- تىزىملاتقان
- 2013-9-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 676
- نادىر
- 0
- يازما
- 67
ئۆسۈش
  35.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izdan2007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-16 13:19
مىنى باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆچۈرۈپتۇ دىمەڭ !چۈنىكى قىرندىشمىز gulamay ناھايتى توغرا دەل كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى يېزىپتۇ. بۈگۈن بۇ ماقالىنى كۈرۈپ ھەجەپ سۈيۈندۈم.رەخمەت.ناھايىتى ئىسىل تىما يوللاپسىز.بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز.بالىلىرىمىزغا كۈيۈنۈش،بالىلىرىمىزغا كۈڭۈل بۈلۈش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز.پەرزەنت ئاللانىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ ئىسىل سوۋغىسى.دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئىسىل،قىممەتلىك سوۋغا بولماس!.ئەلۋەتتە بۇ سوۋغىمىزنى قوغداش ،پەرۋىش قىلىش ھەر بىر ئاتا ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتى.بالىنى تىپىپ قۇيسىلا ،تۇغۇپ قۇيسىلا چوڭ بولۇپ قالمايدۇ.
توردىشىمىز پولاتتەك پاكىتلار بىلەن ،جانلىق ئىستاتىسكىلار بىلەن كۈرسىتىپ بەرسىمۇ ،بىزنىڭ بىر قىسىم تورداشلىرىمىز، نىمىنى ئويلايدىغاندۇ،نىمىنى كۈرىدىغاندۇ بىلمىدىم .ھەيرانىمەن.ھىچ بولمىسا قايسى باشلانغۇچقا ياكى قايسى بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە بىرىپ بىقىڭ ،بىزنىڭ بالىلىرىمىز بىلەن خەنزۇ بالىلارنىڭ بوي ئىگىزلىگىنى سىلىشتۇرۇپ باقسىڭىزلا بىلىسىز.بىز تارىختا قانداق ناملار بىلەن ئاتالغان،بۇرۇنقى دولان ئادەملىرىنىڭ بويىنىڭ ئىگىزلىگىنى بىلەرمىز؟مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئوزۇقلۇق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.مۇنداق دىسەم يەنە باشقىچە پىكىردە بولىدىغانلا تۇرغان گەپ.لىكىن ھازىرقى شەرت شارائىتىمىز ،ھاۋا،ئوزۇقلۇق بۇرۇنقىغا ئوخشاشمۇ؟كىشىلەرنىڭ تەن ساپاسى بۇرۇنقى ئادەملەرگە ئوخشاشمۇ؟ قىرىنداشلىرىم جايىللىق قىلماي،زامانغا بىقىپ ئىش كۈرەيلى.ۋاكسىنا ئۇرۇش قانداقتۇ سىياسى ۋەزىپە ئەمەس.ئۇ خەلقئارادا بىكىتىلگەن، بولۇپمۇ قالاق،ئارقىدا قالغان،ياكى تەرەققى قىلىۋاتقان دۈلەتلەرگە ،خەلقئارا سەھىيە ئورۇنلىرىدىن مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ ،قۇرامىغا يەتمىگەن باللارنىڭ، ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىغا ئاجراتقان خىراقىتىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ھازىر قايسى دەۋردە ياشاۋاتىمىز،قانچىنچى ئەسىر؟ئۈزىمىزگە ئىلمى مۇئامىلە قىلايلى.بولۇپمۇ نارىسىدە بالىرىمىزغا. مۇشۇنداق نادىر يازمىلارنىڭ كۇپلەپ چىقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن |
|