ساختىدۇر
قاسىم سىدىق
خۇشپۇراقى بولمىسا ، بۇ "گۆلۇ گۆلگۆن "ساختىدۇر،
پىغان-پىراقى بولمىسا "بۇلبۇلى مەجنۇن" ساختىدۇر.
كۇرگىنىڭنىڭ بارىنى چىن دەپ ئۇزۇڭنى ئالدىما،
زاتى-سىياقى بولمىسا،دەشتىلەردە ئالۋۇن ساختىدۇر.
زاھىرى زىننەت ئىرور، جەۋھىرى باتندىدۇر،
مەنتىق ياراقى بولمىسا، قامۇستا مەزمۇن ساختىدۇر.
بىر شاكالدۇر بۇ «زامان»،قايدا جەۋھەر -مېغىزى؟،
كۇزى-قاراقى بولمىسا،كۇزگۇگە مەپتۇن ساختىدۇر!.
قېنى كۇرسەت ئەي«زامان»مەۋجۆتلىگىڭگە بىر دەلىل؟،
زىيا - چىراقى بولمىسا،مەجاز بىلەن "كۈن" ساختىدۇر!.
2013.10.17
ئەسكەرتىش:
ئالۋۇن __ سەراپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.دەشىت-باياۋانلاردا ،تۆزلەڭلەردە كۇرۇنۇدىغان ئۇپتىكىلىق ھادىسە.يىراقتىن كۇرىندىغان،يېقىن بارسا يوقاپ كېتىدىغان ئادەم ئالدايدىغان ساختا مەنزىرىلەر.
|