- تىزىملاتقان
- 2012-7-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5945
- نادىر
- 0
- يازما
- 233
ئۆسۈش
  18.9%
|
ھىنىدىلارنىڭ ساكيامۇنىسى،جۇڭگولۇقلارنىڭ كۇڭزىسى بىلەن زامانداش بولغان قەدىم يۇناننىڭ داڭلىق ماتېماتىكى پىفاگور بابىلۇن ۋە مىسىرلارنى ئايلىنىپ،ھەتتا يىراق ھىندىستانىغىچە بېرىپ، ئىتالىينىڭ جەنۇبىدىكى كروتون شەھىرىدە بىر ئىلمى مەزھەپنى تۇرغۇزغان. بۇ ئىلمىي مەزھەپ دىنغا ئىشىنەتتى.ئىلاھنى ئۇلۇغلاش يۇسۇنى ۋە بىدئەتنى توسۇشنى ماتىماتىكا تەربىيسىگە كىرگۈزىۋەتكەن. پىفاگورنىڭ مەزھىپىدە300لا ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇلاردىن مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا ۋەدە قىلىشى،ئۇستازنىڭ ئۆگەتكەنلىرىنى قەتئى ئاشكارىلىماسلىقى تەلەپ قىلىنغان.مۇشۇنداق يېپىق، سىرساقلايدىغان بولغاچقا كېيىنكى ۋارىسلىرىنىڭ بەزى بايقاشلىرى خاتا ھالدا پىفاگورنىڭ قىلىپ خۇلاسىلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.«پەلسەپە»،«ماتېماتىكا» __ بۇ ئىسىملارنى ئېھتىمال ئەڭ دەسلەپ پىفاگور ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
_____ كەلۋىن كلاۋسوننىڭ«ماتېماتىكىلىق سېھرىگەرلىك»ناملىق كىتابىدىن.
|
|