- تىزىملاتقان
- 2011-12-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 460
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
ئۆسۈش
  80%
|
xarik يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 19:50 
قارىغاندا سىز روسلار. گىرىكلار.ئىسپانلار.ياپونلار .ھ ...
مانا قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ پايدىسى، كىشىلەر ئۆز تىلىدا نېمە دەۋاتقانلىقىنى، نېمە ئوقۇغانلىقىنى بىلمىگىدەك ھالەتكە كەپتۇ.
روسلار، گىرىكلار، ئىسپانلار، ياپونلار، ھىندىلار - بۇلار مىللەتنى كۆرسىتىدۇ. رۇسىيە، گىرىتسىيە، ئىسپانىيە، ياپۇنىيە، ھىندىستان دېگەنلەر ئاشۇ ئادەملەر ياشايدىغان دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت بىلەن مىللەت تەڭ ئۇقۇم ئەمەس، تىل ئىستىمالىدا بىر- بىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چىن دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەردە ياشايدىغان ئادەمنى چىنلار ئەمەس چىنلىق دەيمىز. چىن، چىنلار دېگەن سۆزلەردىكى چىننىڭ ئورنىغا جۇڭگۇ دېگەن گەپنى ئالماشتۇرساق جۇڭگۇ، جۇڭگۇلار دېگەن سۆز ھاسىل بولىدۇ. جۇڭگۇدا ياشايدىغان ئادەمنى جۇڭگۇلار دېمەيمىز، جۇڭگۇلۇق دەيمىز، ياكى مىللەت ئايرىمسى بويىچە خەنزۇلار، ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار دەيمىز. چىنلار (جۇڭگۇلار) دەيمەن دەپ تۇرۇۋالسىڭىز ئۇيغۇر تىلىدا پەقەت يەككە، بىردىن بىر بولغان شەيئى - ھادىسىلەرنىڭ نامىنىڭ ئارقىسىغا كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئۇلىمايمىز. جۇڭگۇلار دېسە نەچچە جۇڭگۇ بار؟ئانىلىرىم مېنى تۇققان ۋاقىتتا................. بىر ئادەمنىڭ تۇققان ئانىسى نەچچە بولىدۇ؟ئايلار پېتىپ، قۇياشلار چىققاندا..... كائىناتتا نەچچە قۇياش، ئاي بار؟
روسلار، گىرىكلار، ئىسپانلار، ياپونلار، ھىندىلار دېيەلەيسىز، رۇسىيەلەر، گىرىتسىيەلەر ئىسپانىيەلەر، ياپۇنىيەلەر، ھىندىستانلار دېسىڭىز بۇلارنى سىغدۇرۇش ئۈچۈن يەر شارىدىن نەچچىنى پەيدا قىلىشىڭىز كېرەك.
قۇلىقىڭىز ئىككى غېرىچ ئۇزۇن ئىكەن، ھەر ھالدا بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئاڭلىۋاپسىز، بىلمىسىڭىز چىڭقالماڭ.
چىن- جۇڭگۇ، چىنلار- جۇڭگۇلار.
چىنلىق- جۇڭگۇلۇق.
|
|