- تىزىملاتقان
- 2013-11-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 70
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
  23.33%
|
halkogli يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 14:21 
يۇقىرىدا Servatman ئەپەندى ئۆز يۇرتدىكى كەنىت كادىرلىرى تو ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم halkogliئەپەندى سىزنىڭ شۇنچە كۆپ رىيازەتلەرنى چىكىپ بىزنى شۇنچە كۆپ قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ،سىزنىڭچە بولغاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى راست ئىكەندە ،سىز كەنىت كادىرلىرىنىڭ باي بولۇشى ئۇلارنىڭ نەچچە يىللىق ،جاپالىق ئەمگكىنىڭ نەتىجىسى دەپسىز ئەجەبا دېھقانلار بىر ئۆمۈر يەر تېرىپ ئاشۇ كادىرلارچىلىك باي بولالمايدىكەن، كادىرلاركەتمەن چاپماي،ھاشارغا بارماي باي بولىدىكەن ،دىھقانلار كېچە -كۈندۈز ئىشلەپ ھاشار چېپىپ باي بولالماي ئەكىسىچە تېخمۇ نامىرات بولۇپ كېتىدىكەن ؛ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ كادىرلار سېتىۋالغان نەچچە يۇز مو يەرنى نېمىشقا دېھقانلار سېتىۋالالمايدۇ؟ دېھقانلارغا يەر سېتىپ بەرسە ھاشار قىلىدۇ،كادىرلا ئالسا قىلمايدۇ؟ ئەجەبا بۇ كادىرلارنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىمۇ؟ كادىرلارمۇ مائاش ئېلىپ ئىشلەيدىغاندۇ؟ مەن ھازىرغىچە بىكارغا ئىشلەپ بەرگەن كادىرلارنى ئۇچىرىتىپ باقمىدىم ، سىز كادىرلارنى ئالىي مەلۇماتلىق دەپ قارامسىز؟نىمىشقا نۇرغۇ ئىقتساسلىق ياشلار ئىشسىز قالىدۇ، ئەگەر ئۇلار بارسا كادىرلار ئىشلىتەرما؟ئەجەبا ئۇلار قوش قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بېرەرما ،قارىغاندا ئۇلار سىزدەك ساخاۋەتچىلەردىن بولمىسا كېرەك.سىزنىڭچە كەنىت كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى بارمىدۇ؟ بولمىسا ئوقۇپ ئېلىشى كېرەكتە ، كەنىتتە شوپۇر ياللاپ ئىشلەتكۈدەك مەبلەغ شۇنچە كۆپمۇ ئەگەر كۆپ بولسا نېمىشقا دېھقانلار نامىرات ، كادىر ۋەكەنىت باي بولۇپ دېھقانلارنىڭ باي بۇلۇشى نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ سزنىڭ بىزنى يەنە شۇنداق كۆپ ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەپ بېرىشىڭىزنى ئۇمۈد قىلىمىز ،چۈنكى بىز يەنە شۇنداق كۆپ ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق. |
|