- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 28046
- نادىر
- 11
- يازما
- 1198
ئۆسۈش
45.12%
|
خوت - مۇڭغۇل تىلىدا شەھەر دېگەننى بىلدۈرىدىكەن. مەسلەن مۇڭغۇللارنىڭ خوخۇخوت دەپ بىر شەھىرى بارغۇ!
قومۇلدا خوتۇنتام دەيدىغان بىر يېزا بار ئىدى، ھازىر نوپۇسى 3000غا يېقىن ھەممىسى ئۇيغۇر. ئاز بىر قىسىم قازاقلارمۇ بار.
مېنىڭ قارىشىمچە، خوتۇنتام دېگەن ئىسىمدىكى تام سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىمىزدا قەلئە، قورغان، سېپىل، شەھەر مەنىلىرىدە ئىشلىنىپتىكەن. بۇ خۇددى ھازىرقى پارىس، ئەرەپ تىلىنىڭ تەسىرىدىن بىزنىڭ سۆزىمىزگە كىرگەن شەھەر سۆزىگە ساپ ئۇيغۇر تىلى ئاتالغۇسى بولغان بالىق سۆزىنى قوشۇپ شەھىرى بالىق دەپ سۆز ياسىۋالغىنىمىزدەكلا خوتۇن+تام =خوتۇنتام بولۇپ قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن. بىراق ، مۇڭغۇللارنىڭ ھەتتا تىبەتلەرنىڭ بىزنى خوتۇن دەيدىغانلىقى بىزگە مەلۇم بولىۋاتىدۇ. خوتۇنتام ئاتالمىسى ئۇيغۇر شەھىرى، ئۇيغۇر قەلئەسى دەپ يەشسەكمۇ بىزگە ئالامچە پايدىسى باركى زىيىنى يوق.
ئۇيغۇر يەر-جاي ناملىرى تېخى ئېچىلمىغان بوز يەر...يۇرتلىرىمىزدا ئايتام، تۆمۈرتام، ئارتام، تاملىق، تۆشۈكتام...قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تام قوشۇلۇپ كەلگەن يەر-جاي ناملىرى ئۇچىرايدۇ. يەنە شۇنىڭدەك خوتۇنسۇمۇل، خوتۇنتام...دېگەندەك ئىسىملار بار. قومۇلدىكى تاغلاردا بىز تېخى بىلىپ بولالمىغان بىلسەكمۇ مەنىسىنى يىشىپ بولالمىغان ئىسىملار كۈرمىڭلاپ يېتىپتۇ. ئاللا ئىگەم مۇقەددەس تاغ، ئۆگۈزلىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسىلا ھامان بىر كۈنى سىرلارنى يېشىدىغانلار يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ياشلىرىمىز ئۆز ئانا تىلىغا پىششىق بولغاندىن سىرت مۇڭغۇل، تىبەت، مانجۇ، خەنزۇ، پارىس، ئەرەپ تىللىرىنى بىلىشى كېرەك ئىدى...
قومۇلدا يەنە قوتوغول ئۇيغۇرشار دەيدىغان بىر تاشلىق شەھەر خارابىسى بار. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئاشۇ ئىسىممۇ كاللامدا ئەگىپ يۈرمەكتە، قوتو سۆزى خوتۇن سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسىمىدۇ؟ ۋە ياكى خوتۇن سۆزىنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى قوتو بولغايمۇ؟...بۇنى ھېچ بىلىپ بولالمىدىم.
ئىشىنىمەن پات كەلگۈسىدە بارچە چىگىش سوئاللار يىشلگەي... |
|