- تىزىملاتقان
- 2013-10-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 932
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
  86.4%
|
تىل ئۈگۈنۈشكە كەلگەندە ئۇيغۇر تىلىمىزدەك يېقىشلىق ۋە ئاسان ئۈگەنگىلى بولىدىغان تىل يوقمىكىن دەپ قالىمەن. 32 ھەرپنى ئۈگۈنىۋالساقلا ھەرقانداق ماتىرىيالنى كۆرۈپ چۈشۈنەلەيدىكەنمىز.
ئەمما ما خەنزۇچىدا خۇدايىم بار ساناپ باقمىدىم لېكىن، ئۈگەنسە-ئۈگەنسە تۈگىمەس خەتنىڭ جىقلىقىدا، بىر ھەرپنى تېخى تـۆت خىل ئاھاڭدا توغرا تەلەپپۇز قىپ ئوقىمىسا خەتنىڭ مەنىسى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ تېخى. ۋاي-ۋاي...
كەسپ تىلىنى تېخى ئايرىم ئۈگۈنىدىغان گەپ تېخى.
خەنزۇچە ئوقۇغانلار كىتاپتىن بېشىمىزنى كۆتۈرەلمەي ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك بىلىنىپ كەتكەن.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن، ھازىر شىنجاڭنىڭ نەرىگە بارسا خەن يولداشلار ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناپ ھارمايدىكەن.
بۇ خەنلەر ئۇيغۇرچە ئۇسۇلىمىزغا بۇنداق ئامراق بولغاندىكىن، ما ئۇيغۇر تىلىمىزنى ۋە يېزىقىمىزنىمۇ بىر ئۈگۈنۈشكە بىر قىزىقىپ كەتكەن بولسىتى بىر.
ئۇ چاغدا، ئۆزلىرىنىڭ ئا قۇمدەك خەتلىرىنى ئۈگۈنۈشكە كەتكەن ۋاقتىنى تېجەپ قالالايتتى دەپ تازا خام-خىياللارنى تازا سۈرۈپ كېتىمەن... تازا سۈرۈپ كېتىمەن....
ئەگەر مۇشۇنداق بولۇشىنى ئويلىساق، ئۇيغۇر مائارىپى بىر گۈللىنىپ كەتكەن بولسا، ساپالىق بىلىملىك ئۇيغۇرلىرىمىز كۆپىيىۋەرگەن بولسا، ئۇندىن قالسا، ئۇيغۇر نوپۇسىمىزمۇ بىر كۆپىيىپ كەتكەن بولسا، بىر كۈنلەر ئۇيغۇر تىلىمىز جوڭگو دۆلەت تىلىمىز بوپ كەتسە، خەنلەرمۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى بىر قوللىنىپ كەتسە، ما جوڭگوچىلىقتىكى خەنلەردىكى نوپۇس كۆپ ئادەم ئاز بولۇشلارغا بىر خاتىمە بەرگەن بولسا.....ھەي تاتلىق خىياللار... |
|