ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھۆرمەتلىك،ئەزىز قىرىنداشلىرىم.مەن مۇنبەردىكى ئابدۇكۆرەش.بۇندىن كىيىن كىتابخۇمار دىگەن نامنى قوللىنىشنى لايىق كۆردۈم.ۋاقىپلىنىپ قالغايسىلەر.
تەۋىسيە :ھايۋانلار قوروقى George orwellجورج ئورۋىل( ئەنگىلىيە) تەرجىمە قىلغۇچى :ئا.جالالىدىن بۇ ئەسەر يىقىندائا.جالالىدىن تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان بولوپ،بۇ ئەسەر گەرچە بۇندىن 70 يىل بۇرۇن 1943-يىلى يىزىلغان بولىشىغا قارىماي بۈگۈنكى دەۋردە يىزىلغاندەك بەزى چىرك دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇش سىتىراتىگىيە قاتارلىق بىر قاتار جەھەتلەردىكى قاراڭغۇ تەرەپلىرى ھايۋانلارنى ئادەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە ئىنتايىن جانلىق ۋە رۇشەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر ئەسەر . ئەسەردە جونىس ئىسىملىك قوروقنىڭ ئىگىسى ۋە ئۇنىڭ ھايۋاناتلىرى تىلغائىلنىپ ،ھايۋاناتلار خوجايىننىڭ ھايۋانلارنى بىردىن بىكارئىشلىتىدىغانلىقى،ئۇرىدىغانلىقى،ئەركىنلىكىنىڭ يوقلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئىسيان كۆتۈرۈپ ئەركىن بولماقچى بولىدۇ . مايۇر ئىسىملىك چوشقا بىر چۈش كۆرىدۇ ۋە چۈشىنى بارلىق ھايۋانلارنى يىغىپ سۆزلەپ بەرمەكچى بولوپ،تۈن نىسپىدە بارلىق ھايۋانلارنى يىغدۇ. قىرى مايۇر سۆزلەپ، -يولداشلار تۈنۈگۈن ئاخشام بىر چۈش كۆردۈم،ئۇنى سەل تۇرۇپ سىلەرگە سۆزلەپ بىرىمەن.مىنىڭ سىلەر بىلەن بىللە ئۆتىدىغان ۋاقتىم ئاز قالغاندەك تۇرىدۇ.ئۇ دۇنياغا كىتىشتىن بۇرۇن ئەقىل پاراسىتىمنى سىلەرگە قالدۇرۇپ كىتىشنى بۇرچۇم دەپ بىلىمەن.خىلى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردۈم.قوتاندا يالغۇز قالغانلىرىمدا خىلى جىق نەرسىلەرنى ئويلايتىم .قانداق ياشاشىنى باشقىلاردىن ئوبدان بىلىمەن دىيەلمەيمەن.مەن سىلەرگە مۇشۇ ھەقتە سۆزلىمەكچى –دەپ گىپىنى داۋام قىلىدۇ. -يولداشلار ،بىزنىڭ كۈنىمىز زادى قانداق ئۆتىۋاتىدۇ ؟راستىنى دىگەندە ئىنتايىن پاجىئەلىك،كۈلپەتلىك ۋە قىسقا بولىۋاتىدۇ.تۇغۇلىشىمىز بىلەنلا بىزگە بىرىلىدىغىنى جاننى ساقلاپ قالالىغۇدەكلا نەرسىلەر.تىرىكلىرىمىز ھالىمىزدىن كەتتۇق.كۈچىمىزدىن قالغاندا رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرلىمىز،ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىپ ئەڭ ئاددى ھوقوقلىرىمىزمۇ بوغىۋىلىىنغان.تۇغۇلغاندىن باشلاپ ھاياتنىڭ خوۋلىقىنى كۆرمەي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولىمىز.ئۆمۈر بويى ئازاپ ئوقوبەت تارتىمىز. -ئۇنداقتا بىزنىڭ بەختسىزلىكىمىز تەبىي ئامىل تەرپىدىن بەلگىلەنمۇ ؟بۇ تۇپراقتىكى جاندارلارنامراتلىق تۈپەيلى،ھورونلىقى تۈپەيلى ئىززىتى بىلەن ياشاشقا ئامالسىز قىلىۋاتامدۇ؟ ياق،يولداشلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس.ئەنگىلىيەنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت،كىلىماتى ياخشى،سانىمىز ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ باياشات ئۆتەلەيمىز.پەقەت مۇشۇ قوروقتىلا 20 ئات،20 كالا،نەچچە يۈز قوي تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ بەھوزور ياشىيالايمىز.بىراق،بىز يەنە نىمىشقا بىچارە ياشايمىز ؟بىزنىڭ نىمىشقا ئەڭ ئاددى ھەق ھوقوقىلىرىمىز،ئەركىنلىكلىرىمىز بوغوپ قويولغان ؟سەۋەبى ئىنسانلار بىزنىڭ ئەمگەك مىۋىلىرىمىزنى قالدۇرماي ئىلىۋاتىدۇ.يولداشلار،مانابۇ بارلىق مەسىلىنىڭ جاۋابى.بۇنى ئاددىيلاشتۇرساق،<<ئىنسان >>دىگەن سۆزگە مەركەزلىشىدۇ.ئىنسانلار بىزنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز.ئۇلارنىڭ باشقۇرىشىدىن قۇتۇلساقلا قورساق تويمايدىغان،تۈگىمەس ئەمگەككە سىلنىپمۇ ھاياتنىڭ خوۋلىقىنى كۆرمەيدىغان،ئەركىنلىكىمىز بوغوپ قويولغان بۇ كۈنلەردىن قۇتۇلىمىز. جانلىقلار ئىچىدە پەقەت ئادەملا ئىستىمال قىلىدۇ،ئىشلەپ چىقارمايدۇ.ئادەملەر سۈت بەرمەيدۇ،تۇخۇم تۇغمايدۇ...ھايۋانلارنى ئۆلگۈدەك ئىشلىتىدۇ.بىزگە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمىغۇدەك نەرسە بىرىپ ھەممىسىنى ئۆزى ئىلىپ قالدۇ.بۇنداق رەھىمسىز قىسمەتلەردىن ھىچقايسىمىز قچىپ قۇتىلالمايمىز.بۇنداق كۈلپەت،قوي،كالا،چوشقا،توخو،دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا بۇ قىسمەتتىن قىچىپ قۇتىلالمايدۇ.ئات بىلەن ئىتنىڭ تەقدىرىدىمۇ چوڭ پەرق يوق. -يولداشلار،تۇرمىشىمىزدىكى پاجىئەلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدىن كەلگەن.ئەجىبا بۇ شۇنداق ئىنىق تۇرمامدۇ؟ پەقەت ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغاندىلا ئەمگەك مىۋىلىرىمىز ئۆزىمىزگە مەنسۇپ بولىدۇ.بىز شۇئان ھۆرلۈك ۋە بايلىققا ئىرىشىمىز.ئۇنداقتا بىز قانداق قىلساق بولار ؟يولداشلار سىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇرۇم بىرلا ،ئۇبولسىمۇ ئىسيان،بۇنىڭ ۋاقتى قاچان كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن،ئەمما ئادالەتنىڭ ھامان بىر كۈنى ئىشقا ئاشىدىغانلىقى بەش قولدەك ئايان .يولداشلار كۆپ ۋاقتىڭلارنىڭ قالمىغانلىقىنى يادىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار !ئەڭ موھىمى مەن يەتكۈزگەن بۇ ئۇچۇرنى ئەۋلاتلىرىڭلارغا يەتكۈزۈڭلار ،غەلبەقىلغانغا قەدەر كۆرەشنى توختاتماڭلار !-دەپ سۆزىنى داۋام قىلدۇ. -يولداشلار ،سەمىڭلاردابولسۇنكى ئىرادەڭلاردىن ھەرگىز يانماڭلار.چىرايلىق گەپلەرگە ئالدىنىپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماڭلار ،مۇبادا ئىنسانلار سىلەرگە ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭ مەنپەتى ئورتاق،ئادەملەر باي بولسا ھايۋانلارمۇ باي بولىدۇ دىسە بۇنداق گەپلەرگە ھەرگىزئىشەنمەڭلار.ئىنسانلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىنىلا كۆزلەيدۇ.باشقا ھايۋانلارنىڭ مەنپەتىنى ھەرگىز ئويلىمايدۇ.بىز ھايۋانلار كۆرەش داۋامىدا ئىتتىپاقلىشىپ قىرىنداشلىق زەنجىرى ياساپ چىقىشىمىز زۆرۈر.بارچە ئىنسان بىزنىڭ دۈشمىنىمىز.بارچە ھايۋانلار بىزنىڭ دوستىمىز. -دىيىشكە تىگىشلىك گەپلەرنى دەپ قويدۇم.كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سىلىپ قويايكى مەسئۇلىتىڭلارنى ھەرگىزئۇنتۇپ قالماڭلار.ئىنسانلارنى دۈشمەن كۆرۈشنى تەرك ئەتمەڭلار ... دىگەندەك بىر قاتارسۆزلىرى بىلەن سۆزىنى تۈگىتىپ ئۆزىنىڭ چۈشىنى ھەممەيلەنگە سۆزلەپ بىرىدۇ. -مەن ئىنسانلار يوقالسا زىمىننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەپتىمەن.بۇ چۈش ماڭا ئاللابۇرۇن ئۇنتىلىپ كەتكەن بەزى ئىشلارنى ئەسلەتتى.مىنىڭ كۈچلۈك چاغلىرىم ئىدى.ئانام ۋە باشقا مىكىجىنلار قەدىمى بىر ناخشىنى ئوقويتى.ئۇلار ئاھاڭنى غىڭشىپ قويوپ تىكىستنى ئوقوشنى بىلمەيتى.مەن ئەينى ۋاقىتتا ئاھاڭنى ئۈگىنىۋالغان بولساممۇ ئىسىمدىن كۈتۈرلۈپ كەتكىلى خىلى مەزگىللەر بولغان ئىدى.ھەيرانمەنكى چۈشۈمدە بۇ ئاھاڭ ناخشا تىكىستى بىلەن ئىسىمگە كەلدى-دەپ ئەنگىلىيە جانۋارلىرى دىگەن ناخشىنى ئوقويدۇ ۋەئۈگىتىدۇ. مايور،ئۈچ كۈندىن كىيىن ئۆلۈپ كىتىدۇ.لىكىن ھايۋانلار مەخپى يىغىلىپ،تەشكىللىنىپ،بىر قاتار چارىلەردىن كىيىن ئىسيان كۆتىرىدۇ ۋە غەلبە قىلىپ مۇستەقىل بولوپ ئۆز قانۇنلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.ئۇلارقانۇنلىرىنى 7 مىزانغا يىغىنچاقلايدۇ. يەتتە مىزان 1.ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدىغانلار بىزنىڭ دۈشمىنىمىز. 2.ھايۋاناتلار،ئۇچارقاناتلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ دوستىمىز. 3.ھايۋانلار كىيىم كىيىشكە بولمايدۇ. 4.ھايۋانلارنىڭ كارۋاتتا ئۇخلىشىغا بولمايدۇ. 5.ھايۋانلار ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ. 6.ھايۋانلارنىڭ ھايۋانلارنى ئۆلتۈرىشىگە بولمايدۇ. 7.بارچە ھايۋانلار باپ –باراۋەر. ئۇلارنىڭ كۈنلىرى خۇشال ئۈتۈشكە باشلايدۇ.ئەمما كۈنلەر ئۈتۈپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى رەھبەرلەر ھەر ۋاستىلەربىلەن ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن باشقىلارنى ئىزىشكە باشلايدۇ.دەسلەپ تۈزگەن قانۇنلىرىنىمۇ ئاستا-ئاستا ،ئاز-ئازدىن ئۇنتۇلدۇرۇپ،ئۆزگەرتىپ ئاخىرى بىر جۈملە قانۇنلا قىپ ئۆزگەرتىدۇ.يەنى<< ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى بارابەر بەزىلىرى تىخىمۇ شۇنداق !>>قىپ ئۆزگەرتىدۇ. نەتىجىدە ئۇلارئادەملەرگە قۇل بولغاندىنمۇ بەتتەر قىيىن كۈنگە قالىدۇ.ئەمما ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ.دەسلەپ ئۇلارنى ئىنسانلار ئەزگەن قۇل قىلغان بولسا ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىلەرقۇل قىلىپ ئادەملەرگە قۇل بولغان ھايۋانلاردىنمۇ بەتتەر كۈنلەرنى كۆرىدۇ ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ. باشقا نۇرغۇن،قىزىقارلىق ۋە رەزىل ئالدامچىلىق،ساقتىپەزلىك،قانداق قىلىپ ئۆز ئۆزىنى قۇل قىلىدۇ يۇ،ئەمماقۇل بولغانلار نىمىشقا سىزەلمەيدۇ ؟قانداق ئۇسۇللار قوللىنىلدى؟ بۇلارغا قىزىڭسىڭىزكىتابنى ئوقوپ بىقىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن.كىتاب ئىنتايىن نىپىز بولوپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئوقوپ بولىسىز، 141 بەتلىك كىتاب. بۇ كىتاب ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشى مەزگىللىرىدە يىزىلغان بولوپ مىنىڭچە لىۋىيە،چاۋشەن،سۈرىيە،مىسىر تەرەپلەردىكى تاشقى دۇنيا ۋە چىرك ھاكىمىيەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسەتلىرىنى چۈشىنىشىمىزدە،بۈگۈنكىدەك بەختىياركۈنلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يىتىپ ۋەتەن خەلىق ئۈچۈن خىزمىت قىلىش كىرەكلىكىنى تونوپ يىتىشىمىزدە ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن. كىتابنىڭ باھاسى :11 كوي. |