ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن
مەنمۇ بىر قېتىم بىر پارچە خەنزۇچە يېزىلغان قۇرئان ۋە ھازىرقى ئىلىم-پەن توغۇرلۇق يېزىلغانىكەن 百度uyghur吧 غا چىقىرىپ قويسام مېنى «دىنسىز»،«كۇفىر» دىيىشىپ كەتتى،ئۇنىڭ سەۋەبى مېنىڭ ئۇلۇغ قۇرئاندا ئاللاھ ئاللا بۇرۇن يېزىپ قالدۇرۇپ بولغان نەرسىلەرنى فىزىكىدا باشقىدىن تەتقىق قىلىپ ئولتۇرۇشۇم ئاللانىڭ كىتابىغا ئىشەنمەسلىك ئىكەن .زادىلا چۈشۈنەلمىدىم ،مېنىڭ ئەقىلىم كاممۇ ياكى باشقىلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئويلاش ئۇسۇلى خاتامۇ ؟ پەيغەمبەرمۇ ئوقۇڭلار ئۈگۈنۈش قىلىڭلار دىگەن ، فىزىكا ئۈگەنمەڭلار ،ئالەمنىڭ سىرىنى تەتقىق قىلماڭلار دىمىگەن ئىدىغۇ ؟ نىمە ئۈچۈن بىز دائىملا ئىلم-پەن بىلەن ئىسلامىيەتنى ئايرىپ قارايمىز ؟
مېنىڭچە ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرە پەللىسىدە ئىسلامىيەتنىڭ ھەق يول ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ . مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامنى بىلىدىغان ئىلىم -پەنگىمۇ ئىشيتىياق بىلىدىغان ئالىم تەتقىقاتچىلىرىمىز كۆپلەپ چىقسۇن ! ھېچقانداق بىر ئەرەب دۆلىتى ئىلىم -پەننى ئىسلامغا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ پەننى ئوقۇشنى توختاتقىنى يوق !! كاللىسى ئىشلىسە مۇشۇ سادا خەلقىمىز تىرىشىم بىلىم ئىگەللەپ ئۆزىى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەمەلى ھەركىتى بىلەن ئىسلامدىن تېرورچى ئەمەس تەتقىقاتچى چىقىدىغىنى ،بىكار تەلەت ئەمەس بىلىم -پەشۋاسى چىقىدىغىنى ،مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىن كۈنگە زەيىبلىشىۋاتقىنىنى ئەمەس كۈنسىرى تەرەققى قىلىۋاتقىنىنى ،كۈچ قۇدرەتكە تولغىنىنى بىلدۈرۈشى كېرەك ئىدىغۇ !
ئۈگۈنۈش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن سۈننەتدۇر ! ئۈگۈنۈڭ ،ئاللانىڭ كىتابىنىمۇ ئۈگۈنۈڭ ،ئۇقۇپ تۇرۇپ ،مەنىسىنى چۈشۈنۈپ ئۈگۈنۈڭ !بولمىسا بىر كۈنى ئاتالمىش پېشىۋالار سىزنى قانداق ئالدىغىنىنى ،سىزدىن قانداق پايدىلىنىۋاتقىنىمۇ بىلمەيسىز !
ئۈگۈنۈڭ ،تىرىشىپ بىلىم ئېلىڭ !مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىياتى بىلىم ئىگىلىرىنىڭ قولىدا ،بەلكىم سىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى مەلۇم بىركۈنلەرردە ئاللانىڭ خاسىيىتىنىڭ دەلىلى بولۇپ تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ مۇئەللەف بولۇپ ئىسلامغا كىرىشىغا سەۋەبجى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس !
|