- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9270
- نادىر
- 2
- يازما
- 953
ئۆسۈش
  85.4%
|

بۈگۈن دەم ئالغان ئىدىم .كومپىيوتىر ئالدىدا ئالدىدا ئۆز ئىشلىرىم بىلەن تۇرسام http://paraset.taobao.com/ نىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ چ چ دىن ئۇچۇر كەلدى.ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە قىتىم پاراڭلاشقان بولغاچقا جاۋاب قايتۇردۇم.قارىسام كارتام ۋاقىتلىق توختاپ كەتتى.بىرسى ماڭا پۇل سالماقچى ئىدى كارتاڭلىنىڭ نومورنى دەپ بەرسەڭلا پۇلنى سىلىنىڭ كارتاڭلىغا توردىن پۇلنى يۆتكەپ بەرگەن بولسا دىدى.مەن كارتا نومورنى يوللاپ بەرسەم ئىسىم بىلەن كىملىك نومورىمۇ كىتىدىكەن .ئۇ بالا بىلەن نەچچە رەت پاراڭلاشقان بولغاچقا گۇمان قىلماي يوللاپ بەردىم .يولاش مەغلۇپ بولدى باشقا كارتا بارمۇ دىدى.مەن ئامانەت قەرزنىڭكىنى دەپ بەردىم .شۇ ئارلىقتا 30 سومدىن ئىككى رەت پۇل تۇتىۋالدى ...
مەن ئۇنىڭغا پۇل تۇتىۋالدى بۇ ئىشنى قانداق قىلىمىز ،ماڭا بىردىن بىكار زىيان بولسا بولماس دەپ ئۇچۇر يوللىدىم.ئۇنىڭغىچە باشقا كارتا بارمۇ دەپ يوللاۋەردى.مەن بولسىمۇ دەپ بەرمەيمەن ،ئاۋۋال ئاۋۇ پۇلۇمنى كەرتامغا ئۇرۇپ بىرىڭلا دىسەم جاۋاب قايتۇرماي بىردەمدىن كىيىن توردىن چۈشۈپ كەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم ئەمما ئۇ بۇ ئىشلارنى ئۇقمايدىكەن.چ چ رىمنى ئوغرىلىۋاپتۇ.دىدى ...
بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلغۇلۇق.كارتىنىڭ مەخپى نومورنى بىلمىگەن ئەھۋالدا بۇ كارتىدىكى پۇلنى قانداق ئوغورلىۋالىدۇ .پەقەت چۈشىنەلمىدىم.بۇ ئىشنى قاندق بىر تەرەپ قىلىشنىمۇ ھازىرچە بىلمەيمەن.
لىكىن دوسلارغا تىلىفۇن ۋە چ چ قاتارلىقلاردا مۇشۇنداق ئۇچۇر كەلسە ئىھتىيات قىلغاي.بەلكىم سىزنىڭ سۆزگىنىڭىز ياكى ئاكا-ئىنىڭىزنىڭ تىلفۇنىدىن ياكى چ چ دىن كىلىپ قىلىشى مومكىن بۇنداق ئۇچۇر .
دوسلار دىققەت قىلغاي
|
|