- تىزىملاتقان
- 2012-8-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1829
- نادىر
- 0
- يازما
- 191
ئۆسۈش
  82.9%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xarwaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-8 15:56
ئېغىز يارىسى بارلار بۇنىما سىناپ بېقىڭلار :
ئېغىز بوشلىغى ياللۇغى بولۇپ قالغىنىمغا 20 يىلدىن ئاشتى . يارا بەزىدە ئېغىز بوشلۇقۇمنىڭ ئىچكى قىسمىدا ، بەزىدە كالپۇكىمنىڭ ئىچىدە ياكى سىرتىدا ، يەنە بەزىدە تىلىمنىڭ ئۇچى ياكى يېنىدا بولۇپ قالىدۇ . يارا بىر پەيدا بولسا ، 15 كۈنگىچە ساقايمايدۇ . بىر كۈنى ، بىر تونۇش دوختۇر پۇل خەجلىمەي ساقايتقىلى بولىدىغان بىر خىل ئۇسۇلنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى . سىناپ باقسام ھەقىقەتەن ئۈنىمى بولدى ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئۈچ يىلغىچىلىك قوزغۇلۇپ باقمىدى . بۇ ئۇسۇل مۇنداق : كېسەل قوزغالغاندا ، سامساقنى ئىككى ياكى تۆت پارچە قىلىپ پارچىلاپ ئېزىپ ، كۋادىرات شەكىللىك سۇلياۋ ياكى ماي قەغەزگە سۈركەپ مەلھەم دورا ھەلىتىگە كەلتۈرمىز ، ئاندىن ئۇنى تاپاننىڭ ئوتتۇرسىغا پلاستىر بىلەن چاپلاپ ، داكىدا تاڭىمىز ( تېڭىپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى پايپاق كېيىۋېلىش كېرەك ) . ئەتىسى ئورنىمىزدىن تۇرغاندا يېشىۋېتىپ ، كەچتە ييڭىدىن چاپلايمىز . كېسىلى يېنىكلەر ئككى قېتىمدا ، ئېغىرراقلار ئۈچ قاتىمدا ساقىيىدۇ . بەزىدە سامساق پۇتنى ئېچىشتۇرۇپ، ئاغرىتىدۇ . يەنە سۇلۇق قاپارتما پەيدا قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن . لېكىن ، نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئوڭشۇلۇپ قالىدۇ ( تېرە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كەتكەنلەر ئىشلەتمەسلىگى كېرەك ) .
قوشۇمچە : ئوقۇرمەن xxx نىڭ ئەسكەرتمىسى
مەن يوقۇرقى رېتسىپنى قوللانغان ئىدىم ، ئاغرىققا پەقەت تۆت ساەتلا چىدىدىم . ئەتتىگەندە قارىسام ، پۇتۇمنىڭ ئاستى قاپىرىپ كېتىپتۇ . سۇغا 4 _ 5 قېتىم چىلاپ باقتىم ، قاپارتما يانمىغاچقا ، ئامالسىز قايچا بىلەن كېسىۋەتتىم ، ئەمما كەسكەن ئورۇندىن جاراھەت ئىزى قەپتۇ . ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن پەقەتلا ماڭالمىدىم . ئاخىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ 100 نەچچە كويلۇق داۋالاتتىم . ( بۇ ئۇسۇلنى قوللانغۇچىلار ئەزگەن سامساقتىن ئازراق ئېلىپ سۈركەپ ، پۇتنىڭ چىدامچانلىغىنى سىنىپ بېقىشى كېرەك . ئاندىن بۇ ئۇسۇلنى قوللانسا مۇۋاپىق بولىدۇ . مۇھەررىردىن ) .
يوقۇرقى كىتاپتىن ئېلىندى . |
|