موڭغۇلىيەدىكى خوتۇنلار كىم
خوتۇنلار بەزىلەرنىڭ قەلىمىدە خوتتىنلار،خودۇملار دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ ،بەزى يازمىلاردا ھەتتا موڭغۇلىيەدىكى بىر ئايرىم تۈركىي تىللىق مىللەت قىلىپ قويۇلغان.ئۇنداقتا خوتۇنلار كىم.بۇھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ بولسىمۇ ،بىرقىسىم قېرىنداشلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
1950يىللاردىن 1960يىلارغىچە بولغان ئارلىقتا ئاساسەن سىياسىي بوران -چاپقۇن تۈپەيلى،بىرقىسىم ئۇيغۇرلاردا دىيارىمىز تەۋەسىدىن تاشقىي موڭغۇلغا قاراپ ،كۆچۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.[كىچىك كۆلەمدە].بۇجەرياندا ئۇلار موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي رايونلىرىغا كۆپرەك ئورۇنلاشقان بولۇپ،ئاساسەن قوبدو،ئۇلاستاي قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە يەرلەشكەن.ئۇلار موڭغۇلىيەدە يەرلىكلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ،دېھقانچىلىق،ھۈنەر-كەسىپ ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇ مەزگىللەردىكى موڭغۇلىيە ئېگىلىكىمۇ پۇتۈنلەي دېگۈدەك چارۋېچىلىقنى ئاساس قىلغاچقا،ئۇيغۇرلار ئېلىپ كەلگەن بۇخىل كۆپ خىل ئېگىلىك مەدەنىيىتى خۇددىي بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئىلغار مەدەنىيەت ،يېڭىلىق سۈپىتىدە قارشى ئېلىنغان.
بۇجەرياندا ئۇيغۇرلار يەرلەشكەن جايلىرىدا نۇرغۇن مەھەللىلەرنى شەكىللەندۇرگەن بولۇپ،ئاساسەن توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىمۇ نۇرغۇن ياردەملەرنى بەرگەنلىكى مەلۇم.يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلقىغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن نۇرغۇن زېمىن ئاجرىتىپ بېرىلگەن بولۇپ،ھەربىر ئۇيغۇرغا ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەكلا بولسا قانچىلىك يەر دېسە ئاجرىتىپ بېرىلگەن.ئۇلار موڭغۇللار بىلەن ئېناق -ئىتتىپاق ئۆتۈپ،موڭغۇللارنىڭمۇ قىزغىن دوستلىقىغا ۋە ھۆرمىتگە سازاۋەر بولغان.ۋە بىرقىسىملىرىمۇ موڭغۇللار بىلەن ئائىلە قۇرغان.شۇنداق قىلىپ بۇلارنىڭ نوپۇسى بارا-بارا كۆپىيىپ بېرىشقا باشلىغان.
موڭغۇللار ئۇيغۇرلارنى بۇرۇندىن تارتىپ ''خوتۇن''دەپ ئاتاپ كەلگەن،ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.[ئەمما نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋە خېلى كۆپ زىيالىلىرىمىزنىڭمۇ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى مېنى ھەيران قالدۇردى] بۇ موڭغۇل تىلىدىكى شەھەر،مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ''خوت''سۆزىدىن تۈرلىنىپ كەلگەن بولۇپ،موڭغۇلچىدىكى مەنىسى ''شەھەرلىكلەر''دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.شۇڭا موڭغۇلىيەدىكى شۇ كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ خوتۇن ،دەپ ئاتالغىنىنى بىلگەن بىرقىسىم زىيالىلىرىمىز،ئوبدان ئىزدىنىپ كۆرمەيلا ،ئۇلار نى خوتەندىن كۆچۆپ موڭغۇلىيەگە بارغان ئۇيغۇرلار بولىشى مومكىن دەپ خاتا يەكۈن چىقارغانلارمۇ بولغان.بەزىلەر بولسا بۇلارنى ئايرىم تۈركىي مىللەت سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ زور خاتالىققا يول قويغان.بىلىپ قويۇش كېرەككى موڭغۇللار دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ''خوتۇن''دەپ ئاتايدۇ.
موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى سىياسىي بوران چاپقۇنلاردىن كېيىن، ھۆكۈمىتىمىز موڭغۇلىيەدىن شىنجاڭغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كىتىشنى قارارقىلدى.ۋە ھەرخىل قاتىق-يۇمشاق ۋاستىلەر بىلەن بىرقىسىملىرىنى قايىل قىلىپ ،ئۇچ تۈركۈمگە بۆلۈپ موڭغۇلىيەدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلدى.بۇجەرياندا ئۇلارغا بېىيجىڭ قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلدۇردى.قالغان ئازبىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ موڭغۇلىيەدىكى قەدىرقىممىتى ۋە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ''يالۋۇرۇشلىرى'' نى ئويلاپ ،قىلىپ قالدى .ھازىرقىي ئۇيەردىكى نوپۇسى 10مىڭ ئەتراپىدا. |