قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2717|ئىنكاس: 27

تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بىرپارچە نەسەپنامە ۋە ئۇنىڭغا شەرھ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

2092

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 104
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 10:43:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بىرپارچە نەسەپنامە ۋە ئۇنىڭغا شەرھ


نەشىرگەتەييارلىغۇچىلار: ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر، ھاجى مامۇت غازى

     ئىمىن خۇجا 1719-يىلى لۈكچۈننىڭقارانچۇق بېگى ئەھمەتباقى بەگدىن بەگلىك ھوقۇقىنى تارتىۋلغاندىن كىيىن، چىڭسۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە  سادىق بولۇپ،بۆلگۈنچىلىككە قارىشى تۇرۇپ، ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قۇغداشتىكى تۆھپىلىرى ئۈچۈن چىيەنلۇڭ خانتەرىپىدىن  1759-يىلى ( چىيەنلۇڭنىڭ24-يىلى)تۇرپاننىڭ ۋاڭلىقىغا تەيىنلەندى. شۇندىن باشلاپ ئىمىن خۇجا ئەۋلاتلىرىن يەتتەئەۋلات تۇققۇز كىشى تۇرپاندا 230يىل ۋاڭ، يەتتە ئەۋلات سەككىز كىشى ئىلىدا  159يىل ھاكىمبەگ، ئۈچ ئەۋلات ئالتە كىشىقەشقەردە 90يىل ھاكىمبەگ بولۇپ ئۆتتى. تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۇرپانۋاڭلىرىغا ئائىت ماتىرىياللار دەۋرىمىزگچە يېتىپ كېلەلمىدى.
    2010-يىلى2-ئايدا، پىچانناھىيىلىك يېزا-ئىگىلىك بانكىسىدىن ئارامىغا چىقىپ ئۈرۈمچىدىكى ئۈيىدە تۇرۋاتقان85ياشلىق مامۇت غازى ھاجىمنى يۇقلاپ بارغان چىغىمدا، تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىتچاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان نۇسخائالغۇدا نۇسخىلانغان بىرپارچە نەسەپنامنىماڭا كۆرسەتتى. مەن بۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سورىسام، مامۇت غازى ھاجىم ياشىنىپقالغاچقا ئەسلىيەلمىدى. تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بۇ بىرپارچە نەسەپنامنىڭ كىمتەرىپىدىن يېزىلغانلقى نامەلۇم، لىكىن مەزمۇنىدىن قارىغاندا 1904-يىلىيېزىلغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇلىدۇ . بۇ نەسەپنامە جەمئىي 13بەت، ئۈچۈنچىبەتتىن باشلاپ ھەر بەتكە 13قۇردىن يېزىلغان بۇلۇپ، بەلگىلىك تارىخي ۋە فۇلىكلۇر قىممىتى بار. ئوقۇرمەنلەر ۋەقىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ نەسەپنامىنى نەشىرگە تەييارلاش بىلەن بىرگەچۈشۈنۈشلۈك بۇلۇشىنى كۆزلەپ قىسقىچە شەرھلىدۇق.

1.jpg

2.jpg
3.jpg
4.jpg
5.jpg
6.jpg
7.jpg
8.jpg
9.jpg
10.jpg
11.jpg
12.jpg
13.jpg


يەشمىسى:
ھەزرەت ئىمىن خۇجىنىڭپەرزەنىتلىرى نۇرمۇھەممەت خۇجا، سۇلايمانخان، ئەۋرازىپخان، سەيپۇللاخان،ئىسكەندەرخان، فەرىدۇنخان، موساخان، بەھرامخان. بۇلار جەمئىي سەككىز ئوغۇلئىكەندۇق①. فەرىدۇن خاننىڭئوغلى مۇھەممەت سەئىد ۋاڭ بەگ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەفرىدۇن ۋاڭ، ئۇنىڭ ئۇغلى سۇلتانمەھمۇد ۋاڭ، ئۇنىڭ ئوغلى ئىمىن ۋاڭ. فەرىدۇن ۋاڭ ئەلەيھىررەھمەنىڭ ھەزرەت مۇھەممەدسەئىد ۋاڭ دەپ بىر ئوغلى بارئىدى. فەرىدۇن ۋاڭ خۇدا ۋە رەسۇلنىڭ ئىرادىسى، كاشغەردىيارى ئىچىدە ياتقان ئۇلۇغلار ۋە كاشغەر ئەھلىگە يىگرمە سەككىز يىل ھاكىمبەگ ۋەئىگە بولغۇچى روھىنىڭ ②مەدىتى بىلەن، تەخىتسەلتەنەتتە مۇقىم ئولتۇرۇپ، مەركەز شاراپىتىدە چىڭ تۇرۇپ③، كاشغەرغە تەۋەھەممە كەنت سەھرالاردا ياتقان ئەزىز ۋە بۇزرۇكۋارلارنىڭ مازارلىرىنى ياساپ،ئۇلارنىڭ ئاستانە ۋەكارخانىلىرىگە تۆگە، ئات -كالا، قوي، ئۇن-گۆرۈچ، يامبۇ،پۇل-مال بەخشەندە قىلىپ، ئۇلاردىن مەدەت تىلەيتتى. پۇقرالار ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ،ئۆلىما-دۇرۋىشلارگە ئىززەت-ھۆرمەت، ئىكرام، ئېھسان قىلاتتى. كەنت- سەھرالارنىڭسۈيى يېتىشمىسە، سۇ چىقىرىپ بېرىپ، پۇقرا ۋە ئاجىزلارنى ئاسراپ، يۇرتنىڭ ئەمىنبۇلىشىغا زور كۈچ چىقاراتتى.
بۇ سۇلتاننىڭ نىيىتىنىڭ ناھايتتى خالىسلىقىدىن،قىلغان دۇئالىرىنىڭ بەركىتىدىن، كاشغەرغە تەۋە ھەممە كەنت سەھرالاردىكى بەگ،ئاخۇن، شەيىخ، يۈز بېشىى، ئون بېشى، ئىمام، مۇئەززىن، پۇقرا، ئاجىز نامرات ئاۋامكۈندىن -كۈنگە تېنىچ- ئامان ۋە ئاۋات بۇلۇپ ھەرقەيسىلىرى ئات، كالا، پۇل مال تېپىپئاۋاتلىق ۋە باياشاتلىقا ئېرىشىپ، شاد-خۇرام بۇلۇپ سەھەر-ئاخشام، بەش نامازلىرىداھەققە يۈزلىنىپ شۈكۈر قىلىپ، بۇ بەرىكەتلىك زاتنىڭ دۆلەت ئىقبالىغا خەيرىلىكدۇئالار قىلاتتى. بۇ بەرىكەتلىك زات كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ ،كېچەلىرى چىن نىيەتبىلەن ئىبادەتكە مەشغۇل ئىدى. بۇ مۇبارەك زاتنىڭ پەرزەنتى مۇھەممەد سەئىد ۋاڭئەلەيھىررەھمە ئىدى. ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭ④ ئۆز ھاياتلىقىدا<<تەۋفىق ئەزىز بەندىلەرگە ئاتا قىلىنغان قىلىندىغان نەرسە>>مەزمۇنىغا  ئەمەل قىلىپ، بۇئالەمئىشلىرىنىڭ تۈگمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋە ئۈمرنىڭ قىسقىلىقى ۋە بىۋاپالىقىنىئويلاپ <<بۇ دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئېكىنزارلىقى>>دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسىدىنخەۋەردار بۇلۇپ، شەھەر ئىچىدە بىر مەدرىسە سالدۇرۇپ، بازار يۈزىدە نەچچىگەن كاتتا،يېڭى  ئۆيلەر ۋە شەھەر سىرتىدا كارۋانساراي ياسىتىپ بۇ مەدرىسكە مەڭگۈلۈك ۋەخپە قىلدى. بۇ ھاكىمبەگ كاشغەرگە تەۋە ھەممەكەنت سەھرالارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بۇلۇپ سۈيى ئازلىق قىلسا، نۇرغۇن ھاشارقىلدۇرۇپ ئۈستەڭ – ئېرىقلار چاپتۇرۇپسۈيىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ھەممە خەلىقلەرنى كەڭتاشا قاندۇراردى. پىقىر ئاجىزلارنىڭھالىدىن خەۋەردار بۇلۇپ، ياخشىلارغا ئېلتىپات، ئېھسان قلىپ يامانلارغا جازا بېرىپتۈزەتتى. بۇ ئادالەت ئىگىسى، ھۆكۈمەتنىڭ پاناھى، ياردەم بەرگۈچىنىڭ ياخشىنىيەتلىرى چوڭ –كىچىك ھەممە خەلقلەركۈڭۈللىرىگە ئايان ۋە تەسىر قىلغانلىقتىن كىشلەرنىڭ ئوقەتلىرى كۈندىن-كۈنگەيۈرۈشۈپ، پۇلدار، مالدار، روزىدار بولدى. باياشاتلىق ۋە ئاۋاتلىق دەرىجىسىگەيېتىپ، تېنىچ ئامان بولغانغا ھەممە كىشىلەرر خۇش بۇلۇپ، ھەققە شۈكرى ئېيتتى. بۇئادالەتنىڭ ئىگىسى تەخىت سەلتەنەتتە ئولتۇرغاندا، كاشغەرغە تەۋە ھەممە يۇرت كەنىتسەھرالارنىڭ بەگ، ئاخۇن، ئاكابىر-ئەشرەپ، ئولۇغلىرى  سەھەر-ئاخشام ۋاقىتلىرىدا يىغىلىپ كېلىپ، تەزىمبىجا كەلتۈرۈپ، كۆرۈنۈش قىلىپ، يۇرتدارلىق ئىشلىرى تۇغرىسىدا قىلىنغان ھۈكۈملەرنىئاڭلاپ ئۆز يۇرتىغا ياناتتى. دەۋا ئەھۋالىنى سورار ۋاقتىدا پېشىن نامازىنى ئۇقۇپبۇلۇپ دەۋا ئەھۋالىنى سورايدىغان بەزىمگاھىغا چىقىپ ئولتۇراتتى، ئاندىن بىر-بىرلەپئالدىغا ئەكىرىپ ئەرز ئەھۋالىنى تەھقىقلاپ، چىچەن بەگلەرنى يۈگۈرتۈپ، ھەيۋەتكەكەلتۈرۈپ، ئەقىل پاراسىتىنى يۈرگۈزۈپ، كۆپ تەرەپلىمە ئويلاپ، ئۈتكۈر كۆزلىرى بىلەنقاراپ  ۋە سوراپ تۈگۈتۈپ چىقىراتتى. ۋەبەزىلىرىنى شەرىئەت قازىلرىنىڭ ئالدىغا ئادەم بۇيرۇپ، مەسلىھەتىنى ئىلىپ شەرىئەتبىلەن تۈگىتەتتى. بۇ ھاكىمبەگنىڭ بەزى ئالاھىدە ئادەتلىرى بۇلاردۇر: كىچىلىرىئۇخلىماي قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، زىكرى تەسبىھ ئېيتاتتى، ئاللاھقا يۈزلۈنۈپ،كۆزلىرىدىن ياشلىرىنى تۈكۈپ، ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ، دۇئاغا قول كۈتۈرۈپ، پۇقرالارھەققىگە دۇئا قىلاتتى. كىچىلىرىنى مۇشۇ تەرىقە بىلەن ئۈتكۈزۈتتى.گاھىئۆلما-دۇرۋىشلەر بىلەن ھەم سۆھبەت بۇلۇپ كىتاپخانلىق ۋە تىلاۋەت قىلاتتى. ئاشكاراسىياسەتلىرى بىلەن ھاكىميەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇراتتى. يۇشۇرۇن ھالىدا ھەمىشەنامرات، ئاجىز، دىلى سۇنغان، يېتىم-بىچارە، غېرىپ-جاپاكەش ئاۋام ئەھۋالىدىنخەۋەردار بۇلۇپ، بۇلارنىڭ ھالىغە يېتىپ ئەرزىنى ئاڭلاپ، سېخيلىق، مېرىبانلىق ۋەمەردانىلىق قىلاتتى.  ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭئەلەيھى رەھمەنىڭ ئۆز ھاياتلىقىدا مۇھەممەت سەئىدۋاڭ دەپ بىرلا پەرزەنتى بار ئىدى.مۇھەممەت سەئىدۋاڭ ياركەنتكە ھاكىمبەگ ئىدى⑤. ھەزرەت مۇھەممەتسەئىد ۋاڭ بەگنىڭ پەرزەنتى يۈرەك پارىسى،خۇشاللقى ھەزرەت ئەفرىدۇن ۋاڭ بەگ كىچىكئىدى. كۈنلەردىن بىر كۈنى ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭ بېگىمگە كېسەل تېگىپ، بىر نەچچە كۈنيېتىپ قىلىپ، تېۋىپ ھەكىملەر كىلىپ كۆرۈپ سەۋەپكارلىق قىلدى. خۇدا  يولىدا نەزىر قىلدى. كېسلى كۈندىن –كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ئۆلىمالارۋەبەگلەر، يۇرت - يۇرتلارنىڭ چوڭلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ۋىدالاشتى. ئايالىلىرى ۋەيېقىنلىرىغا نەسىھەت قىلىپ، ھەممە تەئەللۇقاتلىرىدىن كۆڭۈل رېشتىسىنى ئۈزۈپ، بەدەنقۇشى بۇ پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە كۈچتى. شۇ ۋاقتىدا، پەرزەنتى مۇھەممەد سەئىدۋاڭ  بەگگە خەۋەر يېتىپ ياركەند شەھرىدىنكاشغەرغە يېتىپ كەلدى. بۇ زاتى شېرىپنىڭ نامىزىغا كاشغەرغە تەۋە ھەممە كەنتسەھرالاردىكى بەگ ،ئاخۇن، شەيىخ، يۈز بېشىى، ئۇن بېشى، ئىمام، مۇئەززىن، چوڭ-كىچىكخەلىقلەرگە خەۋەر بېرىپ ھەممە خەلقلەر توپلاندى. ئاخۇنلار ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭنىڭبەدەنلىرىنى يۇيۇپ⑥، جەسەتلىرىنىجىنازىغا سېلىپ، نامازلىرىنى چۈشۈرۈپ، كۈتۈرۈپ ماڭدى. باشلىرىدىن بىرنەچچەخىزمەتكارنى ئۆرۈپ ئازات قىلدى، ھەسرەتلىك باشلىرىدىن ئالتۇن كۈمۈش پۇل ماللىرىنىچېچىپ سەدىقە بەردى. ھەممە چوڭ-كىچىك خەلقلەر يىغلىشىپ نالە-پىغان قىلىشىپ،ئارقىسىدىن ھەسرەت-نادامەت چېكىپ،  ھەزرەتسەئىد ئافاق خۇجا بۇزرۇكۋارنىڭ مازىرىغا ئاپىرىپ، گۈمبەز ئىچىگە دەپنە قىلدى. شەھەر-شەھەر، دىيارلاردىن كەلگەن بەگ، ئاخۇن،شەيىخ، ئىمام، مۇئەززىن، يۈز بېشى، ئون بېشى، ئاۋام، خەلىقلەرگە مال دۇنيالىرىدىنقىلغان خەير-ساخاۋاتلىرىنى چوڭ –كىچىك ھەممەخەلىقلەرگە نەچچە كۈنگىچە بەردى. ئىسقادلىرى ئۈچۈن ئالتۇن، يامبۇ، كۈمۈش، پۇل-مال،تۆگە، ئات، كالا قاتارلىقلارنى نامرات، ئاجىز، گادايلارغا يەتكۈزۈپ ئۈلۈشتۈرۈپبەردى. نامرات ،ئاجىز،گاداي كىشىلەر كىلىپ، بۇلاردىن ئىلىپ باي بولدى. خەزىنىدىكىمال – دۇنيانى سەرىپقىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىدى. ئاندىن مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ بەگ ئاتىسىنىڭ ئورنىداھاكىمبەگ بۇلۇپ ياركەند ئەھلىنى بىرنەچچە يىل ئادالەت بىلەن سوراپ، بەگلەر، نامراتئاجىز پۇقرالارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ، مەرھەمەت ئەيلەپ، شەرىئەتنى جارىيقىلدۇرۇپ، ئاۋام – پۇقرالانىڭ دەۋاسوراقلىرىنى شەرىئەت ھۈكۈمى بىلەن مۇۋاپىق سوراپ پۇقرالار ھالىغا يېتىپ ۋەياخشىلارغا ئىلتىپات، ئېھسان قىلىپ، يامانلارغا جازا بېرىپ، يۇرتنى تېنىچ ئامانقىلدى. شۇ تەرىقىدە كاشغەر، ياركەندلەرنى بىر نەچچە يىل سوراپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدا،بۇ ئالەم بىۋاپالىق قىلىپ، غەليانچىلار پەيدا بۇلۇپ، ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭنىڭپەرزەنتى، يۈرەك باغرى، خۇشاللىقى بولغان مۇھەممەد سەئىد ۋاڭنىڭ كاتتا گۈلشەنىگەقازايى قەدىر يېتىپ، ئاجىزلىق ۋادىسىدا ھەيران، غەملىك دەشتىدە سەرگەردان بولدى⑦. ئاندىن كېيىنئەفرىدۇن ۋاڭ بېگىمگە خاندىن يارلىق چىقىپ، بۇ تۇرفاندا ئون يىل، ياركەندتە ئونئىككى يىل تەخىتتە ئولتۇرغاندىن⑧ كېيىن ئالەممالمانچىلىق بۇلۇپ، بۇ شەھەرلەر ئون تۆت يىل پادىشاھسىز قىلىپ⑨، ئاندىن خاندىنچېرىك چىقىپ بۇ شەھەرلەرنى ئىلكىگە ئالدى⑩. سۇلتان مەھمۇد ۋاڭبېگىمنى تۇرفان دىيارىغا ۋاڭ قىلىپ، جاساقلىرىنى بەردى. ئون سەككىز يىل ئىنانچىخانبولۇپ، بۇ شەھەرلەرنى باشقۇرغاندىن كىيىن، بۇئالەم بىۋاپالىق قىلىپ، بۇ پانىيئالەمنى تاشلاپ، ئاخىرەتنى ياخشى كۆرۈپ، جان قۇشى بەدەن قەپىزىدىن پەرۋاز قىلىپكەتتى⑾. كېيىن ئۇنىڭ يۈرەكباغرى، خۇشھاللىقى ھەزرەت ئىمىن ۋاڭ بىگىمگە ئىنانچىخانلىق ⑿تېگىپ، بۇ يۇرتتىكىپىقىر، ئاجىز، نامرات، گادايلارغا مەرھەمەت ئەيلەپ، ئۈشرە زاكاتلىرىنى چوڭ-كىچىككىشىلەرگە يىگۈزۈپ ، گەدىنىدىن ئادا قىلىپ، يۇرتنىڭ تېنىچ-ئامان بۇلۇشىغا كۆپ كۈچچىقىرىپ ئادالەت بىلەن تۇتۇپ  تۇرغىلى تۆتيىل بۇلۇپتۇ⒀. خۇداۋەندە تائالائۈمرىنى تۆت مىڭ يىل ئۇزۇن، دۆلىتىنى زىيادە قىلسۇن .ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

ئۇقۇلغۇسى:
   ھەزرەت ئەمىين خانلىقنىڭ فەرزەندلەرى،نۇرمۇھەممەت خۇجە، سۇلايمانخان، ئوۋرازىپخان، سەيپۇللاخان، ئىسكەندەرخان،فەرىدۇنخان، موساخان، بەھرامخان. بۇلار جەمئى سەككىز ئوغۇل ئىكەندۈك⑴. مۇھەممەت سەئىد ۋاڭ ئبنىئەفرىدۇن ۋاڭ ئبنى سۇلتان مەھمۇد ۋاڭ ئبنى ئەمىين ۋاڭ. ھەزرەتفەرىدۇن ۋاڭ ئەلەيھى رەھمەنىڭ ئوغلانلارى ھەزرەت مۇھەممەت سەئىدۋاڭ دەپ بىرلائوغلانلارى بار ئىكەن. بۇ فەرىدۇن ۋاڭ دېگەنى خۇدا ۋە رەسۇل كاشغەر دىيارى ئىچىرەياستانىپ ياتقان ئەرۋاھى ھەزرەتلەرنىڭ ئۈمدادى بىرلەن كاشغەر ئەھلىغە يىگىرمەسەككىز يىل پادىشاھ ھاكىم مۇتلەق ئىنان ۋە ساھىب مۇسەللەت⑵ ئۇلۇپ، تەخىت سەلتەنەتىن مۇقىمبەرقارار ۋە مەركەز شەراپەتتە مۇستەقىم فەيدار⑶ جانىشىن ئەيلەپ، كاشغەرغەتەۋە  ھەممە كەنت سەھرالاردە ياتقان ئەزىزۋە بۇزرۇكۋارلارنىڭ مازارەت-ئاستانەلەرىنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ئاستانە ۋەكارخانەلەرىغە تىيۋە، ئات، كالا، قوي، ئۇند-گۆرۈچ، يامبۇ، پۇل-مال نەزىرنىيازئالىپ بېرىپ، دۇئا قىلدۇرۇپ ئۈتكەزىپ، ھەمىشە مەدەد ئىستىمداد تىلەر ئەردىلەر. ۋەبەگلەر، ۋە فۇقرالار ھالىدىن ئاگاھلىق ئەيلەپ، ئۆلىما-دۇرۋىشلەرغە ئىززەت ۋەھۆرمەت، ۋە ئىكرام، ئېھسان قىلۇر ئەردىلەر. كەنت- سەھرالارنىڭ سۈيى تەغىر ئولسە،سۇ چىقارىپ بېرىپ، فەقىر، ئاجىز، نامراد ۋە رەئىييەتلەرنى تارتىپ، سىيراپ، ئەمىن،ئامان، ئابادلىق بۇلۇشىغە جىد جەھدۇ ۋە سەئىي كۇئىش قىلۇرئەردىلەر.
    ۋە ئولسۇلتاننىڭ نىھايەت نىيىتى خالىسلىقلەرىدىن، قىلغان دۇئالىرىنىڭ بەركاتىدىنكاشغەرغە تابە ھەممە كەنت سەھرالاردىكى بەگ، ئاخۇند، شەيىخ، يۈز بىشى، ئون بىشى،ئىمام، مۇئەززىن، فەقىر، ئاجىز، نامرات، ۋە رەئىييەتلەر رەۋزە بەرەۋزە سىيراپئەمىن ئامان ۋە ئاباد بۇلۇپ ھەرقايسىلەرى ئات، كالا، پۇل مال تافىپ، ئابادلىق ۋەمەئمۇرلۇق مەرتىبەسىغە ئۇلانىپ، شاد خۇررام بۇلۇپ، ساباھ ۋە مىسا فەرزۇخەمسەدەدەرگاھىھەق سارىغە باقىپ، شۈكۈرگۈزارلىق ئەيلەپ، ئول زات يابەرەكاتنىڭ دۆلەتئىقبالەرىغە دۇئايى خەير قىلۇر ئەردىلەر. ئول زات يابەرەكات كۈندۈزلەردە ساھىم ۋەكېچەلەردە قايىم ۋە روكو ۋە خۇشۇدا ئەردىلەر. ئول زات شەرىفنىڭ فەرزەندلەرىمۇھەممەد سەئىد ۋاڭ ئەلەيھىررەھىمە ئەردىلەر. ئول شاھىنشاھى ئالەم پەناھ، يەئنىھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭ⑷ ئۆز ھاياتلىقىدە<<ئەتتەۋفىقۇ شەيئۇن ئەزىمۇن لايۇئتا ئىللا لىئەبدى ئەزىز>>مەزمۇنىغە  ئەمەل قىلىپ، بۇئالەم چەرخىغەدارىننىڭ بىي فايانلىغىن كۆزلەپ، ۋە ئۈمۈرىنىڭ قەلىيل ۋە بىي ۋاپالىغىين ئىستەپ<< ئەددۇنيا مەزەرەئەتۇن ئاخىرەتى>> دېگەن ھەدىس نەبىۋى مەنىسىدىنۋاقىف ئۇلۇپ، شەھەر ئىچىدە بىر مەدرىسە ئالي مۇنبەرى مۇتەئالي بىنا ئەيلەپ، بازاريۈزىدە نەچچە ئۆي نەزول سەففەلەر ۋە شەھەرتاشىيدە كارۋان ساراي قىلدۇرۇپ، بۇمەدرىسغە ۋەخپە مۇتلەق قىلدىلەر. ۋە ئول سۇلتان كاشغەرگە تەۋە ھەممە كەنتسەھرالارنىڭ ھالىدىن خەۋەردار ئۇلۇپ، سۈيى ئازلىق قىلسە، نۇرغۇن ھەشىر قىلدۇرۇپ،ئۈستەڭ ئېرىقلارنى چاپتۇرۇپ سۈيىنى چىقارتىپ يەتكۈزۈپ بېرىپ ھەممە خەلىقلەرنىكەڭرۇ تارتىپ سىيراپ قىلۇر ئەردىلەر. فەقىر ئاجىزلارنىڭ ھالىدىن خەۋەردار ئۇلۇپ،ياخشىلارغا ھۆكۈم ئىلتىپات، ئېھسان ئەيلەپ يامانلارغا جەزا بېرىپ تۈزەتۇرئەردىلەر. ۋە ئول شاھىنشاھ ئادالەت پەناھ، ۋە ھۆكۈمەت دۇستىگاھنىڭ ياخشى نىيەتلىرىئاھەرى چوڭ –كىچىك ھەممە خەلقلەركۈڭۈللىرىغە تابىيش ۋە تەئسىر ئولغانىدىن ئولۇس خىيللەرى رەۋزە بەرەۋزە ئوۋقاتتېفىپ پۇلدار، مالدار، روزىدار ئۇلۇب مەئمۇرلۇق مەرتىۋىسىغە ۋە ئاۋادلىقدەرىجىسىغە ئولانىپ، تېنىچ ئامان ئولغانىغە ھەممە خەلىقلەر خۇشنود ئۇلۇب، دەرگاھىھەققە شۈكۈرگۈزارلىق قىلۇر ئەردى. ۋە ئول شاھىنشاھى ئادالەت تەخىت سەلتەنەتىدەبەرقەرار ئولغانلىرىدە، كاشغەرغە تەۋە ھەممە يۇرت كەنت سەھرالارنىڭ بەگ، ئاخۇند،ئاكابىر-ئەشرەپ، ئولۇغلىرى سەباھ ۋە مىسا ۋاقىتىدە يىغىلىشىپ كىلىپ، تەئزىمتەھىييە ئەدا ئەيلەپ ،كۆرۈنۈش قىلىپ، يۇرتدارلىق ئىشتىغال ھالىتىدىن ئايغانھۈكۈملەرىن ھەر قايسىلەرىن ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا يانۇر ئەردىلەر. دادخۇۋاھئەھۋالىين سورار ۋەقتىيندە نەماز فېشىن نامازىنى ئەدا ئەيلەپ، دادخۇۋاھ ئەھۋالىينسورايدۇرغان بەزىمگاھىغا چىقىپ ئولتۇرار ئەردىلەر، ئاندىن بىر-بىر ئالدىلەرىغەئىلىپ كىرىپ ئەرز ھال ئەھۋالىدىن تەھقىقلاپ، خىرومەندىلىغ بەگلەرنى يۈگۈرتۈپ،جىلۋەگە كەلتۈرۈپ، ۋە فىراتوسنىيىن يۈرگۈزۈپ، ۋە ئىمتىھال خىيالەتلىرى، چەشمەلەرىئىلە قاراپ ۋە سوراپ تۈگەتۈپ چىقارۇر. ۋە بەئزىلەرىن شەرئيكى ئاخۇندىلارنىڭئالدىغە كىشى بۇيرۇپ كۆرگۈزۈپ، شەرئي بىرلەن تۈگەتۇر ئەردىلەر. بۇ سۇلتاننىڭ بەزىخۇۋارقى ئادەتلەرى بۇ ئەردىيكىم: كېچەلىرىدە بىيدار ئۇلۇپ تىلاۋەت قۇرئان ۋە زىكرىسەنا ئەيلەپ، دەرگاھى ئالىيغە بۇيۇن قىسىپ، يۈز كەلتۈرۈپ، چەشمەسىدىن ئشكىدۇرلارنى  تۈكۈپ نىيازمەندىلىغ ئەيلەپ،دۇئا ۋە تەلەپ ئىلە ئولتۇرۇپ، فۇقرالار ھەققىدە دۇئا قىلۇر ئەردىلەر.كېچەلەرنى بۇتەرىقە بىرلە ئۈتكۈزۈرئەردىلەر. ۋەگاھى ئۆلما-دۇرۋىشلەر بىرلەن ھەم سۆھبەت ئۇلۇپكىتاپخوۋانلىق ۋە تائەتكارلىق قىلۇر ئەردىلەر، زاھىر سىياھلىق تەرىقەسى بىرلەئالەم سازلىق ئىشلارنى ھۈكۈمرانلىق ئەيلەپ تۈگەتۇر ئەردىلەر. ۋە باتىندە ھەمىشەفەقىر، ئاجىز، شېكەستە دىل ۋە يېتىم بىچارە، ۋە غېرىپ ئەۋارە رەئىييەتلەرھالەتلەردىن ۋاقىف ئۇلۇپ، بۇلارنىڭ ھالىغە يېتىپ ئەرزىن ئاڭلاپ، مەرھەمەت، ۋەشەپقەت ۋە مەرۇۋۋەت ۋە ۋە ئىلتىفاتلار قىلۇرئەردى.  ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭ ئەلەيھىررەھىمەنىڭ ئۆزھاياتلىقلارىدا فەرزەندلەرى مۇھەممەت سەئىدۋاڭ بەگ ياركەنت شەھرىغە ھاكىم مۇتلەقئىنان ئەردىلەر⑸. ھەزرەت مۇھەممەت سەئىد ۋاڭبەگنىڭ فەرزەندى ۋە دىلبەندى ۋە جىگەر گۆشت خۇرسەندىلەرى ھەزرەت ئەفرىدۇن ۋاڭ بەگكىچىك ئەردىلەر. كۈنلەردىن بىر كۈنى ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭ بەگكە كېسەل ئارز ئۇلۇپ،بىر نەچچە كۈن ياتىپ قىلىپ، تېبىپ ھۆكىمالار كىلىپ كۆرۈپ سەبەبكارلىق قىلدىلەر.خۇدا ۋە رەسۇل ھەققىدە نەزىرنىياز قىلدىلەر.كېسەللەرى كۈندىن –كۈنگە زىيان بۇلۇپ، ئۆلىمالارۋەبەگلەر، يۇرت - يۇرتلارنىڭ چوڭلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ۋىدالاشىپ، ئەھلى ئايال ۋەنەدىملار خىياللىرىغە پەند-نەسىيھەتلەرقىلىپ، ھەممە تەئەللۇقاتلارىدىن كۆڭۈل رېشتىسىىنئۈزۈپ، بەدەن قۇشلارى بۇ ئالەم پانىيدىن ئالەم بالاغە رېھلەت قىلدىلەر. شولسائەتتە فەرزەندىيلەرى، پەرزەنتى مۇھەممەت سەئىدۋاڭ بەگگە خەبەر يېتىپ ياركەندشەھرىدىن كاشغەرغە يېتىپ كەلدىلەر. ئول زاتى شېرىپنىڭ نامىزلەرىغە كاشغەرغە تەۋەھەممە كەنت سەھرادىكى بەگ، ئاخۇند، شەيىخ، يۈز باشىى، ئون باشى، ئىمام، مۇئەززىن،چوڭ كىچىك خەلىقلەرگە خەبەر بېرىپ ھەممە خەلىقلەر جەمئ ئولدىلەر. ئاخۇندلار ھەزرەتپەرىدۇن ۋاڭنىڭ بەدەنلىرىنى يۇپ⑹، جەسەتلەرىنى جىنازىگە سالىپ،نامازلىرىنى ئۈتەپ، كۈتەرىپ يۈردىلەر. باشلىرىدىن بىرنەچچە بەند خىزمەتكارلارنىئۆرۈپ ئازاد قىلىپ، ۋە داغى باشلارىدىن ئالتۇن كۈمۈش پۇل ماللىرىنى ساچتىلەر.ھەممە چوڭ كىچىك خەلقلەر يىغلاىشىپ نالە فىغانلار تارتىپ، ئارقەلەرىدىن ھەسرەت ۋەنادامەت چېكىپ، ھەزرەت سەئىد ئافاق بۇزرۇكۋارنىڭ ئاستانىلىرىغە ئالىپ بېرىپ،گۈمبەز ئىچرە دەفىن قىلدىلەر. شەھەر-شەھەر،دىيارلاردىن كەلگەن بەگ، ئاخۇند، شەيىخ، ئىمام، مۇئەززىن، يۈز باشى، ئون باشى،ئاۋام خەلقلەرگە ئولۇئى مەتائلىرىدىن قىلغان خەيرىيات ۋە تەسەددۇقاتلارىنى چوڭ –كىچىك ھەممە خەلىقلەرگە نەچچەكۈنگىغىچە بەردىلەر. ئىسقاتلىرىغە ئالتۇن، يامبۇ، كۈمۈش، پۇل-مال، تىۋە، ئات، كالاچاغلىقلارنى ئاياغى فىقىر، ئاجىز،گادايلارغىچە يەتكۈزۈپ ئۈلۈشتۈرۈپ بەردىلەر.نامرات، ئاجىز،گاداي كىشىلەر كىلىپ، ئالىپ غېني بولدى. خەزىنە دەفنەلەرنى سەرفقىلىشنىڭ نىھايىتى قالمىدى.  ئاندىنمۇھەممەد سەئىد ۋاڭ بەگ ئاتىسىنىڭ ئورنىدا ھاكىم مۇتلەقىلئىنان پادىشاھ ئۇلۇپياركەند ئەھلىنى بىرنەچچە  يىل  ئەدىل-ئادالەت بىلەن سوراپ، ۋە بەگلەر، فەقىر،ئاجىز رەئىييەتلەر  ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ،مەرھەمەت ئەيلەپ، شەرئنى جارىي قىلدۇرۇپ، رەئايە ۋە فۇقرالار داد سوراغلىرىنىمۇۋاپىق شەرئى ھۈكۈمى سوراپ فۇقرالار ھالىغا يېتىپ ۋە ياخشىلارغا ئىلتىفات، ئېھسانقىلىپ، ۋە يامانلارغا جازا بېرىپ، يۇرتنى ئەمىن ئامان قىلدىلەر. شۇبۇ تەرىقىدەكاشغەر، ياركەندلەرنى بىر نەچچە يىل سوراپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدە، بۇ ئالەم بىۋاپالىقيۈز كەلتۈرۈپ، ۋە جاھان خياللارىن ئۇنىڭ سارى يۈزلانىپ، تەرفھا بۇ ئالەم ئىچىرەشۇرغەۋغايى ئەزىملەر ۋە ئەلاي مۇستەقىملەر فەيدا بۇلۇپ، ھەزرەت مۇھەممەت سەئىد بەگۋاڭنىڭ كۇللى گۈلشەنى، ھەزىرەت فەرىدۇن ۋاڭ بەگنىڭ فەرزەندى ۋە جىگەر گۇشخۇرسەندەلىرىغە، قازايى قەدىر يېتىپ، مەھزۇنلۇق ۋادىسىدا ھەيران، ئەندۇۋەلۇقدەشتىدە سەرگەردان بولدىلەر⑦. ئاندىن كىيىن ئەفرىدۇن ۋاڭبېگىمگە خاندىن يارلىق چىقىپ، بۇ تۇرفاندا ئون يىل، ياركەنددە ئون ئىككى يىلۋاڭلىق تەخىتىدە ئولتۇرغاندىن⑻ كىيىن ئالەم تەفرىقە بۇلۇپ، ئونتۆت يىل بۇ شەھەرلەر پادىشاھسىز قىلىپ⑼، ئاندىن خاندىن چېرىك چىقىپ، بۇشەھەرلەرنى تەسەررۇفىغە ئىلىپ⑽، سۇلتان مەھمۇد ۋاڭ بىگىمنىتۇرفان مەزافاتىغە ۋاڭ قىلىپ، جەساقلارىنى بېرىپ ئون سەككىز يىل پادىشاھى ھاكىممۇتلەقىلئىنان ئۇلۇپ، بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممەسىنى تەسەررۇفىغە ئالغاندىن كىيىن،بۇئالەم بىۋاپالىق ئىشلارنى يۈز كەلتۈرۈپ، تەرفىھا بۇ ئالەمىي فانىينى تاشلاپ،دارائاخىرەتنى خوشلاپ، جان قۇشى بەدەن قەفسىدىن فەرۋاز ئەيلەپ كەتكەندىن⑾ كىيىن، ئۇنىڭ فەرزەندى،دىلبەندى، جىگەرخوش خۇرسەندى ھەزرەت ئىمىن ۋاڭ بىگىمگە پادىشاھلىق يېتىپ⑿، بۇ يۇرتدە فەقىر، ئاجىز،نامراد، گەدايلارغە مەرھەمەت ئەيلەپ، ئۈشرە زاكاتلارىنى چوڭ-كىچىك خەلىقلەرگەيىگۈزۈپ بېرىپ، گەردىنىدىن ساقىت قىلىپ، ئادا ئەيلەپ، يۇرتنىڭ ئەمىن ئامانبۇلۇشىغە سەئىي كۈئىش قىلىپ، ئەدىل- ئەدالەت بىلەن تۇتۇپ تۇرغالى تۆت يىل بۇلۇپدۇر⒀. خۇداۋەندە تائالا ئۈمرىنى تۆتمىڭ يىل ئۇزۇن قىلىپ، دۆلەتلەرىنى فۇزۇن قىلسۇن.ۋەللاھۇ ئەئلەم.   
شەرھ:
⑴.بۇ نەسەپنامىدا ئىمىن خۇجىنىڭسەككىز ئۇغلى ياش تەرتىپى بۇيىچە تىزىلمىغان، ياش تەرتىپى بۇيىچە تىزىلىشى مۇنداق:نۇرمۇھەممەت خۇجا، سۇلايمانخان، موساخان، ئەۋرازىپخان، سەيپۇللاخان، ئىسكەندەرخان،فەرىدۇنخان، بەھرامخان. نۇرمۇھەممەت خۇجا مەجرۇھلىقى ۋە ئانىسىنىڭ <<قارائۇستىخان>> بۇلۇشى سەۋەپلىك ھاياتىدا ئەمەل-مەنسەپ تۇتمىدى؛ سۇلايمانخانئىمىن خۇجىنىڭ ئورنىغا تۇرپان ئىنانچىخانلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. خاتالىقئۈتكۈزگەنلىكتىن1779-يىلى(چىيەنلۇڭنىڭ 44-يىلى) چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىنۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ موساخان ئىلىدا ھاكىمبەگ بولدى. 1766– يىلى(چىيەنلۇڭنىڭ 31-يىلى) بېيجىڭغابېرىش سەپىرىدە قۇمۇل يەتتە قۇدۇقتا تۇيۇقسىز كېسىلى قۇزغىلىپ ئالەمدىن ئۈتتى؛ ئەۋرازىپخان(غۇلام غۇجا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مۇساخاندىن كىيىن، ئىلىغا ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەندى.ئىلىدىكىھاكىمبەگلەر ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر؛ سەيپۇللاخان(ئىسراپىل خۇجا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئەۋرازىپخانئىلىغا ھاكىمبەگ بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بوش قالغان ئورنىغا  خۇشۇن ئىشلىرنى باشقۇرىدىغان ياردەمچىھاكىمبەگلىككە تەيىنلەندى.كىيىن ئىنىسى ئىسكەندەر كاشغەرگە ھاكىمبەگلىككەتەينلەنگەندىن كىيىن تۇرپاندىكى ۋاڭلىق ئىشلىرىنى سەيپۇللاخان باشقۇردى؛ بەھرامخانئەمەل مەنسەپ تۇتماي ئۈتتى.
⑵بۇجايدا ئىشارەت قىلىنغان كىشىئىمىن خۇجىنىڭ 1779-يىلى (چىيەنلۇڭنىڭ 44-يىلى) تۇرپاننىڭ ئىنانچىخانلىقمەرتىبىسىگە ئېرىشكەن ئالتىنىچى ئوغلىئىسكەندەر ۋاڭ. بۇ نەسەبنامىدە يېزىلغان<< كاشغەر دىيارىغا يىگرمە سەككىزيىل ھاكىمبەگ..>> دىكى ۋاقت تۇغرا ئەمەس. ئىسكەندەر ۋاڭ 1788-يىلدىن 1811-يىلغىچە كاشغەردە 23يىل ھاكىمبەگ بولدى. 1788-يىلى  (چىيەنلۇڭنىڭ 53-يىلى)كاشغەر ھاكىمبېگى ئوسمانبەگ كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغاندا، ئىسكەندەر ۋاڭ چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىنكاشغەرنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەندى. ئىسكەندەر ۋاڭ قەشقەردە ھاكىمبەگلىكۋەزىپىسىنى ئوبدان ئادا قىلىپ، ئاۋامنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش بىلەن بىرىگە ئۈچقېتىم مەنچىڭ خانىنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئىسكەندەر ۋاڭ 1811-يىلى(جىياچىڭنىڭ 16-يىلى) كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۈتكەندە، ئۇنىڭ ھايات چىغىدىكىۋەسىيىتىگە ئاساسەن، جەسىدى تۇرپان ئاستانىدىكى ئالتۇنلۇققا ئاپىرىلماي، ھازىرقىقەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئائىلىلىكلەر قوروسى ئىچىدىكى  ئۆز ھاياتلىقىدا ياساتقان ئاق مازار(ئىسكەندەرۋاڭ مازىرى)غا دەپنە قىلىندى. مۇللا مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي يازغان<<تاجىنامەئى ئىسكەندەر>> ۋە ئەلى ئبنى ئاخۇند ئابدۇلئەزىز تۇرپانىيپارسچىدىن تەرجىمە قىلىغان، ئابلىمىت ئەھەت بۆگۈ، ئىلھام ئابدۇللا بىرلىكتە  نەشىرگە تەييارلاپ <<بۇلاق>>ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان<<ئىسكەندەرى ئايىنە>> دەل ئىسكەندەرۋاڭنىڭ تەشەببۇسى ۋە قوللىشى  بىلەن بارلىققاكەلگەن دەۋرىمىزگىچە يەتكەن كىلاسسىك ئەسەرلەردور.
⑶.       جۈملەمەزمۇنىدىن قارىغاندا <<فەيدار>> ئەمەس <<پايدار>> بۇلۇشىكېرەك.
⑷بۇ نەسەپنامە فەرىدۇن ۋاڭنىڭكاشغەردە ھاكىمبەگلىك مەنسىپىدە ئولتۇرغانلىقى تۇغرىسىدا تارىخىي ئوچۇربولماسلىقتەك ماتىرىيال كەمچىلىكى تۇلۇقلايدۇ. ئىسكەندەر ۋاڭ ئالەمدىن ئۈتكەندىنكىيىن ئۇنىڭ ئوغلى يۇنۇس ۋاڭ ئاتىسىنىڭ مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ،1811-يىلى(جىياچىڭنىڭ 16-يىلى)  تۇرپاندائىنانچىخانلىق مەنسىپىگە ئېرىشىپ، كاشغەر ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەندى. 1814-يىلى(جىياچىڭنىڭ19-يىلى) باشقىلارنىڭ تۆھمەتلىرى سەۋەپلىك يۇنۇس ۋاڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.ئىمىن خۇجىنىڭ يەتتىنچى ئوغلى فەرىدۇن ۋاڭ 1815-يىلى(جىياچىڭنىڭ 20-يىلى) يۇنۇسۋاڭنىڭ ئىنانچىخانلىق مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلدى. فەرىدۇن ۋاڭ بۇندىن بۇرۇنتۇرپاندا تەيجىلىك مەنسىپىدە تۇرغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىنانچىخانلىق مەرتىۋىسدە، ۋەكاشغەر ھاكىمبەگلىك  مەنسىپىدە قانچىلىكۋاقىت تۇرغانلىقى تۇغرىسىدىكى قاراشلار بىردەك ئەمەس.
⑸.نەسەپنامىدە يېزىلغاندەكفەرىدۇن ۋاڭنىڭ مۇھەممەد سەئىدۋاڭ دەپ بىرلا پەرزەنتى بار ئىدى. لىكىن<<مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ ياركەندكە ھاكىمبەگ ئىدى>>تۇغرىسىدا ھازىرغىچەھىچقانداق تارىخىي  ماتىرىيال ئۇچرىمىدى.تەخمىنەن 1880-يىللار ئەتراپىدا خانغا يوللاش ئۈچۈن خەنزۇچە يېزىلغانمەلۇماتنامىدىمۇ بۇنداق ئۇچۇر يوق. پەقەت كاشغەردە يۇنۇس ۋاڭنىڭ ھاكىمبەگلىكئوردىسىدا ئەمەل تۇتقانلىقى قەيىت قىلىنغان. شۇڭلاشقا <<مۇھەممەت سەئىد ۋاڭياركەندكە ھاكىمبەگ ئىدى>>لىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئاساس يوق. مۇھەممەدسەئىد ۋاڭ 1819 -يىلى(جىياچىڭنىڭ 24-يىلى)ئاتسىنىڭ ئورنىغا ئىنانچىخانلىقمەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ كاشغەرگە ھاكىمبەگ بولغانلىقى تۇغرىسدا تارىخىيمەلۇماتلار ئېنىق. بۇ نەسەپنامىدە مۇھەممەد سەئىد ۋاڭنىڭ ھاكىمبەگ بولغان ئورنىبولغان كاشغەر ۋە ياركەند ناملىرىنى ئالماشتۇرۇپ قۇيۇلغان. ۋەياكى بۇ ئىككىشەھەرنىڭ ئەينى دەۋىردىكى مۇناسىۋىتى نەسەپنەمىنى قەلەمگە ئالغۇچىغا  تازا ئېنىق ئەمەس بولسا كېرەك
.يۇپ- يۇيۇپ، تۇرپان شىۋىسى.
. مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ ئۆ‍زدەۋرىدىكىئەلنى ئىدارە قىلشتىكى تەدبىركارلاردىن بولۇپ، ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى ۋە قەشقەرئامبىلىغا ماسلىشىپ،كاشغەرنىڭ ھاكىمبەگلىك ئىشلىرىنى ئوبدان ئىشلىدى. جاھانگىرخۇجىنىڭ  چىگرىدىن ئۈتۈپ ئېغۋاگەرچىلىكقىلغاندا، قەيسەرلىك بىلەن قارشى تۇرۇپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن مەنچىڭخانىنىڭ ئۈچ قېتىم تەقدىرلىشگە ئېرىشتى. 1826-يىلى7-ئايدا (داۋگۇڭنىڭ6-يىلى)جاھانگىر خۇجا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ كاشغەردە تۇپلاڭ كۈتۈردى، جاھانگىر خۇجاكاشغەرشەھىرنى قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندا ، ھاكىمبەگ مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ ئەسكەرلىرىنىباشلاپ قۇچاقلاشما جەڭ قىلىش جەريانىدا تۇپلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ كۈچۈرگۈزگەن ياكى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىغان نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىگەتەئەللۇق 802بەتلىك بىر قوليازما ھازىرشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق مۇزىيداساقلىنۋاتقان بۇلۇپ بۇ قوليازمىغا <<جاھاننى ئىدارە قىلغۇچى، فەرىدۇننەسەپلىك شاھ مۇھەممەد سەئىدنىڭ مۆھۈرى ھىجرىيە1237-يىلى>>دېگەن تامغابېسىلغان. بۇ قۇليازما ئەلشىر نەۋائىينىڭ <<خەزائىنۇل مەئانىي>>نىڭيېڭى نەشىرىنى تەييارلاشتا ئاساس قىلىنغان ۋە قۇشۇمچە پايدىلىنىلغان قوليازمىلارنىڭبىرىدۇر.
  ⑻. ئەفرىدۇن ۋاڭ ئاتىسىنىڭ ئۈلۈمىدىن كىيىن داۋگۇاڭ خاننىڭ تەستىقىبىلەن، 1827-يىلى (داۋگۇاڭنىڭ3-يىلى) ئاتسىنىڭ ئورنىغا ئىنانچىخانلىققا ۋارىسلىق قىلىپ لۈكچۈندە ۋاڭلىق تەختىدە ئولتۇردى. بۇھەقتە لۈكچۈندە ئۆتكەن شائىر ئەھمەد خوجامنىياز ئوغلى قۇسسۇرى«رەۋزەتۇززۇھرا»ناملىق داستاننىڭ ۋاڭلارغا نەسىھەت قىسىمىدا توختۇلۇپ مۇنداقيازغانىدى :
  بولدى جۈنۋاڭ شاھى سەككىز يىشىدا ،
لەئەللىكتاجى ئەپىرىدۇن باشىدا .
1842-يىلى(داۋگۇاڭنىڭ 22-يىلى) ئەتراپىدا،ئەفرىدۇن ۋاڭ كاشغەردىكى تۇغقىنى زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئارقىلىق تالانتلىق شائىرئابدىرىھىم نىزارى، نورۇزئاخۇن كاتىپ زىيائى قاتارلىق شائىرلارنى لۈكچۈنگە تەكلىپقىلىپ ئەينى دەۋىردىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولغان بۇ ئىككى جايدىكى ئەدىبلەرنىڭئۇچرىششى ئۈچۈن ياخشى سورۇن، ئىجادىيىتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتتى.
1852-يىلى(شىيەنفىڭنىڭ 2- يىلى) كۈزدە بېيجىڭغا خانغا كۆرۈنۈش قىلغىلى بارغاندا، ياركەندھاكىمبەگلىككە تەيىنلىنىپ ياركەندگە ئەۋەتىلدى. شيەنفىڭ خان ئەفرىدۇن ۋاڭنىڭياركەندتىكى خىزمەتلىرىنى تارتۇقلاپ «قوش قوببۇلۇق ئامبال» مەنسىپىنى بەردى .1862-يىلى4-ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەفرىدۇن ھاكىمبەگنىڭ مەنسىپى ۋە قوشۇمچەئامباللىق ئۇنۋانى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلىدى. شۇندىن كىيىن ئەپىرىدۇن ۋاڭتۇرپان لۈكچۈنگە قايتىپ كىلىپ داۋاملىق ئىنانچىخانلىق مەنسىپىدە ئولتۇردى. چىڭسۇلالىسى ھۆكۈمىتى جەنۇبى شىنجاڭدا ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن مەزگىلىدە، يەنىلا سادىق،سىنالغان ئادىمى بولغان ئەفرىدۇننى تاللاپ، 1863 -يىل 10-ئايدا قايتاھاكىمبەگلىككە تەيىنلەپ كاشغەرگە ئەۋەتتى. 1864 -يىلى 7-ئايدا كاشغەردە سىدىق بەگ،جىن شىياڭيىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ كاشغەر كونشەھەرنى ئىشغال قىلدى، ئەفرىدۇن ئەسكەرباشلاپ قوزغىلاڭچىلارنى تىنجىتماقچى بولدى ، نەتىجىدە ئۆزى ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. ئاندىنبۇزرۈك خۇجا تەرىپىدىن يەركەنگە ئەۋەتىلىپ، يەركەندە كۇچا خۇجىلىرىغا تۇتۇلۇپكۇچاغا ئىلىپ بېرىلدى، كۇچادا ياقۇپبەگنىڭ نازارىتىگە تۇتۇلۇپ، كاشغەرگە ئاپىرىلدىۋە سەۋدايى كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ 1872-يىلى يازدا 53 يېشىدا ئالەمدىن ئۈتتى.ۋاھىتجان غۇپۇر، ئەسقەر ھۈسەينىلەر نەشىرگە تەييارلاپ <<بۇلاق>>مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلغان، لۈكچۈنلۈك شائىر مۇللا بۇساق نىيازىينىڭ خەتتات مۇللافەتىھ قۇمۇلى تەرىپىدىن 1842-يىلى كۈچۈرۈلگەن <<دىۋانىينىيازى>>نامىلىق دىۋانىغا << تۇرپان جاساق جۈنۋاڭى ھەزرەت ئەفىرىدۇنۋاڭنىڭ نىيازى كىتابەتلەرى>> دېگەن ئۇچۇريېزىلغان.
⑼1864-يىلى ئەفرىدۇن ۋاڭ ھەپسىگەئېلىنغاندىن تارتىپ 1878-يىلى چىڭ سۇلالىسى ياقۇپبەگنى يۇقىتىپ شىنجاڭنىقايتۇرۋالغىچە ئارلىقتا ياقۇپبەگ ئاتالمىش<<يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتى>>قۇرۇپ جاي – جايلارغا بەگلەرنىتەيىنلىگەن بولسىمۇ بۇ نەسەپنامىدە << بۇ شەھەرلەر ئون تۇت يىل پادىشاھسىزقالدى>> دەپ يازغان
⑽.چىڭ سۇلالىسى1875 – يىلى(گۇاڭشۈنىڭ 2-يىلى) 5-ئايدازۇزۇڭتاڭنىڭ قۇماندانلىقىدا، شىنجاڭغا 60مىڭ كىشىلىك قۇشۇن چىقىرىپ، ياقۇپبەگھاكىمىيىتىگە زەربە بېرىشى ۋە شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت  خەلقىنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە، 1878-يىلى(گۇاڭشۈنىڭ5-يىلى) 1-ئاينىڭ2-كۈنىگىچە ياقۇپبەگنىڭ تاجاۋۇزچى كۉچلىرى تەلتۉكۉس قۇعلاپچىقىرىپ، شىنجاڭنى قايتۇرۋالدى.
⑾.چىڭ سۇلالىسى ياقۇپبەگنى يۇقۇتۇپ، شىنجاڭنى يېڭىۋاشتىن قايتۇرۋالغان چاغدا، ئەفىرىدۇن ۋاڭنىڭ تۇرفاندىكىئىنانچىخانلىق ئورنىغا ۋارىس بولمىغاچقا، ئەفىرىدۇن ۋاڭنىڭ ئاپىسى خۇشنارە خېنىم چىڭسۇلالىسىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن ئەفرىدۇن ۋاڭنىڭ 1863-يىلى كۈزدە، كاشغەر سەپىرىدەنىكاھىغا ئالغان خۇتۇنىدىن تۇغۇلغان ئوغلى مەھمۇدنى ياركەندتىن ئىزدەپ تېپىپ تۇرپانغائەكەلدى. شىنجاڭنىڭ باش مۇپەتتىشى لىيۇجىنتاڭنىڭ خانغا يوللىشى بىلەن 1881-يىلى (گۇاڭشۈنىڭ7-يىلى)  تۇرپاننىڭ ئىنانچىخانلىقىغا ۋارسلىق قىلىدى.1900-يىلى 4-ئايدا، مەجبورى نىكاھىغا ئالغان بەشىنچى خۇتۇنى ئانارنۇرخان توي كىچىسى ئۇستۇر بىلەن سۇلتانمەھمۇدنى ئېغىر يارلاندۇرۇپ، ئۆزىنى ئىگىز ئوردىدىن تاشلاپ ئۈلىۋالدى.ئوردىدىكىلەر سۇلتان مەھمۇد ۋاڭنىڭ بۇ سەتچىلىكىنى يۇشۇرۇش ۋە لۈكچۈندىكىئىسسىقتىن دالدىلىنىش ئۈچۈن، ئېغىر يارلانغان سۇلتان مەھمۇدنى تەڭرىتاغدىكى ئۆرتەڭئاشىڭىدا داۋالاش ئۈچۈن ئىلىپ مېڭىشىدا، كېچىسى تۇيۇقسىزكەلگەن سەل جىرغىدا ئۇخلاپياتقان سۇلتان مەھمۇد ۋاڭنى ئېقىتىپ كېتىپ، جەسىدى سۇنىڭ تۈۋەن ئېقىندىن تېپىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئون سەككىزيىللىق ئىنانچىخانلىق ھاياتى ئاخىرلاشتى.
⑿.ئىمىن ۋاڭ سۇلتان مەھمۇد ۋاڭنىڭچوڭ ئوغلى بۇلۇپ، 1901-يىلى(گۇاڭشۈنىڭ27-يىلى) ئاتىسىنىڭ ئىنانچىخانلىق ئورنىغاۋارىسلىق قىلدى. قۇمۇل دېقانلار قۇزغىلىڭنىڭ تەسىرى بىلەن 1931-يلى 11-ئايدا،تۇرپان ئاستانىدىكى مەقسۇت مۇھىتى رەھبەرلىكىدە تۇرپان، پىچان، تۇقسۇنلاردادېھقانلار قۇزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. مەقسۇت مۇھىتىنىڭ ئىنىسى مەھمۇت مۇھىتى، ئىمىنۋاڭنىڭ ئوغلى مەتسايىت ۋاڭلار قۇمۇلغا بېرىپ خۇجىنىياز ھاجىنى تۇرپانغا تەكلىپ قىلدى.قۇمۇل-تۇرپان قۇزغىلاڭچىلىرى پىچانغا چىققاندا، مەتسايىت ۋاڭنىڭ تەكلىپى بىلەنلۈكچۈنگە كېلىپ توپلاشتى. دەل مۇشۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن جىڭ شۇرىن تەرىپىدىنقۇمۇل-تۇرپان دېھقانلار قۇزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن شىڭ شىسەي قۇشۇنىنىباشلاپ لۈكچۈن شەھرىنى توپقا تۇتتى، لۈكچۈن ۋاڭ ۋاڭ ئوردىسىغا ئوت كېتىپ، ئىمىنۋاڭنىڭ تۇتقاق كېسىلى قۇزغىلىپ ئوتتا كۈيۈپ ئۆلدى. مۇشۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ۋاڭ ئورداكۈتۈپخانىسىغىمۇ ئوت كېتىپ،بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان، ئۇيغۇر، ئەرەپ، پارس، مانجۇ،خەنزۇ تىل-يېزىقلىرىدىكى نۇرغۇن كىتاپ، ۋەسىيقىلەر كۈيۈپ كۈلگە ئايلاندى. لۈكچۈندەياشاپ ئۆتكەن تەرجىمان، ھەكىم مۇللا مۇھەممەت سېتنىياز (1843-1927) دەل مۇشۇ ئىمىنۋاڭنىڭ تەكلىپى ۋە قوللىشى بىلەن پارسچەدىن  چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمەقىلغان<<مەلوماتى ئافاق>>نامىلىق كىتاپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى. ۋە ئەركىنئىمىنننىياز قۇتلۇق ۋە ئەجمەلخان ھاجىلارنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن<<بۇلاق >>ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.
⒀.<<1900-يىلى4-ئايدا سۇلتانمەھمۇد ۋاپات بولغاندىن كىيىن، چوڭ ئوغلى ئىمىن ۋاڭ ئۇنىڭ ئىنانچىخانلىق ئۇرنىغاۋارىسلىق قىلدى>> بىلەن نەسەپنامىدىكى <<ئادالەت بىلەن تۇتۇپ تۇرغىلىتۆت يىل بۇلۇپتۇ>>دېگەن بايانلاردىن بۇنەسەپنامىنىڭ يېزىغان ۋاقتىنىڭ 1904-يىلىئىكەنلىكىنى بىلىنىدۇ.      

پايدىلانغانماتىرىياللار :
1.سۇبېيخەي، خۇاڭ جيەنخۇا ،‹‹قۇمۇل ،تۇرپان ئۇيغۇرۋاڭلىرى تارىخى ››،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2001-يىل ئويغۇرچە نەشىرى ،ق تۇران ،ئە ئەرشىدىن تەرجىمىسى .
2.ئابدۇرىشىتئەھمەد:<<لۈكچۈن تارىخى>>،مەخسۇس توپلام، پىچان تارىخي ماتىرىياللىرى16-قىسىم.
3.موللاموساسايرامى :«تارىخى ھەمىدى » ،2007-يىل 9-ئاي مىللەتلەر نەشىرياتى 1- نەشىرى .
4.«شىنجاڭ يەرلىك تارىخى » ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك ،شىنجاڭ ئونۋىرسىتىنەشىرىياتى  2001-يىل 7- نەشىرى .
5. «تۇرپان جاساق جۇنۋاڭى پەرىدۇنلارنىڭ نەسەبنامىسى »، تۇرپان ژۇرنىلى2005-يىل 4- سان .مەتنىياز قۇربان تەرجىمىسى .
6.شېرىپ نىياز خۇشتار:<<شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەنشەخىسلەر>>،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2003-يىل 1-ئاي نەشىرى.
7.<<بۇلاق>>ژۇرنىلىنىڭ  مۇناسىۋەتلىك سانلىرى.



4

تېما

4

دوست

6897

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 494
تۆھپە : 1791
توردىكى ۋاقتى: 431
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 16:48:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم،شۇنداقلا چۈشۈرىۋالدىم .تېما ئىگىسىگە رەھمەت!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 16:55:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ۋاڭ دەپ ئاتالغانلارغا قارىساق زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلغانلار يوقنىڭ ئورنىدا، ھەممىسى ئەمەل قايغۇسىدا، خوجايىنىغا ئاجايىپ سادىق.
كونا زاماننىڭ ماڭقۇرتلىرى، ھازىرمۇ بار

2

تېما

0

دوست

1209

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13108
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 117
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 17:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوڭالتاق ۋاڭلار.

1

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 17:26:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دائىم تۇرپان، قۇمۇل ۋاڭلىرى دىگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. مۇشۇ ‹‹ۋاڭ›› دىگەن زادى قانداق مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟ ۋاڭ دىگىنى پادىشاھمۇ، قوچاق پادىشاھمۇ، ياكى يەرلىك بەگمۇ؟ بۇ ۋاڭ دىگەنلەر ھازىرقى مەنسەپنىڭ قايسىسىغا توغرا كېلىدۇ؟  رەئىس دەرجىلىكمۇ، ۋالىي دەرىجىكمۇ ياكى ھاكىم دەرىجىلىكمۇ؟ ئۇلار نىمىشقا ۋاڭ دەپ ئاتىلىدۇ؟ مۇشۇ ۋاڭنى ئىپادىلەيدىغان ئۇيغۇرچىدا باشقا سۆز يوقمۇ؟؟؟...

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3832
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 17:42:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتېريالكەن، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

0

تېما

2

دوست

4041

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1220
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 18:12:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بورىدىن قۇتۇلدۇرۇپ يولۋاسقا تۇتۇپ بېرىپ كورسەتكەن توھپىلىرى ئۇچۇن  دىسە ئەمىلرەك بولامدىكىن .......................
ئاپپاق خوجا دىسە كوپ كىشلەرنىڭ قان بېسىمى ئورلەپ كىتدىكەن بۇ ئىمىن خوجىمۇ بىر ساتقۇن ئەمەسمۇ ،يولۋاستىن قۇتۇلۇپ بورىگە تۇتۇلدۇم دىگەن شۇغۇ  ئاپپاق خوجىنىڭ  ئەۋلاتلىرىغۇ  دادىسنىڭ نۇمۇسنى ئاقلاش يولىدا جان بىرىپتىكەن مۇنۇ ئىمنجانىڭ  ئەۋلاتلىرى خەلىقنىڭ  قېنىنى شوراپتىكەنغۇ  .ئوزىمۇ ئاپپاق خوجىدىن قېلىشمايدۇ مۇناپىق

9

تېما

7

دوست

4540

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18108
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1398
توردىكى ۋاقتى: 440
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 19:02:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان   قۇمۇل  بەگلىرىمۇ    بىزدىن چىققان ئەڭ زور  مۇناپىقلار  توپىدۇر    ئۇلار بىزنىڭ  ھازىرقى تۇرمۇشىمىزغا   ئاساس   سېلېپ  بەرگەن   كاتتا   مۇناپىقلاردۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )