بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tayanqimbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-20 18:52
دەسمايىسى
قاسىم سىدىق
بۇ سەتەڭ شۇنداق سەتەڭ، سۈلكىتى - دەسمايىسى.
ساختا كۈلكە، ساختا ھۆرمەت-ئىززىتى - دەسمايىسى.
ئاق بىلەك، ئاپئاق يوتا، ئاپئاق ئېتى - دەسمايىسى.
كۆزلىرىدە جىلۋە قىلغان شەھۋىتى - دەسمايىسى.
بولدى بەس، نەق گەپنى قىلساق، ئىپپىتى - دەسمايىسى.
بۇ سەتەڭ شۇنداق سەتەڭ ، لەۋلىرى ئەينولىدۇر،
گاھى ئاقتۇر يۈزلىرى، گاھى خۇددى لالىدۇر،
بولسا كۆكسى گاھى ئالما، گاھىدا شاپتۇلىدۇر،
ئۇشبۇ ئالۋۇن قايدا بارسا ، شۇندا كۆپ غۇلغۇلىدۇر،
مىسلىسىز تەنناز ئەجەپ، سىر-ھېكمىتى - دەسمايىسى.
بۇ سەتەڭ شۇنداق سەتەڭ، بەللىرىدۇر بىر تۇتام،
گاھى قېلىن ، گاھى نېپىز سوقىدۇ يۈز مايدا تام،
ياقىسىز ، يەڭسىز ئىرۇر كۆينەكلىرى ، مەغرىپ مۇقام،
بىر غىرىچلا يوپكىسى، ھەممە نەق خوللاس كالام،
تامبىلى بارماقچە بار-يوق، رىغبىتى - دەسمايىسى....
دەپ تۇرۇپ ئۇيغۇرنى «ئورغۇي» ئاغزىدا «گوپەي» تېخى،
چىقسا ئۆيدىن مومىسىغا دەيدۇ ھەم «بەي بەي» تېخى،
گاھ فىرانسۇز، گاھ پولەكچە چاچرىتار شۈلگەي تېخى،
ئاغرىسا «ئەييۇ»لا دەيدۇ، ئەستە يوق «ۋاييەي» تېخى،
مودا دەپ يۇيمايدۇ كۆينەك، چەتئەل پېتى - دەسمايىسى.
كەستى سۇمبۇل چېچىنى،داغلىدى داغمالدا ئۇ،
بۇدرە دەپ بولدى سېۋەت باش، بۇدىرىلەرنىڭ ئالدى ئۇ،
يىڭنە بىلەن مەڭ ياساپ تولىمۇ قىينالدى ئۇ،
قاتتى ئەينەك ئالدىدا، كەتسە ئوت قوزغالدى ئۇ،
ئۆزىدە دەسمايە يوقتۇر، زىننىتى - دەسمايىسى.
ئۆزى ئۇيغۇر، تۇرقىدا ئۇيغۇرلىقىدىن يوق دېرەك،
يوق ئەمەس باردۇر يۈرەك، يوقى ئۇيغۇرچە يۈرەك،
قايسى مىللەت بولمىسۇن قىلماس ئۇنى ھەرگىز كېرەك،
كېچىسى دەملەيدۇ قەھۋە، كۈندۈزى تارتىپ خۇرەك،
كىملا بولسۇن قوينىدا، ئىشرىتى - دەسمايىسى.
نەچچە ئەرگە تەگدى ئۇ، ئايمۇ ئۆتمەي «ئۇچ تالاق»،
يېشى ئون سەككىز تېخى، مۇشتەك تۇرۇپ بولدى پالاق،
شۇ پىتى ئۆزگەرمىسە، قىلماس ئۇنى ئىتمۇ يالاق،
يۈتمىدى ياكى ئەجەل، يا بولمىدى ئاغرىق-سىلاق،
قاترىدى ھەر رەستىدە، ھارماس پۇتى - دەسمايىسى.
مۇدا دەپ تاللاپ تۇرۇپ ئىچىدۇ شامپان يەنە،
تۈگىسە شامپان ئاق ھاراققا قول سۇنار شۇئان يەنە،
قولىغا قىسقان سىگارت، تارتىشى چاپسان يەنە،
چەككىدەك ئەمدى خىرۇئىن، قاينىغاچ «ۋىجدان» يەنە،
بەيگە بەرمەس ھەر سەنەمدە، «شۆھرىتى» - دەسمايىسى.
ياشىماق بولماس نېسىپ، ئەلۋەتتە راست دەسمايىسىز،
ئادىمى بولماق قىيىن ياخشى ئەخلاق-غايىسىز،
نۇر چاچار مىللەتمۇ يوق مۇتلەق غۇبارسىز، سايىسىز،
ئۆز ئۆيىدىن باتنىغاننى كۆردى كىملەرمۇ ئەزىز؟
كەلتۈرەر بىر بۇردا نان ،مىننىتى - دەسمايىسىز.
ئۇشبۇ مەلئۇن دەردىدە تاپقان ئاتاسى ئاھ ئۇرار،
قىلمىشىدىن ھەر كېچە ئەخلاق خۇداسى ئاھ ئۇرار،
ئاڭا كار قىلماس جازا، ھەتتا جازاسى ئاھ ئۇرار،
نەچچە تەگدى، ئاجرىدى، ئەھدۇ نىكاسى ئاھ ئۇرار،
ئۆزى شۇ ھالدا تۇرۇپ غەيۋىتى - دەسمايىسى.
بولدى بەس ئۇيغۇر قىزى، ئۇيغۇرلىقىڭنى ئۇنتۇما،
مىللىتىڭدىن ئۆرىسەڭ يۈز خورلىقىڭنى ئۇنتۇما،
نوزۇگۇم ئاھ ئۇرمىسۇن، مەغرۇرلىقىڭنى ئۇنتۇما،
جەڭدە رىزۋاندەك غەيۇر-باتۇرلىقىڭنى ئۇنتۇما،
غۇرۇرى مەقسەت ئۇلارنىڭ ، مېھنىتى-دەسمايىسى.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1994-يىل2-سان |