- تىزىملاتقان
- 2012-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1720
- نادىر
- 0
- يازما
- 75
ئۆسۈش
  72%
|
بۇ تىمىنى تەرجىمە قىلىپ بەك ياخشى قىلىپسىز ،ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !بۇ خىل تىمىغا مەن بەك قىزىقاتتىم ،شۇغىنىسى سىزدەك چوڭقۇر ئىلىمگە ئىگە ئەمەسمەن .شۇنداقتىمۇ بۇ توغرىدا ئويلىغانلىرىمنى سىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن .ئەگەر دە مئىراج راستلا ئالىملار پەرەز قىلغاندەك قۇرت تۈشۈكىگە ئوخشاشراق بۇلۇپ بىر بېشى يەرشارىدا يەنە بىر بېشى تاشقى پىلانتتا بولسا ئۇ ھالدا ؛زۇلقەرنەين ياشاۋاتقان كۈنلەردە يەجۇج-مەجۇجىلار بۇ تۈشۈكنى (ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن زۇلقەرنەين چوڭ بۇلۇۋاتقان ئاشۇ دەۋردە ) ئەمدىلەردىن بايقاپ دەسلىپىدە بەلكىم نەچچە ئونى بۇ قۇرت تۈشۈكى ئارقىلىق يەر شارىغا كىلىپ شۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا بۇلارنى كۆرگەن ئىنسانلار قورقۇپ پىتراپ قاچقان بۇلۇشى ،يەجۇج-مەجۇجىلار ئەسلى تەبىئىيتى بۇيۇچە بۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يەنە ئۆز پىلانىتىغا قايتىپ كەتكەن ۋە پات -پات كىلىپ بۇزغۇنچىىلىق قىلىشىغا چىدىمىغان يەرلىكلەر قارشىلىق كۆرسىتىش جەريانىدا ئۇلارغا ئوقيا ياكى قىلىچ كار قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئامالسىز قالغان چاغلىرىدا زۇلقەرنەين بۇ يەرلەرگە قۇشۇن تارتىپ كىلىپ قالغان (ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەلبەتتە ) ۋە ئەھۋالنى ئۇقۇپ يەرلىكلەرنىڭ تەلىپى بۇيۇچە يەر شارىدىكى چىقىش ئېغىزىغا توسما سېلىپ بىرىشنى قارار قىلغان بۇلۇشى مومكىن.«يەجۇج-مەجۇجىلارغا قىلىچ ،نەيزە ،ئوقيا ، كار قىلمايدىغانلىقى توغرۇلۇق مەزمۇنلار بار .»يەنە بىرسى ئەگەر راستلا شۇنداق بولمىسا زۇلقەرنەين شۇنچە زور قۇشۇنى تۇرسا ئەجىبا ئۇلار بىلەن ئۇرۇشماي سىپىل سېلىپ تۇسۇپ بىرەرمۇ ؟! مىنىڭچە يەر شارىدىكى ئېغىزىغا سىپىل سېلىشقا كىتەرلىك تۈمۈرلەرنى يىغىشقا ۋە دۈۋلەشكە شۇ دەۋردىكى ئەمگەك قۇراللىرى ۋە ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن ىېلى كۆپ ۋاقىت كەتكەن بۇلۇدۇ .بۇنداق بولغاندا سىپىل پۈتكىچە بولغان ۋاقىت ئچىدە ۇلار بۇتەرەپكە يېقىنلاشمىدى دىگەن گەپ . دىمەك بۇ قۇرت تۈشۈكىدىن بىر قەدەم بىلەن ئەمەس بەلكى مەلۇم بىر جەريان بىلەن ئۆتكىلى بۇلۇشى مومكىن . |
|