بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-21 12:06
: ساتۇرننىڭ ھەمرايى تىتاندىكى كۆل ۋە دېڭىزلىرىنىڭ رەسىمى
بىلىمخۇمار
2013-يىلى 20-دىكابىر
ناسا دىكى مۇتەخەسسىسلەر ئالەم ئۇچقۇرى «Cassini» ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ تارتقان رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈپ، ساتۇرننىڭ ھەمرايى تىتان ئۈستىدىكى كۆل ۋە دېڭىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر چوڭ رايوننىڭ رەسىمىنى قوراشتۇرۇپ چىقتى. تىتان قۇياش سىستېمىسىدىكى يەر شارىدىن باشقا بىردىن-بىر يۇزىدە تۇرغۇن سۇ كۆللىرى ۋە دېڭىزلىرى بار كائىنات جىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كۆل ۋە دېڭىزدىكىسى ھىدروكاربوندىن تەشكىل تاپقان. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى تىتاننىڭ سۇ كۆلى ۋە دېڭىزلىرى بار رايونىنىڭ كىرىشتۈرۈلگەن كۆرۈنىشى بولۇپ، سۇ كۆللىرى ئىگىلىگەن رايوننىڭ كەڭلىكى 900 كىلومېتىر، ئۇزۇنلىغى 1800 كىلومېتىر كەلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھېسابلاپ چىققان مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، تىتاندىكى سۇ زاپىسىنىڭ مىقتارى 9000 كۇبىك كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارىدىكى نېفىت زاپىسىنىڭ 40 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
ناسا مەركىزى JPL دىكى رادار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ستىۋ ۋول (Steve Wall) مۇشۇ تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقانلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
http://www.nasa.gov/jpl/cassini/ ... 2.html#.UrORL_RDvQp
سىن ھۆججىتى:
https://www.youtube.com/watch?fe ... edded&v=RrGPtCdItBw
رەسىم:
http://www.nasa.gov/sites/defaul ... public/pia17655.jpg
http://www.nasa.gov/jpl/cassini/titan-colorized-mosaic-pia17655/

|