- تىزىملاتقان
- 2013-5-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2331
- نادىر
- 0
- يازما
- 246
ئۆسۈش
  11.03%
|
ئۇ چاغلاردا تۇرمۇشىمىز نامرات بولسىمۇ روھىمىز باي ئىدى . يوللار تار بولسىمۇ كوڭلىمىز ئازادە ئىدى . زاغرا يىسەكمۇ يىمەكلىكىمىزدە زەھەر يوق ئىدى . قانۇن -تۇزۇم مۇكەممەل بولمىسىمۇ جىنايەت ئوتكۇزگەنلەر ئوخشاش جازالىناتتى . يېنىمىزدا كىملىكىمىز بولمىسىمۇ خالىغان يەرگە بىمالال بارالايتتۇق . پۇلىمىز بولمىسىمۇ ئاچ قالمايتتۇق ، ئوقۇش ھەقسىز ئوقۇشسىز قالمايتتۇق ،ئوتتۇرا تېخنىكۇمدا ئوقۇساقمۇ ئىشسىز قالمايتتۇق . ئويلىرىمىز كۇنا بولسىمۇ خاتىرجەم ئوخلىيالايتتۇق ،تەڭ كېچىدە
ھىچكىم ئاۋارە قىلمايتتى . پىشانىمىزدا قاشقىمىز يوق ئىدى ، خالىساق رەھبەر بۇلالايتتۇق ، ئاۋام پۇقرا بولساقمۇ ھىچكىم ئويىمىزنى خالىغانچە چاقالمايتتى ، يىرىمىزنى تارتىۋىلالمايتتى . قېيىنچىلققا ئۇچۇرساق تەشكىلنى ئىزدىسەك قىيىنچىلىقىمىز ھەل بۇلاتتى ، مال باھاسى ،باج -رەسمىيەت دىگەنلەر يۇقۇردىن ھوججەت كەلمىسە كۇندە ئوسمەيتتى. قۇتاندىكى مال -چارۋىلىرىمىزنى سېتىپ پۇلنى بانكىدا قويساق نەچچە يىلغىچە قىممىتىنى يوقاتمايتتى . ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ئۇ چاغلاردا خەلق خوجايىن ئىدى . |
|