- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2073
- نادىر
- 0
- يازما
- 216
ئۆسۈش
  2.43%
|
يەنە شۇنىمۇ دېگۈم كەلدى ، ئاينىڭ ئوربېتىلىق ھەركىتى سەۋەبلىك ، غەرىپكىرەك جايلاشقان دۆلەتلەردە بەزى يىللىرى رامزان ، ھېيىت قاتارلىقلار بىر كۈن بۇرۇن كىرىپ قالىدۇ ( لازىم بولسا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن ) ، ئادەم ھازىرچە نورمال ياشىغىلى بولمايدىغان قۇتۇپ چەمبىرى ئىچىدىكى رايونلاردا قۇتۇپ كېچىسىدە رامزان كىرىپ قالسا ، بۇ رامزاننى تۇتىدىغان پۇرسەت يوق ، قۇتۇپ كۈندۈزىدە رامزان كىرىپ قالسا رامزان تۇتىمەن دېسىڭىز ئۆلۈمدىن باشقا يول پەقەت نورمال رايونلارغا بېرىپ ئىپتار قىلىش . تاسادىبى كەلگۈسىدە مارستا ياشاپ قالسىڭىز ، نېمىنىڭ ھەركىتىگە قاراپ رامزان تۇتىسىز ؟ ئايغىمۇ ياكى مارس ھەمرىيىغىمۇ ، ئەگەر ئايغا قاراپ تۇتسىڭىز يەنىلا بولىدۇ ، لېكىن يەر شارىدىكىدىن سەل پەرىقلىنىدۇ . مارسنىڭ ھەمرىيىغا قاراپ تۇتىمەن دېسىڭىز ئىككى ھەمرىيى بار ، قايىسسىغا قارايسىز ؟ تىتانغا چىقىپ قالسىڭىز ئاي قاملاشمايدۇ ، قاملاشتۇرالىسىڭىزمۇ كۈندە تېلېسكوپقا قاراپ ئىپتار قىلىسىز ، ھەمراھ دېسىڭىز تىتاننىڭ ئۆزى بىر ھەمراھ . شەخسەن مەن دىننى ئالەمگە سۆرەپ چىقىشنى ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن . |
|