بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-13 08:27
رەھمەت تېمىڭىزغا ئۇيغۇن ئەپەندىم،ئوبرازلىق چۈشەندۆرۆش بولۇپتۇ.بۇنداق ئېغىش ۋاكىئومدا يۆز بەرمەيدۇ،دىيىلسە،ھەرقانداق جىسىم،ھاياتلىق مەۋجۆت بولمىغان بولاتتى.بىزنىڭ بەدىنىمىزدە ھەر دەقىقىدە مۇشۇنداق ئېغىش يۇز بېرىپ تۇرىدۇ،شۇڭا بىز مەۋجۆت،ئەگرىلىك تەبىئەتنىڭ ئۆگەي بالىسى ئەمەس،ئەكسىچە بۇ بىر قانۇنىيەت.مىكرۇدۇنيادىكى ھەركەت ئەگرىلىكلىرىنى بىرنوللى قانونى ،ماگنوس ئىففىكىتى قاتارلىقلار بىلەن ئەسلا چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۆستىگە تېخىمۇ مىكرۇ قاتلاملاردىكى ئەگرىلىكلەرنى ئىنىرىتسىيىلىك كۈچتىن باشقا ھەرقانداق ئۇز ئارا تەسىر ئىدىيىسى بىلەن چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ.ھەركەتنىڭ بۇنداق ئەگرىلىكى ماددا ئۇزىدە ئەزەلدىن بار بولغان،سىتىخىيىلىك خۇسۇسىيەت.بۇنىڭ سەۋەبىنى بولسا تېمىڭىزدا دەپ ئولتۇرۇپسىز مانا.بۇنداق ئېغىشنىڭ تېگى تەكتى ھەتتا نىيۇ تون تىلغا ئالغان«تۇنجى تۆرىتكە»گە بېرىپ توختايدۇ.مۇئەييەن نىشانغا قاراپ ئىلگىرلەپ كېتىۋاتقان ،ھەم ئۇز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان سېستىمنىڭ نەق يېرىمىنىڭ ھەركەت يۆنىلىشى،كىتىپ بارغان نىشاننىڭ ئەكسى تەرىپىگە بولىدۇ،سېستىما دەل مۇشۇ تەرەپكە ئاغىدۇ.بۇنداق ئېغىشنى مەيدانغا كەلتۆرگەن تۇنجى سەۋەپ (مەسىلەن بىكھامنىڭ تېپىكى)مۇستەسنا قىلىنسا ،قالغان جەريانلار پۆتۆنلەي ئىنىرتسىيىلىك ئېغىش جەريانى بولۇپ قالىدۇ.ھاۋانىڭ يۆنىلىشلىرىدىن بۇنداق ئېغىشقا ھاۋانىڭ قارشىلىق قىلىدىغانلىغىنى،ئەسلا بۇنداق ئېغىشنىڭ سەۋەپچىسى بولالمايدىغانلىغىنى كۇرۇپ ئالغىلى بولىدۇ.بۇرۇن سىزغان بىر رەسىمىدىڭىزدىمۇ بۇ ئىدىيە ئەكىس ئەتكەن،"ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش"تىكى رەسىم ۋە ئىزاھ مانا:
*
سۆرەتلەرنى سىزىپ بەرگۆچى ئۇيغۇن ئەپەندى
بۇ سۆرەتتە،ئىككى يېرىم شارنىڭ ھەركەت يۆنىلىشىنىڭ نىشانغا نىسبەتەن ئوخشىمايدىغانلىغى،ئوڭنىڭ نىشانغا قارشى يۆنىلىشتە،سۇلنىڭ ئىلگىرلىمە ھەركەت يۆنىلشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرۆپ ئالايمىز.
|