- تىزىملاتقان
- 2015-6-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9235
- نادىر
- 0
- يازما
- 250
ئۆسۈش
84.7%
|
يۇقۇردىكى 1-فىلىم 1980-يىلى 8-ئانىڭ 13-(روزاھېيىت)كۈنى ئەزىزانەقەشقەردە ‹‹جۇڭگۇ ياپھونىيە دوسۇتلۇق بىىرلەشمە ئەترىتى ››ئىشلىگەن فىلىمكەن .مېنىڭ 10ياش ۋاقتىلىرىم ...قەشقەرنىڭ قول ھۆنەرۋەنچىلىكى ماشىنلاشمىغان ،ھەممىسى ئسمى-جىسمىغا لايىق ھەقىقى قول-ھۆنەرۋەنچىلىك..... روزاھېيىت كۈنى ئىدى ...ھىيىتگاھ مەسچىت ئالدىدىكى چوڭ مەيدان ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى .. بۈتۈن ئشتىياق بىلەن ساما سېلىۋاتقان ....ئۇ چاغلارنى ئەسلەپ ،كۆزۇم نەملەشتى .....ھەقىقەتەن ساپ ھاۋالىق ساپ...ھەقىقى...ھاياتتىكى ۋاقىتلار...!!!.ھەېييييي
ئاخىردا تورداشلارغا مەزكۈر باغداش مۇنبىردەthznap ناملىق تورداشنىڭ 2013-10-18 يوللاپ ئىلان قىلغان:
‹‹80-يىللارنى سىغىنىپ قالدىم.›› تىمىسى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي
80يىللارنى سىغىنىپ قالدىم.
ھەممە ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى گۈزەل كارتىنىلىرى ۋە ئەسلىمىلىرى بولىدۇ. گەرچە بالىلىقتىكى ئۇ گۈزەل،غۇبارسىز چاغلار ئاللاقاچان ئۆتمۈشكە ئايلانغان بولسىمۇ، رىئاللىقتىكى خىلمۇ خىل ئىشلار مىڭىمىزنى غىدىقلاپ ،بىزنى ئەشۇ ئەسلىمىلەر قوينىغا ئاپىرىپ تاشلايدىكەن. ھازىرقى رىئاللىقىمىزدىكى ھەربىر ئىش بالىقىمىزدىكى كارتىنىلار بىلەن روشەن سىلىشتۇرما ھاسىل قىلىدىكەن. نىمىشقىكىن ھازىر گەرچە پەن-تىخنىكا، ئىقتىساد تەرەققى قىلىپ تۇرمۇشىمىزغا قولايلىقلارنى،ئەۋزەللىكلەرنى ئىلىپ كەلگەن بولسىمۇ تۇرۇپلا ئاشۇ تەرەققى قىلمىغان،قولايسىزلىققا تولغان دەۋىرلەرنى سىغىنىپ قالىدىكەنمىز.....
مانا بالىلىقىمدىن خوشلاشقىلىمۇ ئۇزۇن يىللار بولۇپتۇ، ھەش-پەش دىگۈچە ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولۇپ قاپتىمەن. بەزىدە بالامنىڭ دۆۋە-دۆۋە تاپشۇرۇقلار ئارىسىدا مۈكچىيىپ،كىچە سائەت 10-11لەرگىچە تاپشۇرۇق ئىشلىگىنىنى كۆرۈپ يەنە بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالىمەن. مەن بالامدەك باشلانغۇچ ئوقۇۋاتقان چاغلاردا پەقەت ئىلىپبە، ماتىماتكىدىنلا تاپشۇرۇق ئشلەيىتتۇق،تاپشۇرۇقنىڭ مىقدارىمۇ ناھايتى ئاز ئىدى.ئاساسەن تاپشۇرۇقلارنى مەكتەپتىلا ئىشلەپ بولاتتۇق. مەكتەپتىن قايىتقاندا بولسا مەھەللىدىكى 20-30باللا يىغىلىپ ھەرخىل ئويۇنلارنى ئوينايىتتۇق. شامال چاقىپىلىكى، سۇ چاقىپىلىكى،تاپانچا،ماشىنا .ئايرۇپىلان ........... دىگەندەك ئويۇنچۇقلارنى ياساپ ئوينايىتتۇق. يەكشەنبە كۈنلىرى بولسا مەھەللىمىزدىكى ساسلىقتا قوي باققاچ بىلىق تۇتاتتۇق.(كىيىنچە بىلىق يەيدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىنمۇ ،ئەيتاۋۇر ئىككى-ئۈچ يىلغا بارماي ئۇيەردىكى بىلىقلار نىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى. يەر ئاچقۇچىلارنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن ئۇ ساسلىقمۇ يوقاپ كەتتى.) ئۇ چاغلاردا نامىرات دىگەن دىھقاننىڭمۇ 8-10 قويى بولاتتى. مەكتەپكىمۇ ئۆزىمىز بىرىپ كىلەتتۇق. دەرىس ئارلىقىدىكى دەمئلىش ۋاقىتلىرىدا كەنىت قورۇسىدا(مەكتەپ بىلەن كەنىت ئۇدۇلمۇ -ئۇدۇل ئىدى) نۇرغۇنلىغان بالىلار ئىككى قاش بولۇپ جاڭلاش (جەڭ قىلىش) قىلىش ئويۇنى ئوينايىتتۇق.داڭگاللارنى بىر-بىرىمىزگە ئىتىشاتتۇق. بەزلىرىرىمىز نىڭ قاش-قاپاقلىرىمىز ئششىپ،كۆكۈرۈپ قالاتتى،ھەتتا يىرىلىپ كىتەتتى . لىكىن ھىچ قايسىمىز يىغلىمايىتتۇق. جەڭدە باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلەرنى ھەممەيلەن ئالقىشلايىتتۇق، ئازراقلا چىدىماسلىق قىلغانلارنى كىيىن ئويۇنىمىزغا قاتمايىتتۇق. جۈمە كۈنلىرى جۈمە نامىزىغا باراتتۇق. يۇقىرى يىللىقتىكى چوڭ بالىلار بولسا بەزىدە چۈشتىن كىيىن تەرەپلەردە ناماز ئوقۇيىتتى.ھىيىت كۈنلىرى دادىمىز ھىيىت نامىزىغا بىللە ئاپىراتتى.تەتىللەردە مەھەللىمىزدىكى قارىمنىڭ ئۆيىدە دىننى ساۋاق ئالاتتۇق. ئۇ چاغلاردا ئۆيلەردە تىلۋۇزۇر بولمىغاچقا يىزىنىڭ كىنو قويۇش ئەتىرتى ئايدا بىرە قىتىم چىقپ كىنو قويۇپ بىرەتتى. بەزىدە مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىككى ئادەم چىقىپ سىنئالغۇ فىلىملىرىنى قويۇپ بىرەتتى. ئۇچاغلاردا پىئونىرلىققا ئۆتۈپ قىزىل گالاستۇقنى تاقايدىغان بولساق ئالەمچە خوش بولاتتۇق. مەكتەپتىكى سىياسى تەربىيەلەرمۇ ئاساسەن لى فىڭدىن ئۈگۈنۈش،ياخشى ئىش ،ياخشى پائالىيەتلەرنى كۆپرەك قىلىش،چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،ئاتا- ئانىغا يارىدەملىشىش ،دۆلەتنىڭ،كوللىكتىپنىڭ مۈلىكىنى ئاسىراش توغۇرلۇق بولاتتى. ئىشەك ھارۋىمىزغا يوغان تۇڭنى بىسىپ ئۆيىمىزگە، ۋە مەلىمىزدىكى قىرى ئاجىزلارغا سۇ ئەكىلىپ بىرەتتۇق. تۈنەك كىچىلىرى مەھەللىنى بىشىمىزغا كىيەتتۇق،ھەرخىل ئويۇنلارنى ئوينايىتتۇق.تاملارغا يامىشىپ چىقىپ سەكرەيىتتۇق. ياز كۈنلىرى ئۆستەڭ،سۇ ئامبارلىرىدا سۇغا چۆمىلەتتۇق.سۇنىڭ تىگىگە بىر كىرپ كەتسەك بىرەر يۈز مىتىر يەردىن چىقاتتۇق. بۇ ماھارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز ئەمىليەت داۋامىدا ئۈگەنگەن ئىدۇق. لىكىن ھازىر بالامغا قارىسام يۈرۈگۈم ئىچىشىدۇ........................
amanyol نىڭ ئنكىسى:
ئەينى دەۋىرلەردىكى بالىلىقلىرىمىز ئاجايىپ مەنىلىك ئۆتۈپتىكەن،ئەتىيازدا ئۆزىمىز ياسىغان لەگلەك ئۇچۇرۇش بىزگە ئالامەت خوشلۇقلارنى ئېلىپ كىلەتتى،ھەر بىر پەسىلنىڭ ئويۇنلىرى ئەشۇ پەسىل ئۆزگۈرىشىگە قاراپ ئۆزگىرەتتى،مەسىلەن قىشتا ئۆزىمىز ياسىۋالغان كانكىلاردا مۇز تىيىلىپ ئوينايتتۇق،ئۆزىمىز ياسىۋالغان نۇرنى مۇز ئۈستىدە ئوينىتىش بىزگە ئاجايىپ شاتلىقلارنى ئېلىپ كىلەتتى،ياز بىزگە ئاساسەن سۇغا چۈمۈلۈشتەك ئەڭ ئىسىل ئويۇننى ئاتا قىلاتتى،سۇغا ئىگىلىپ ئۆسكەن سۆگەتلەر بولىدىغان،ئەشۇ سۈگەتلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىپ موللاق ئېتىپ ئۆستەڭگە سەكرەش ئەڭ كۆڭۈللۈك ئويۇنلىرىمىز ئىدى-دە،ئانىلىرىمىز نان ياققان تونۇر بېشىغا كەچتە يىغىلىپ ئۆيىمىزدىن ئالغاچ چىققان بەرەڭگە،قىزىلچىلارنى قوقاسقا كۆمۈپ قويۇپ پۇتىمىزنى تونۇر ئىچىگە ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ چۈچەك ئېيتىشمۇ بىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈللۈك پائالىيەتلىرىمىز ئىدى،مۆكۈشمەك ئويناشمۇ بەك قىزىقارلىق،بەزى سامانلىقلارغا مۆكىۋالغان بالىلار بەزىدە شۇ يەردە مۈكۈنۈپ يېتىپ ئۇخلاپ قېلىپ ئاتا-ئانىسىنى ئەنسىرىتىدىغان ئىشلارمۇ چىقىپ تۇراتتى،شۇ چاغدىكى ئويۇنچۇقلار مەسىلەن رەگەتكە،تاپانچا،لەگلەك،نۇر چانا،گاگار،پاخپاق ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئويۇنچۇقلارنى ئۆزىمىز ياسىۋالاتتۇق،ھازىر بۇ نەرسىلەرنى زاۋۇت كارخانىلار ياسايدىغان بوپ كەتتى،لېكىن ئەشۇ ئويۇنلارنى ئوينايدىغان مەيدان يوق،مەسىلەن ئېيتايلى،بىز شۇڭغۇپ ئوينايدىغان ئۆستەڭلەر ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتتى،ئىشقىلىپ ھازىرقى بالىلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسى بارغانسىرى تارايماقتا،بالىلىرىمىز ئويۇنلارنى كومپىيوتىردىن ئىزدەۋاتىدۇ، كائىنات بىلەن باغلانغان ئويۇنلىرى يوق دىيەرلىك،ماۋۇ تىمىنى ئوقۇپ ئۆزەمچە بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم،توغرا چۈشۈنىڭلار.
|
|