- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18599
- نادىر
- 1
- يازما
- 850
ئۆسۈش
  21.5%
|
قەدىمىي بوستانلىق قەشقەر ۋە يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت قەشقەر شەھىرى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ قەدىمىلىكى ، ئۆزگىچە مىللى ئۈرۈپ - ئادەتلىرى ، نەپىس ھۈنەر - سەنەتلىرى ، مىللى ئۇسلۇپتىكى بىناكارلىقلىرى ، ئالاھىدە تەبىئىي مەنزىرلىرى ، قەدىمىي ۋە مول بولغان تارىخىي مەدىنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا .
ھېيىتكاھ جامەسى
قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيىتكاھ جامە مەسچىتى دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس ، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى كۆلىمى چوڭ ، تارىخى ئۇزاق قەدىمىي جامە مەسچىتلىرىنىڭ بىرى ، مىلادىيە 1442 - يىلى سېلىنغان بولۇپ كېيىنكى دەۋىرلەردە تەدىرىجى كېڭەيتىلىپ ھازىرقى ھالەتتكە كەلگەن . ئۇ ھازىر مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدىنيەت يادىكارلىق ئورنى .
قەشقەر شەھىرىدىن كۆرۈنۈشلەر
قەشقەردىكى بىناكارلىققا نەزەر
ئۇلۇغ ئالىم ، تىلشۇناس ، تۈركىلوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى ، ، لۇغەتشۇناس مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسى
بۈيۈك ئالىم ، پەيلاسوپ ، ئەدىپ ، مۇتەپپەككۇر ، شائىر ، جامائەت ئەربابى ، مەشھۇر سىياسىيون يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسى .
تەسەۋۋۇپ يەنى سوپىزىمنى تەرغىپ قىلغۇچى ئاپپاق خوجا مازىرى ، ئىپارخان مەقپەرىسى ۋە ياسىداق مەسچىت .
|
-
|