تېما يوللىغۇچى تايانچىم بار ئەپەندى،سىزنىڭ ئالاھىدە ئەجىر قىلىپ ھەرخىل مەنبەلەردىن مىنىڭ شېئىرلىرىمنى يىغىپ.توپلاۋاتقانلىغىڭىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئىتىمەن.
مىنىڭ پىتراپ كەتكەن،ھەتتا ئۇزۇمدىمۇ ئورگىنالى بولمىغان،يوقالغان شېئىرلىرىمنى ۋاقىت ئاجرىتىپ يوللاۋاتقان بارلىق تورداشلاررغا تەشەككۆر بىلدۇرىمەن.
بەزى شېئىرلاردا سۇزلۇكلەر ئالمىشىپ قالغان ياكى كەم قالغان،بەزى مىسرالار چۈشۈپ قالغان،بەزى مىسرالار ئۇزگىرىپ كەتكەن ئەھۋاللارنى بايقىدىم.ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىز سىلەرنىڭ سەھۋەنلىكىڭلار ئەمەس.سىلەرمۇ ھەرخىل مەنبەلەرگە سادىق بولدۇڭلار.مەن ۋاقتىم يار بەرگەندە بىر-بىرلەپ ئەسكەرتىپ تولۇقلاپ قويسام بولىدۇ.شۇ باھانىدا بىر قۇر تەھرىرلىنىپ،مەتبۇئاتقا لايىق بىر نەرسە بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.دۇسىتلارنىڭ يوللىيالىغىنىچە يوللاپ قويۇۋىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
قاراخان ئەپەندىم يوللىغان "شېئىر بىلەن سۆھبەت"تىكى ماۋۇ كوبلىت:
تەستەك تەگدى شۇڭا مەڭزىڭگە،
شۇ سەۋەپتىن سىقىلدى گېلىڭ.
باشلىرىڭدا چېقىلدى ياڭاق،
شۇ سەۋەپتىن ئويۇلدى كۆزۈڭ.
ئەسلى مۇنداق:
تەستەك تەگدى شۇڭا مەڭزىڭگە،
شۇسەۋەپتىن گىلىڭ سىقىلدى.
شۇ سەۋەپتىن كۇزۇڭ ئويۇلدى،
باشلىرىڭدا ياڭاق چېقىلدى.
شېئىرلىرىم تورداشلارغا ئازىراق بولسىمۇ بەدىئى زوق ئاتا قىلالىسا ،مەن شۇنىڭدىن خوش.
ھۇرمەت بىلەن: قاسىم سىدىق
2013.10.21
|