- تىزىملاتقان
- 2012-8-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1087
- نادىر
- 0
- يازما
- 27
ئۆسۈش
8.7%
|
ئۆزگەرتىپ يەرلىكەشتۈرۈپ يىزىپ باقتۇق
يۇپۇرغىدىن ئۆيلەنگەن بىر يىگىتنىڭ زارى-
ئىېلاۋە: بۈگۈن بىرسى ئۈندىداردا "يوپۇرغىلىق قىز بىلەن توي قىلغاننىڭ ئاقىۋىتى" ناملىق بىر ئەسەرنى يوللاپتۇ. كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم. چۈنكى مەن بۇ ئەسەرنى ئۆتكەن يىلى مۇشۇ چاغدا بىر سورۇندا كۆپچىلىككە ئوقۇپ بەرگەن ئىدىم. كۆپنىڭ سورۇنىغا قۇرۇق بارغىلى بولمايدۇ-دە.
بۇ ئەسەرنى يوپۇرغىلىقتىن كۆرە، بىر قەشقەرلىقنىڭ يازغانلىغىنىڭ ئىھتىماللىغى چوڭ بولۇپ ئەمىليەتمۇ بار، مۇبالىغىمۇ بار، شۇنداقلا مۇھىمى كۈلكە بار!
!
****************************************************
ئەييۇھانناس، ئىشىتىڭلار ئامۇ خاس:
ھەي ئالەمدىكى خالايىق، ئاڭلاڭلا مىنىڭ زارىمنى، كۆرۈڭلا مىنىڭ يوپۇرغىدىن خوتۇن ئىلىپ خاراپ بولغان ھالىمنى.
يوپۇرغىدىن خوتۇن ئالدىڭمۇ، ئالىدىكەنسەن پۈتۈن ئائىلىسىنى. يىرىم يىلغا يەتمەيلا يوپۇرغىلىق خوتۇن باشلاپ كىلىدىكەن دادىسىنى، ئانىسىنى، ئىككىنجى ئاچىسىنى، ۋە ئىككىنجى ئاچىسىنىڭ بالىلىرىنى، قىسقىسى، ھەممىسىنى.
بىر ئەسىر ئىلگىرى يوپۇرغىلىق ئىشچىلار كەپتىكەن قەشقەرگە قۇدۇق كولىغىلى، قاراپ باق بۇگۇن قەشقەرگە، ئاشتى سانى يۈزمىڭدىن، قەيەرگە بارساڭ، يوپۇرغىلىقتەك سۆزلىمىسەڭ بولمايدۇ راھەت ياشىغىلى. بۇندىن كىيىن قايسى شەھەرجۇرئەت قىلالىسۇن تەكلىپ قىلىشقا يوپۇرغىلىقلارنى قۇدۇق كولىغىلى؟
ئەييۇھەنناس، ئىشىتىڭلار ئامۇ خاس!، يوپۇرغىلىق ئىيتقان "ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ" دىگەن سۆز دەرھەقىقەت ئىكەن راست!
ھەي نىمىسىنى دەي، كۆرگەن كۈنلىرىمگە پۇشمان يەي. ئۆيۈمنى يوپۇرغىلىقلارغا قويدۇم تارتتۇرۇپ، ئۆزۈم خىلى ئىسىل ئادەم تۇرۇپ. تېگىمنى سورىساڭ، قەشقەرلىك مەھمۇد-يۈسۈپنىڭ ئەۋلادىمەن0، زامان-زاماندىن قۇرۇق بولۇپ باقمىغان ئەجدادىمنىڭ شىر چورۇغى. ئاتا-بوۋام كورۇپ باقمىغان ھىچقاچان تېگى يۇمۇلاق قازان، ھازىر مەندىن سورىساڭ، ئاشخانامدىنلا چىقىدۇ ئىككىسى رەڭگى-روھىمنى قىلىپ خازان. ئاشخانامنىڭ تارتمىسىنى ئاچسام-مەن ياخشى كۆرىدىغان نەرسىدىن تۇرىدۇ پەقەت 3 دانە ۋىلكا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ياغاچ چوكا. "زارلانما، توختا دەمسەن؟" ياق، ئۇنىڭغا كەم بولا، ئىيتىپ تۈگەتمىسەم بولمايدۇ، دەردىم بەك تولا.
يوپۇرغىلىقلار ئۆيۈڭنى باستىمۇ، بولدى تۈگىدى، خۇسۇسىلىغىڭ ئۆلدى. قايسى كۈنى ھاجەتخانىدا ئۆزۈمنى بوشۇتۇپ ئولتۇرسام، قېينى ئاتام ھاجەتخانىغا كىردى، كىردى-دە قولىنى يۇدى، تېخى مەن بىلەن قەشقەر شىۋىسى مەشقغە چۇشتى:
قايدا ئەۋاللىرى بالوم؟
بەزىدە كۈتۈپخانامدىكى سافادا كىتاپ كۆرۈپ ئۇخلاپ قالىمەن، قېينىئانام مۈشۈكتەك تىمىسقىلاپ كىلىپ پۇتۇمغا يوتقاننى تاشلاپ قويىدۇ ھەتتا بەزىدە بەللىرىمگە ئۇرۇپمۇ قويىدۇ، كىتىپ كىتىپ خاتا يەرگە ئۇرۇپمۇ سالىدۇ. ئامال قانچە، يوپۇرغىلىقلار مۇشۇنداق قىزغىن ئىكەن، "بىر ئائىلە ئىكەنمىز، سىنىڭ-مىنىڭ قىلىشمايمىز" دىيىشىدىكەن. ئۆز ئۆيۈمدە نەگە بارماي، ياكى قەينىئاتامنىڭ ياكى قەينىئانامنىڭ بەزىدە ھەر ئىككىسىنىڭ مۈشۈكياپىلاقتەك ماڭا كۆز تىكىپ تۇرغىنىنى بايقايمەن. مەن ئالدىدا چىراقنى يورۇتۇپ ماڭسام، ئۇلار كەينىمدىن تاپ باستۇرۇپ چىراقنى ئۆچۈرۈپ ماڭىدۇ. ئىشقىلىپ مەن قەدەم باسقان يەرنىڭ كەينىدىن ئادەمنى قورقۇتۇپ قارڭغۇلۇق مارىلاپ تۇرىدۇ.
خانىمىم قات-قات يالتىراق بىلەن ئورۇۋاپتۇ بىر چىرايلىق پەشتاق ۋە رەڭدار گىلەمنىڭ ئۈستىنى. زەڭ سىلىپ قارىسام، يالتىراق بىلەن چۈمكەپ بوپتۇ ئۆيدىكى نەرسىنىڭ ھەممىسىنى. تىلىۋىزورنىڭ يىراقتىن كونتىروللىغۇچىنى، پىئانونىڭ ئۈستىنى. ئەگەر غىڭ قىلماي تۇرسام، تاسلا قالغۇدەك مىنىمۇ پىلاستىنكا بىلەن چۆمكۇگىلى. ئۇلار قاچا يۇيۇش ماشىنىسىنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدىكەن، ئۇنى ئاساسلىغى يۇيۇش ئۇچۇن ئەمەس قۇرۇتۇش ئۇچۇن ئىشلىتىدىكەن.
قەشقەرلىكلەر ئۆي جاھازىلىرىنى تۇرمۇشىنى قولاي ۋە راھەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالىدۇ، ئەمما يوپۇرغىلىقلار باشقىلارغا كۆرسۈتۈش ئۈچۈن كۆرگەزمە قىلىپ ئۆينىڭ مەرگىزىگە سالىدۇ. ئۇلار قاتتىق ھەم سوغۇق، يۆلەنگىلى بولمايدۇ، ياتقىلى تېخى بولمايدۇ، ھەي نىمىسىنى دەي.
يوپۇرغىلىقلار چاي ئىچىدىغان سايمانلىرى ئادەمنى تېخىمۇ چۆچۈتىدۇ، بەزىلىرىنىڭ كىچىكلىگىدە ھەتتا ئۇنىڭدا 300 قىتىم چاي ئىچسەڭمۇ ئۇسسۇزلۇغۇڭ قانمايدۇ، ئىيتقىنا بۇرادەر، ئۇنداقتا ئادەمنىڭ ئىچى پۇشمامدۇ؟
ئالەمدىكى ئورۇندۇقتىن باشقا پۇتى بار، پۇرىقى بار نەرسىنىڭ ھەممىسىنى يوپۇرغىلىقلار مەززە قىلىپ يىيەلەيدۇ. مەن ئادەتتە ئۇلار ئەتكەن تاماقنىڭ ھەممىنى يىيەلەيمەن، ئەمما ئاغىينە، ماڭا نىمە يىگەنلىگىمنى ئىيتىپ بولما ئاۋارە، ئاڭلىمايلا قوياي، ئاڭلاپ قىلىپ قۇسۇپ سىلىپ يەردە ئوڭدا ياتماي!. كىشىلەر دىيىشىدۇ: يوپۇرغىلىقلار گۆشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەن بۇنى چۈشىنىمەن، لىكىن توخۇنىڭ پۇتى، ئۆدەكنىڭ كالپۇكى، كالىنىڭ قۇلىغىدا قانداقمۇ گۆش بولسۇن؟ قېتىپ قالىمەن ئايالىمنىڭ تۇققانلىرىنىڭ ھاپۇر-شۇپۇر تاماق يىيىشلىرىگە قاراپ، پۇتۇن بەدەنلىرىم شۈركۈنۈپ، تەرلەپ سىقىراپ، باشلىرىم پىقىراپ!. ياخشى كۆرىمەن پېقىر بىلىق يىيىشنى، ئەمما خالىمايمەن بىلىق بىشىنىڭ تەمىنى تىتىپ بىقىشنى. خالىمايمەن، ئويلىمىغان يەردىن بىلىقنىڭ كۆزى بىلەن كۆزۈمنىڭ ئۇچرىشىپ قىلىشىنى. قورقىمەن شۇڭا كۆزى بار جانلىقنى يەپ سىلىشنى. پەيتىنى تىپىپ چاقچاققا پۇتلاپ، ئىيتىۋالىمەن ئايالىمغا قوسىغىمدىكى مۇنۇ راست گەپنى:
ئائىلەڭدىكىلەر تالاپ يەپ تاشلايدۇ مىنى، ئاچارچىلىق بېسىپ سالسا قەشقەرنى، تىتىپ كىتىدۇ ھەرقاچان چوكا بىلەن مىنىڭ مۇنۇ قەشقەرلىك قۇلىغىمنى، قەشقەرلىك كۆزۈمنى، قەشقەرلىك ئۈچەي باغرىمنى!"
يوپۇرغا يەرلىك دورىلىرى بىلەن شورپا دەملەپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان خوتۇننى ئىلىپ قالساڭ، بالاغا قالىسەن ھۇشيار تۇرمىساڭ. قوشنىلىرىڭ ھامان ساقچى چاقىرىشقا تەييار، دەيدۇ ئۇلار "خېمىيىۋى قورالنىڭ پۇرىغى كىلىۋاتىدۇ، چوقۇم ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا ئەسكى ئادەم بار". ساقچى كىلىپ كەتتى ئۆيۈمگە ئۇچ رەت، ھەي سايىسىدىن ھۈركۈيدىغان قوشنام دىگەن نامەرت، دەردىمگە دەرت قوشقىنىڭغا بولسۇن مىڭ لەنەت!
ۇوپۇرغىلىق ئاياللارنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق يىرى - ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى. ئازراق ئىشتا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويدۇڭمۇ بولدى، ئۇ دەرھال ئون يىل بولغان شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى لەغمەننىڭ پىلتىسىنى سوزغاندەك سوزۇپ چىقىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ لەغمەن يىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك، لەغمەن ئۇزۇن، بىر تاتىم يەپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىر تاتىم سوزۇلۇپ چىقىدۇ، خىلىغىچە تۈگىمەيدۇ.
ئەگەر يولدىشى قەشقەرلىك ئايالنىڭ چىشىغا تىگىپ "خاپا بولمىسىلا" دىسە، ئەپۇ قىلىدۇ، مۇبادا سەن يوپۇرغىلىق ئايالغا "خاپا بولما جىنىم" دەپ سالدىڭمۇ؟ "ئىيتە نىمىنى خاتا قىلدىڭ؟"دەپ كۆزۈڭگە كىرىپلاۋالىدۇ.
يوپۇرغىلىق ئاياللار تۇغما ھالدا "ئەرلەرنى ئۆزگەرتىش بۇرچۇم"دەپ قارايدۇ، ئۇ سىنى ئۆزگەرتىشكە ھەركەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سىنى ئىگەللىۋىلىش، سىنىڭ پۈتۈن ۋاقتىڭنى كونتىرول قىلىۋىلىشنى ئويلايدۇ. قارىغاندا يوپۇرغىدىن مەخمۇت سۇلايمانغا ئوخشاش ناخشىچىنىڭ چىقمىغىنى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس چۇنكى، سەن سەھنىگە چىقا-چىقمايلا، يوپۇرغىلىق ئايالنىڭ سورىغى توقماقتەك بىشىڭغا چۇشىدۇ: ئىيتە نەگە باردىڭ؟، كىم بىلەن باردىڭ؟، سەھنىدە ئاياللار بارمۇ؟، يىشى قانچە، مەندەك گۈزەلمۇ؟، قانداق تونۇشتىڭ؟ شۇنىڭ بىلەن، ناخشىچى بولماقچى بولغىنىڭغا جاق تويۇپ قولۇڭنى كۆتۈرۈپ دەيسەن: بولدى، بولدى جىنىم، بارمىدىم، ناخشىچى بولمىدىم،مەن ئۆلەي، نىمە كۆرسەم سەن بىلەن كۆرەي.
قەشقەرلىكلەر بالىلىرىنى تۇرمۇشى بەختلىك، خوشال بولسۇن دەپ ئويلاپ تەربىيلەيدۇ. يوپۇرغىلىقلار بالىلىرىغا قاتتىق قول، ئۇلارنى كىچىگىدىن ناۋاي، لەمپۇڭچى، ھارۋىكەش، تەييار تاپ ۋە پۇل تىپىشنى ئۈگۈنۈشكە مەجبۇرالايدۇ، ئۇلارنى 18 ياشتا خوتۇن ئەپ بولۇپ، بالىلىق بولۇپ ياشلىق باھارىنى ئۆتكۈزمەيلا ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرگە سەكرەشكە قىستايدۇ، 30 ياشتا پىنسىيىگە چىقىپ، 40 ياشتا پانى ئالەمگە سەپەر قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. بارلىق ئۆسمۈرلەر ئويۇنغا ئامراق، ياشلار تەۋەككۈلچى كىلىدۇ، ئەمما يوپۇرغىلىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىىڭ ئۇلارنى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىشىنى چەكلەيدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا ئۇلار بالىلىرنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بىردىن بىر مەقسىدى بالىلىرىنى قانداق قىلىپ تۈز سۇرەتتە ساراڭغا ئايالاندۇرۇشتۇر.
مەن يوپۇرغىلىق خوتۇن ئالغاندىن كىيىنلا ئادەم بولۇپ ياشىماقنىڭ نەقەدەر تەس ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتىم.
كىم يوپۇرغىلىق خوتۇن ئالىدىكەن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا مەڭگۇ نىشان تۈگىمەيدۇ، بىر ئۆي ئالغاندىن كىيىن يەنە بىرنى ئالغۇسى كىلىدۇ، بۇنى سىتىۋالغاندىن كىيىن ئۇنى بىزەشلىگۈسى كىلىدۇ. بالىلىرى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇمىسا بولمايدۇ. ھاياتلىق ئۆچمەيدۇ، مەقسەت تۈگىمەيدۇ، جاپا ئۆكسىمەيدۇ. |
|