- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2308
- نادىر
- 0
- يازما
- 169
ئۆسۈش
  10.27%
|
ئىسكەندەر ۋاڭ 1811-يىلى(جىياچىڭنىڭ 16-يىلى) كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۈتكەندە، ئۇنىڭ ھايات چىغىدىكىۋەسىيىتىگە ئاساسەن، جەسىدى تۇرپان ئاستانىدىكى ئالتۇنلۇققا ئاپىرىلماي، ھازىرقىقەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئائىلىلىكلەر قوروسى ئىچىدىكى ئۆز ھاياتلىقىدا ياساتقان ئاق مازار(ئىسكەندەرۋاڭ مازىرى)غا دەپنە قىلىندى.
==============================================
خاتا، ئىسكەندەر ھاكىمبەگ ئۆلۈشتىن بۇرۇن ھازىرقى خەلق باغچىسىغا يانداش شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئائىلىكلەر قورۇسى ئىچىدىكى كاتتا مازارنى سالدۇرغان، ئەمما ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە جەسىدى تۇرپانغا يوتكەپ كېتىلگەن. مازارنىڭ ئىگىسى يوق بولغاچقا، كىشىلەر كېيىن بۇ مازارنى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىماي، ‹‹ئاق مازار›› (قۇرۇق مازار) دىگەن نام بىلەن ئاتاپ كەلمەكتە. ھازىر بۇ مازار ئۇيغۇر بىناكارلىقنىڭ نامايەندىسى سۈپىدە ‹‹شەھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى›› قىلىپ قوغدالماقتا. |
|