- تىزىملاتقان
- 2012-11-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1508
- نادىر
- 0
- يازما
- 104
ئۆسۈش
50.8%
|
يۇقىرىدا Servatman ئەپەندى ئۆز يۇرتدىكى كەنىت كادىرلىرى توغىرسدا مۇنبەرگە بىر قىسىم دېھقان ئاممىسغا ۋەكىللك قىلغان ئاساستا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈپتۇ، بۇنۇڭغا قارىتا كۆپلىگەن ئىنكاس يازغۇچلار يۇقىردا Servatmanئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارشنى ياقلاپ ئۆتۈپتۇ ، ئۇنداقتا مەنمۇ مۇشۇ Servatmanئەپەندىنىڭ ئانا يۇرتىدا ئىشلەۋاتقان كەنىت كادىرى بۇلۇش سالاھيىتىم بىلەن بۇ پىكىرىگە قارىتا ئۆز كۆز قارىشمىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن ھەمدە مۇناسۋەتلىك دەلىل ئىسپاتلارنى يوللاپ قويۇشنى توغرا كۆردۈم.
1.باي ناھيسنىڭ ياقىرىق بازىرى ئۆستەڭبويى كەنىتى ياقىرىق بازىرنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ ئومۇمي نوپۇسى 693نەپەر، ئائىلە سانى163ئائىلە،تېرىلغۇ يەر مەيدانى10001مو، بۇنۇڭدىن دېھقانلارغا تەقىسم قىلىنغان ھۆددەيەر( 30-يىللىق)4875مو، ئىقتسادى(سېتىۋالدى)يەر 5126مو، ياقىرىق بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 27.6KM كېلىدۇ.غەربىي بولسا شىنجاڭ ئونسۇ ناھيسى بوزدۆڭ چارىۋىچلىق فېرىمسى ئۆستەڭبويى كەنتى بىلەن چېگرىداش بۇلۇپ سۈيى ئەلۋەك، تۇپرىقىنىڭ %60نىڭ ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن.
2.ئىقتسادىي يەر مەسللىسى جەھەتتە: 2009-يىلى بازارلىق ھۆكۈمەتننڭ كەنىت ئىقتسادىي يەرلىرنى باشقۇرۇش چارىسى بويىچە كەنىتىمىزنىڭ ئۇمۇمي يېرىنى ياقېرىق بازارلىق ئىگلىك باشقۇرۇش پونكىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كوممتىتى ،پارتىيە ئەزاللىرى ۋە كەنىت ئون ئائىلە ۋەكللىردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا ئەزاللىرى ئۇمۇمىي دائىرلىك ئۆلچەپ، ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان، ھەمدە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزدە ئاشكارلاش مۇنبىرىگەچىقىرىپ كەڭ خەلىق ئاممسنىڭ نازارەت قىلىشغا بېرىلگەن. ئەمدى ھۆددە يەر بىلەن ئىقتسادىي يەرنى تەقسملەشكە كەلسەك ھۆددە يەرنى 1997-يىلى 2-قېتىملىق يەرلەرنى30يىللىق ھۆددىگە بېرىش سىياستى ئاساسدا ھەر بىر نوپۇسقا 11 مودىن تەقسىم قىلىنىپ شۇ بويىچەتېرىشقا،ئىگدارچلىق قىلىشقا بېرىلگەن، ئەمدى ئىقتسادىي يەر مەسلىسدە ھەر بىر ئائىلنىڭ نوپۇسنىڭ ئاز- كۆپلكىگە ھەمدە كەنىت پارتىيە ئەزاللىرى ھەمدە ئون ئائىلە ۋەكللىرنىڭ قارارىغا ئاساسەن تەقىسىم قىلىنىپ بازارلىق ھۆكۈمەتىنىڭ ئىگلىك پونكتىنىڭ مەسئۇللىرى مەسئۇل ئاساستا نەق مەيداندا سېتىپ چىقىرىلدۇ، ھەمدە نەق مەيداندا ئۈچ بەتلىك تالون كېسىپ چىقىرىلىپ ئۈچ تەرەپ بىر نۇسقدىن ساقلاشقا بېرىلدۇ. ھەمدە سېتىپ چىقارغان يەرنىڭ پۇلسى ئىگلىك پونكىتنىڭ نازارەتچلىكدە كەنىت ماليەسىگە كىرىم قىلىندۇ. ھەمدە كەنىت چىقىم قىلغان پۇللار پارتىيە ئەزاللىرى ۋە ئون ئائىلە ۋەكللىرى تەرىپدىن قاراردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، بازارلىق پارتىكوم خەلىق ھۆكۈممتى تەرىپىدىن تەستىقلىغاندىن كېيىن چىقىم قىلىندۇ. كىرىم-چىقىم ئەھۋالى كەنىت ئاشكارلاش مۇنبىرىگە چىقىرىلىپ خەلىق ئاممنىڭ نازارەت قىلىشغا بېرىلدۇ. مۇمكىن بولسا سىزنىڭمۇ كېلىپ نازارەت قىلىپ ھەمدە يوچۇق بولسا پىكىر- تەكلىپ بېرىشڭىزنى قارشى ئالىمىز!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
Servatmanئەپەندىنڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىرىكرىدە كادىرلىرىمزنىڭ يېرى 1000موغا يەتكەن ئەھۋال بار دېيىلگەن، بۇنداق ئەھۋال ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس، بىزنىڭ ئىقتسادىي يېرىمز5126 مو بولسا كەنىت كادىرلىرنىڭ بىرسى 1000 مودىن تېرىۋالسا خەلىق ئاممسنىڭ ئىقتسادي يېرى قالمدى دېگەنلىك ، بۇنىڭ دەللى ئىپساتنى ئاخىردا مەن رەسىملىك ئارخىپى ئارىقلىق يوللاپ بېرىمەن. يەر تەقسىملەش ئەھۋالىغا ئاساسەن مۆلچەر بىلەن ھېساپلىغاندا ھەر بىر دېھقاننىڭ ھەر يىلى تېرىيدىغان ئىقتسادىي يېرى 50-80 مو ئەتراپدا توغرا كېلىدۇ، 30يىللىق ھۆددە يېرىنى قوشقاندا ھەر يىلى تېرىيدىغان يەر كۆلمى ھەر بىر ئائىلگە100-130توغرا كېلىدۇ، كەنىت كادىرلىرى كادىر بولۇپ 1-2يىلغا بارماي ئېسل ئۆي ۋە بىر ماشننىڭ ئېگسى بۇلۇپ قېلىش بۇنىڭ ھەممسى ئەمەل ۋە يەرلەرنى ئۆزنىڭ قىلۋېلىپ كۆپ تېرىغانلىقنىڭ ئالامتى ئەمەس، ئەكسچە ئون نەچچە يىللىق جاپالىق ئىشلەش ۋە تىرىشىش ئاستدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە، ئۇنداق دېسەم بۇيەردە كادىرلارنىڭلا ئۆي ۋە ماشنىسى بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار، بۇ يەردىكى 163 ئائىلىكتىن ھازىر چوڭ- كىچىك بولۇپ 70 ئائىلىكنىڭ ماشنسى بار، مانا بۇ دەللل ئىسپات، ئۇلارمۇ كادىر ياكى 1000 مولاپ يەر تېريدىغانلار ئەمەس ، ئەكسچە ھەممە خەلق ئاممسى ئوخشاش، بۇنىڭ ھەممسى يۇقىرى دەرجىلك ئورۇنلار ۋە كەنىت كادىرلىرنىڭ توغرا يېتەكچلىك قىلىشى ئاستىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتنجلىرىدۇر خالاس.
تېرىلغۇ يەر مەيداننى ئاران 10001مو دەپ قۇيۇڭ ،كەنتمىز كىچىكلەپ بېرىپتۇ دە . ھازىرقى شۇنچە چوڭ ئۈچ كىچىك ئەترەتنىڭ يېرىنى قوشسا ئاران شۇنچىلىك يەر بار ئىكەندە سىزچە ؟ مۇشۇ گېپڭىزنى كەنتىمىزدىكى ھەرقانداق بېرىگە دېسڭىز ئاغزىدا ئەمەس قۇڭدا كۈلە . سىز ئاۋال ئۆزىڭىز تېرىغان يەرلەرنىمۇ قۇشۇپ بىر قايتا ھېسبلاپ بېقىڭ .
ئاندىن يەنە سىزدن سوراپ باقاي 11نى 693كە كۆپەتىيتسەك قانچە بولدۇ؟4875مۇ ياكى 7623مۇ ؟10001مودىن ئاندىن قانچە مو يەر قالدۇ ؟ |
|