- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 51428
- نادىر
- 0
- يازما
- 5395
ئۆسۈش
  0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-13 14:32
muhakima يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 13:19 
شۇنداق
مەن شۇنى دىمەكچى،بۇ ھالدا «ماسسا مەركىزى»ئۇقۇمى ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەرگە نىسبەتەن ئەمەلى رىياللىق بولماي قالىدۇ،لىكىن بۇ ئۇقۇمغا ئالاقىدار ماتىماتىكىلىق قوراللاردىن پايدىلىنىپ بۇنداق زەررىچىلەردىكى ئېغىشنى تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولىدۇ.بۇ ھەرگىز بۇ زەررىچىلەردە ئەشۇنداق بىر مەركەز بار،دىگەنلىك ئەمەس.بۇنداق مەركەز ئۇزەررىچىلەرگە نىسبەتەن پەقەت ئىھتىياج زۇرۇرىيىتىدىن قوبۇل قىلىنغان ۋە قوللۇنۇلغان ماتىماتىكىلىق پەرەزى مەركەز بولۇپ ھېساپلىنىدۇكى،ماھىيەتتە بۇنداق زەررىچىلەردە«ماسسا مەركىزى»دەيدىغان ئەمەلى مەركەز ئەسلا بولمايدۇ.تۆزۆلۆشكە ئىگە زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ يولى ئەلۋەتتە باشقا گەپ.
مەن دەل مۇشۇ نۇقتىنى كۇزدە تۇتۇپ بۇنداق ئېغىشنىڭ ئاددى،بېۋاستە،نىسبىلىك نەزەريىسى قوراللىرىنى ئىشلەتمىگەن ئۇسۇلىمۇ جەزمەن بار،شۇنداق ئۇسۇلنىمۇ قوللۇنۇپ باقايلى ۋەتاپايلى دەۋاتىمەن.بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىم بار،ئويلىغانلىرىمنىڭ بىر قىسمىدىن سىزمۇ خەۋەردار.
سىزنىڭ ماقالىڭىزمەيدانسىز بوشلۇقتا 29-تىئۇرمىچە ئېغىشقا نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭمۇ يول قويىدىغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.بۇ كاتتا ئىش.لىكىن،بۇ خىل ئېغىشنى پەقەت نىسبىلىك نەزەريىسى يول قويغان چەك ئىچىدىلا كەلتۆرۆپ چىقىقىلى بولىدۇ ،تەبىئەت دۇنياسى مۇشۇ چەككىلا بوي سۇنىدۇ،دىسەك توغرا بولماسمىكىن،دەيمەن.ئوبىكتىپ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ،بىلىش ۋە ئىپادىلەش ئوسۇللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇشقا توغرا كىلىدۇ،تەبىئەت دۇنياسى بىردىن -بىر،ئۇنى بىلىش ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى كۇپ خىل بولىدۇ دىمەكچىمەن.سىزچە قانداق؟.
|
|