ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 25-26ياش ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپ ،ئاغزىمغا ئېغىز يارىسى چىقىدىغان بولۇپ قالدى .دەسلەپتە ئىچكىرىدىكى مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ناچارلىقىدىن كۆردۈم .ئۇ يىللاردا تاماقلار تازا دىگەندىكىدەك بولمىغاچقا تۇخۇمغا بەكلا تايىنىۋاپتىكەنمەن .بولۇپمۇ مۇسكول مەشىقى قىلىپتىمەن تېخى تېرەمگە باتماي ،شۇ چاغلاردا مەشىقتىن يېنىپ كېلىپ مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرىپ ئىككى قولۇمغا ئىككى تۇخۇم ئېلىۋاپ،سىكونت ئىچىدە سويىۋېتىدىغان ھۈنىرىم باتتى ،شۇ قىززىقچىلىقتا تۆت بەش تۇخۇمنى يېۋىتەتتىم .بەزىدە خام تۇخۇمدىن تۆت بەشنى ئىچەتتىم .شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەرەز كىسەل كۈچەيگىلى تۇردى .28 ياشلاردىن باشلاپ ،ئاساسەن ئايدا بىر چىقىدىغان بولدى .تەخمىنەن ئون كۈنلەر ئۆپچۆرىسىدە ساقىيىدۇ .ساقايسىلا ۋۇسۇڭنىڭ ھېلىقى ئەقلىيە سۆزى يەنى ‹ئاچ ئەرۋاھ بولغاندىن توق ئەرۋاھ بولغان ياخشى›دىگەن بويىچە ساقىيىۋېلىپلا ئىسسىق تاماقلارنى ئوبدان يەۋالىمەن ،ئاندىن يەنە ئون ئونبەشكۈندىن كېيىن يەنە چىقىدۇ .بەزىدە بادامنى بېسىپراق يەپ قويسام نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە چىقىدۇ . خىزمەنكە چىققىلى ئون ئۈچ يىلچە بوپتۇ .خىزمەت مۇھىتىم كۈندە نورمال ھېساپتا تەخمىنەن 10سائەت كومپىتور ،روتتىر جازىسى بار مۇھىتتا ئۆتۈپتۇ .دوختۇرغا كۆرۈنسەم سېنىڭ خىزمەت مۇھىتىڭ ئىچكى ئاجراتماڭنى قالايمىقان قىلىۋېتىپتۇ ،كىسەلگە قارشى تۇرۇش سېستىماڭ دەخلىگە ئۇچىراپتۇ .شۇڭا كومپىتوردىن يىراق تۇر دەيدۇ .ۋىتامىن ب نىمۇ جىق يىدىم . ئەمۋاينىڭ ۋىتامىنىنى پايدا قىلىدۇ دىۋىدى يەپتىمەن ئاقسىل بىلەن قوشۇپ ،راس پايدا قىلدى ئۈچ تۆت ئاي چىقمىدى .لېكىن توختىتىپ قويۋىدىم يەنە چىقتى .كېيىن ئەمۋاي توغرىسىدا پەتىۋا چىقىۋىدى ئۇنىڭدىن يىراق تۇردۇم . ئاڭلىسام ئۇيغۇرلاردا ئازغىغا مۇشۇنداق يارا چىقىپ قېلىش كىسەللىكى خېلى جىقكەن .ھە راست سىرتلاردا تاماق يىيىش جىقراق بولۇپ قالسا يەنى ئۇدا تۆت بەش كۈن سىرتتا يەپ قالسام كالپۇكۇم ياكى تىلىم ئويىلىپلا چىقىدۇ .ئۆتكەندە خوتەندىن ئېلىپ كېلىنگەن بوزورىنى بېسىپ ئىچىۋىدىم خېلى ياخشى بولۇپ قالغانتى .ھازىر مەن تۇرغان يەردە بوزورىنى تاپقىلى بولمىدى . مەنبە:مەن |