- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1874
- نادىر
- 0
- يازما
- 184
مېنىڭ دۇنيا قارىشىم: پەقەت ئىسلام بويىچىلا مېڭىش. چۈنكى بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغىنى پەقەت ئىمان ۋە ھىدايەت.
تىرىشچان ئەزا
ئۆسۈش
  87.4%
|
شۇڭا مەن ئادەتتە ئىككى خىل كارتا ئىشلىتىمەن. بىرىگە، تور كەسپى، قىسقا ئۇچۇر كەسپىنىمۇ ئاچقۇزماي، ھەتتا كارتىغا باغلانغان تېلېفون نومۇرىغىمۇ ئاپام ئېچىۋاتقان ماگىزىندىكى كۆچمە نومۇرلۇق ئاممىۋى تېلېفوننى قىلىپ قويغان. ئۇنىڭ پارولىنى تۆت ئايدا بىر قېتىم ئۆزگەرتىمەن ھەمدە ئۇنىڭغا ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمايدىغان «خەن سۇلالىسى قۇرۇلغان-يىمىرىلگەن ۋاقتى»، «زوردۇن سابىرنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى» دېگەندەك پاروللارنى كىرگۈزۈپ قويىمەن، ئۇ كارتىغا ئىشلەتكەن پارولنى باشقا ھەر قانداق ئورۇندا ئىشلەتمەيمەن. بۇ كارتىغا ئۆزۈمنىڭ ۋە ئائىلىنىڭ نەق پۇللىرىنى قويىمەن.
يەنە بىرى، پوچتا بانكىسىنىڭ «تاۋباۋ كارتىسى» دېگەن ئامانەت كارتىسىنى بىجىرىپ تور كەسىپلىرىنى ئېچىۋەتكەن. ئۇنىڭدا ئادەتتە نەچچە مو ئەتراپىدىلا پۇل تۇرىدۇ. مەيلى نەرسە-كېرەك، مەيلى ئايروپىلان-پويىز بېلەتلىرىنى توردا سېتىۋېلىشتىن نەچچە سائەت بۇرۇن ئاندىن پۇل ئۇرىمەن. ھەم پارولىنىمۇ ئانچە مەخپىي تۇتۇپ كەتمەيمەن.
ئىشقىلىپ، بىخەتەرلىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرسىلا ئاۋارىچىلىق ۋە زىياندىن ساقلانغىلى بولىدۇ. |
|