- تىزىملاتقان
- 2012-8-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3962
- نادىر
- 0
- يازما
- 303
ئۆسۈش
65.4%
|
بىلىمخۇمار ئاكىغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ! مىللەت ئۈچۈن كۆپ باش قاتۇرۋاتقان ئىلىم يولىدا توختىماي ئىزدىنىۋاتقان بىلىمخۇمار ئاكىمىزدەك مەرىپەت ئىگىلىرىگە ئاللاھ ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي ، ئارىمىزدىن مىللەت ئۈچۈن ھەقىقى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان ، ئىزدىنىدىغان ، يىراقنى كۆرەر ئىستىدات ئىگىلىرى كۆپلەپ يېتىشىپ چىققاي ، بارلىق قېرىنداشلار ئەڭ ئالدى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ بىلىم ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئېسىل ئەننئەنىسى ئۇنتۇپ قالمىغاي ، بەلكى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا تېخىمۇ كۈچىيىپ بارغاي !
يەھۇدىلارنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىنى كۈچەيتكەنلىكى ھەققىدىكى بۇ بىلىملەرنى بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن نوپۇزلۇق مۇنبەرلەرگە يوللاۋاتقانلىقى سەگەك كىشىلەرگە ئايان . مېنىڭچە ، مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى يوللاپ ، مىللەتنى قانداق قىلغاندا قۇدرەت تېپىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى تاپقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىشكە ، تەرەققى قىىلغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىشكە دالالەت قىلىش ئەل غېمىنى يەيدىغان ، ئۆز ئېلىنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا ھەرۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر ، بىلىمخۇمار ئاكا ، تاشپولات ئاكىغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قولىدىن كېلىدۇ .
بىز ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىشىمىز ، ئۇلارغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار تىلىشىمىز زۆرۈر .
يەھۇدىلارنىڭ ئارىدىن بىرسى قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ، ئۆملۈك ئىناقلىقنى تەكىتلەيدىغانلىقى ، ئىلىم ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .
ئۆتكەندە شۇنداق بىر ۋەقەنى ئاڭلىدىم ، مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىگە دەرس بېرىدىغان بىر پىراكتىكانت ئوقۇتقۇچىنى قاتتىق ئۇرغان ، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى چاقىرغاندا دادىسى كەلگەن ، بۇ دادا خىجىل بولماقتا يوق ، ھېچقانداق ئىپادىسىز تۇرغان ....
ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان ھەتتا كەمسىتىدىغان مۇشۇنداق ئىشلار بىزدە كۆپ ، بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟ ئىلىم ئىگىلىرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان كىشىلەر بىلىمنى ھۆرمەت قىلارمۇ ؟ بىلىم ئىگىلىرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ئادىمىلىكمۇ ؟ بالىلىرىنى ئوقۇتمايدىغان ئىشلار بىزدە ھېلىھەم مەۋجۇت ، تېخى قايسى كۈنىلا 10 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بالىنىڭ ھەپتە ئارىلىقىدا كوچىدا ئاياغ مايلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولدى .
بەلكىم بۇنداق بالىلار بىزدە خېلى كۆپ بولسا كېرەك ؟ 21- ئەسىردىمۇ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان بالىلىرىمىز ئوقۇشسىز قېلىۋاتسا بىزنىڭ تەقدىرىمىز قانداق بولار ؟!
|
|