- تىزىملاتقان
- 2011-10-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 462
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
  81%
|
XIRAQ يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 14:08 
ما جاھاننىڭ ئىشلىرنى ، ئىسىت قۇربان بولاپ كەتكەن دەم ئ ...
ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پۇشايمان قىلىپ قالدىم. سەۋەبلىرى كۆپ : 1. تەمىنات تۆۋەن ، باشقا مەمۇرى ، كەسپىي ئورۇنلارغا تارقىتىلىدىغان مائاشتىن سىرت پۇللار بىزدەك مائاشتىن باشقا كىرىمى يوق ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇنتۇپ قالدى ھەم ئۇنتۇپ قىلىۋاتىدۇ . 2. مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇتۇشتىن باشقا نۇرغۇن ئاخىرى چىقماس خىزمەت ھەم ئۆگىنىشلەر ئارقا - ئارقىدىن ، ھەتتا بەسلىشىپ دېگۈدەك پەيدا بولۇپ ، بىزلەرنى قىيناۋاتىدۇ . 3. دەرسىلىك قىلىپ ئۆتۈۋاتقان دەرسلىك كىتابلىرىمىزدىكى ئۇلۇغ ھەم قۇرۇق بىلىملەرنى تەلەپ بويىچە ئۆتكەن ، ئوقۇغۇچىلار تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان بولسىمۇ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىغا ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى جان بىقىشىغا ئەسقاتمايۋاتىدۇ . 4 . بۇ يىلدىن باشلاپ مەكتەپلىرىمىزگە ئورنىتىپ بېرىلگەن پار قازانلىرى كىچىك كىلىپ ، ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەندىن باشلاپ كەچكىچە دىرىلدەپ تېتىرەپ تۇرۇپ دەرس ئۆگىنىۋاتقان بولسىمۇ ، بۇنىڭغا قارىتا ياكى باشلىقلىرىمىزدىن ياكى شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن « ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق توڭلاپ تۇرۇپ دەرس ئوقۇشى نېمە سەۋەبتىن ، كىم سەۋەبچى ، نېمىشقا تۈزەلمەيدۇ ... » دېگەندەك سادالار چىقمايۋاتىدۇ . 5. تۈرلۈك باھالاشلاردا مۇنبەردىن ئايرىلماي ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شۇ بىچارە ئوقۇتقۇچىلار چۈشۈپ قىلىپ ، بىكار ياتقان گىردە يەۋاتىدۇ .... ؛ دەپ كەلسەم گەپ جىق . كونىلار سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن دەپتىكەن ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەل بولۇپ ، بىزلەرنىڭ ئىچ - ئىچىمىزدىن كۈلۈپ ، خۇشال كەيپىيات بىلەن ئوقۇتۇش ئىلىپ بارىدىغان كۈنلىرىمىزمۇ بولۇپ قالار . |
|