- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18599
- نادىر
- 1
- يازما
- 850
ئۆسۈش
  21.5%
|

مارالبېشىغا تەۋە ئاچالدىكى مۇنار
بۇ مۇنارنى كۆرۈپ نىمىنى ھىس قىلدىڭىز ؟ مەدىنىيەت زور ئىنقىلاۋى مەزگىللىرىدە بۇنداق مۇنار ھەممە يۇرتلاردا بار ئىدى ، ھازىرچۇ ئاساسەن يوق . بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئاللىبۇرۇن بۇنداق مۇنارلارنى چېقىپ ئورنىغا زاماننىڭ تەرەقىياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلدىغان ، كۆركەم مۇنارلارنى ئورنۇتۇپ بولدى ياكى چېقىپ بىراقلا يوق قىلىۋەتتى ، مەنىنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ قالدۇقى بولغان بۇ مۇنارنىڭ بۇ يەردە تەۋرەنمەستىن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىشى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ بۇ يەردە يۈرگىزىلىۋاتقىنى يەنىلا شۇ چاغلاردىكى سىياسەتمۇ ؟ ئەجىبا ئۇ يەردىكى سىياسەتلەر مەركەزنىڭ سىياسەتلىرى بىلەن ئوخشىمامدۇ ؟ مېنىڭچە بۇنى يېڭىلاش كېرەك كومپارتىيەنىڭ بايرىقى ھەممە يەردە ئوخشاش لەپىلدىسۇن .
كەلپىن ناھىيىسىگە قاراشلىق ئاچال بازىرىدىكى كاۋاپخانا .
يولدىن ئۆتكەن يولوچىلار بۇ كاۋاپ پادىشاھسىدىن كاۋاپ يىمەي ئۆتمەيدىكەن ،
ئوت-چۆپلەرنىڭ ياخشىسىنى يەپ ، شورلۇقنىڭ تۇزىنى يالاپ ، بۇلاق سۇلىرىنى ئىچىپ چوڭ بولغان ، قار دەسسىمىگەن ئوغلاق گۆشىدە پۇشۇرۇلغان كاۋاپنى كەلپىننىڭ يەرلىك ئۇنىدا قىلىنغان چاپتىغا يۆگەپ يىسىڭىز ئۆزگىچە بولۇپ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز . |
|