- تىزىملاتقان
- 2013-12-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 416
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
58%
|
ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى ساغلاملىق مەسىلىسى
ھەر يىلى دۇنيادا 10 مىليوندىن ئارتۇق بالىلار 5 ياشقا كىرمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ، لېكىن ئۆلۈش سەۋەبى كۆپىنچىسى ۋاكسىن ئۇرۇش بىلەن ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان كىسەللەر، ياكى ۋاقتىدا داۋالىسا ساقىيىپ كېتىدىغان كىسەللەر بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلار پاكىز بولمىغان مۇھىتتا تۇغۇلۇش، ۋاكسىنا ئۇرغۇزالماسلىق، نامراتلىق، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىلىمسىزلىكى، ۋاقتىدا داۋالىنالماسلىق، ئاچارچىلىق، ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسپىتى دىيارىمىز بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، چۈنكى يۇقارقى ۋاكسىنا ئۇرغۇزالماسلىق، نامراتلىق، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىلىمسىزلىكى، ۋاقتىدا داۋالىنالماسلىق، ئاچارچىلىق، ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك قاتارلىق سەۋەپلەر بىزدە كۆپ كۆرىلىدۇ. ئۆلۈپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇيغۇر بالىلىرى كىسەل سەۋەبىدىن ئاجىز، مېيىپ، ۋىجىك، پاكار، ئورۇق، سۈپەتسىز چوڭ بولىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئېغىر. يۇقارقى ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ 80 پىرسەنتى ئولتۇراقلاشقان دىيارىمىزنىڭ جەنۇبىدا تېخمۇ ئېغىر.
شۇڭلاشقا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتىش، كىسەل بولۇش نىسپىتىنى ئازايتىش، بەدەن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى جىددىي ھەل قىلىش كېرەك:
بالىنى دوختۇرخانىدا تۇغۇش: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىنتايىن ئازجىز بولۇپ، بالىنى پاكىز تۇغمىغاندا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ، ئاددى ياللۇغلىنىش ياكى بىر زۇكام بولسىمۇ پۈتۈن بەدەنگە تارقاپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.ۋاختىدا ۋاكسىنا ئەملىتىش: نۇرغۇن يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.قىزىتىش، يۆتەل، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئاددىي كىسەللەرنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ ئېغىرلاپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
بالىلارنى ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش: ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىدا ئىلمىي بولمىغان ئوزۇقلاندۇرۇش ئادىتى ئېغىر، ھەر خىل ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان ئازلىق، راخت كىسىلى، ۋىتامىن ئا كەمچىللىك قاتارلىق ئوزۇقلۇنۇش كىسەللىكلىرى كۆپ كۆرىلىدۇ. ئوزۇقلۇق ئىلمىي بولمىغاندا بالىلار ئاجىزلاپ، ئۆپكە ياللۇغى، ئىچى سۈرۈش، يۇقۇملۇق كىسەل قاتارلىق كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتى يۇقۇرىلايدۇ، ئۆلۈش نىسپىتىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىشىپ كېتىدۇ.
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلار ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلمەيدۇ ھەم ئۈگەنمەيدۇ. ئۈگىنەي دىسە ئۈگىتىدىغان ئادەم يوق، ماتىرىيال ئىزدىسە مەنبە يوق. ئاتا-ئانىلارغا بالىلار ساغلاملىق بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر.
|
|