- تىزىملاتقان
- 2013-11-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2171
- نادىر
- 0
- يازما
- 255
ئۆسۈش
  5.7%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا YAVUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-23 18:00
almahan يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 19:07 
مەن ئۇيغۇرتىلىنىڭ تىخمۇ راۋاجلىنىشى ۋە باشقىلار تەرپى ...
ئەمەلىيەتتە،تىل قانۇنىيىتى بويىچە ئېتقاندا،ئۇيغۇر تىلىمىز دىئالىكتلارغا بۆلۇنمەيدۇ.دىئالىكت دېگىنىمىزـــــــ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ،بىر خىەلىقنىڭ جۇغراپىيىلىك رايون پەرقىي تۈپەيلى ،مەلۇم تار مەنىدىكى كۈلتۈر،مەدەنىيەت ئورتاقلىقى ئاساسىدا تىلنىڭ بولۇپمۇ لىكسىكا ۋە فونىتىكىدا بىرقەدەر پەرەقلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان تارمىقىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە بولغاندا،ھازىرقىي زامان تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىنى بىر چوڭ تىلنىڭ ئوخشىمىغان دېئالىكتلىرى ،دېسەك تېخىمۇ رىئاللىققا ئۇيغۇن بولامدىكىن.دەپ قارايمەن.مەسىلەن،تۈركىيە تۈركچىسى،ئازەرىي شىۋىسى،تۈركمەن شىۋىسى قاتارلىقلارنى ئوغۇز دىئالىكتى؛ئۇيغۇر،ئۆزبېك،سالار،سېرىق ئۇيغۇر شىۋىلىرىنى غەربىي ئۇيغۇر[قارلۇق]دىئالىكتى؛قازاق ،قىرغىز،تاتار،باشقۇرت،بالقارشىۋىلىرى قاتارلىقلارنى قىپچاق دىئالىكتى؛تۇۋا،خاكاس ،قوڭرات[بۇلار سىبىرىيەدە]تىللىرىنى شەرقىي ئۇيغۇر دىئالىكتى؛يىراق شەرقتىكى ساخالارنى ئايرىم بىر دىئالىكت،ۋولگا ئەتراپىدىكى چۇۋاشلارنى ئايرىم بىر دېئالىكت دېسەك موۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن.شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈركى تۈك تىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق،خەن تىل-دىئالىكتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن كۆپ كىچىككەن.مەسىلەن ،شاڭخەي شىۋىسى بىلەن بېيجىڭ پۇتۇڭخۇاسىنىڭ پەرقى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن قازاقچىنىڭ پەرقى بىلەن ئوخىشاشكەن.[مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس ۋە تۈركولوگ گڭ شىمىڭ شۇنداق كۆرسەتكەن].خەن تىللىرى 147خىل دىئاللىكتقا بۆلۇنىدىكەن.بىنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭ،كىجيا،مىن ۋەجىجىياڭ تىلى قاتالىق تىللار پۇتۇڭخىادىن ئىنتايىن زور پەرقلىنىدىغان بولۇپ،مەخسۇس تەرجىمانسىز پىكىر ئالماشتۇرۇش قەتئىي مۇمكىن ئەمەسكەن. |
|