بۇ پەرىقنى ئازايتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.مەن ماقالە يوللىغان يولداشنىڭ ئۆزىنى ئىشلەۋاتقانلار بىلەن سېلىشتۇرماي ،ئۆزى بىلەن بىر ۋاقىتتا فىنسىيەگە چىققان يولداشلار بىلەن سېلىش تۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.مۇئاش بىر ئادەمنىڭ ئوقۇش تارىخى،خىزمەت سىتاژى،كەسپى تېخنىكا ئۇنۋانى ،مەمۇرى ۋەزىپىسى،خىزمەت ئۈنىمى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بىكىتىلدۇ،ھەم تەڭشىلىدۇ.
بۇ خۇددى نۇربەكرى رەئىس بولدى مەن نىمىشقا رەئىس بولمايمەن دىگەندەك گەپ بۇلۇپ قالمىسۇن. |
|