- تىزىملاتقان
- 2011-4-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4704
- نادىر
- 1
- يازما
- 205
ئۆسۈش
90.13%
|
«يۇقىرى بېسىملىق توك»قا ئۆزەڭنى ئاتما
جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى: مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرى تەپتىش مىنىستىرلىكى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: بۇيىل 5-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرى تەپتىش نازارىتى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ھەسەنجان گايىت (بۇندىن بۇرۇن كورلا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كورلا شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىدى) نىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، پارتىيىلىكتىن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن چىقىرىۋېتىپ، جىنايەتكە چېتىلىدىغان گۇمانلىق مەسىلىلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇندى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، كورلا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ سابىق مۇدىرى مەھمۇت مەھەممەت، كورلا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى جاڭ يۈجياڭ، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئەيسا موسا، كورلا شەھەرلىك ئۆي-زىمىن چېقىش ۋە تولۇقلىما باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى چياۋ جيەنپىڭ، كورلا شەھىرى تېكىچى يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابلىز كېرەم قاتارلىق بەش كىشىنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش گۇمانىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرى تەپتىش نازارىتى بۇ بەش كىشىنى دېلو تۇرغۇزۇپ مەركەزلىك تەكشۈردى، تەكشۈرۈشچە: مەھمۇت مەھەممەت قاتارلىق بۇ بەش كىشى خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ قېتىم قانۇنسىز سودىگەرلار ئۆي چېقىش جاريانىدا بەرگەن نەق پۇلنى ئالغان، دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىگەللىۋېلىش، چېقىلىدىغان ئۆيگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما پۇلنىڭ ئۆلچىمىنى قائىدىگە خىلاپ ئۆستۈرۈش، چېقىلىدىغان ئۆينىڭ كۆلىمىنى يالغان مەلۇم قىلىش، چېقىلىپ تولۇقلىما پۇل ئېلىپ بولغان ئۆيدىن تەكرار چېقىش تولۇقلىما پۇلى ئېلىش، قانۇنغا خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلارغا دۆلەتتىن تولۇقلىما پۇل ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، دۆلەت ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سالغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئىنتىزام تەكزۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرى تەپتىش نازارىتى بۇ بەش كىشىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇپ بېرىشنى قارار قىلدى. مانا بۇ ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەز ئوتتۇرغا قويغان «يولۋاس بىلەن چىۋىننى تەڭ يوقۇتۇش» تىن ئىبارەت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرىنى قاتئىي ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئاممىۋىي لۇشەندە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ئىرادىسىنىڭ ئىنتايىن چىڭلىقىنى بىلدۈرىدى |
|