- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13670
- نادىر
- 2
- يازما
- 1357
ئۆسۈش
  9.18%
|
kitabhumar يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 12:51 
ياق بۇرادەر ،ئۈزۈمنىڭ ئويلىغىنىم بار
بۇ كىتابتا دىيى ...
بۇ كىتابتا دىيىلگەن ئىنساننى ئەمەلىيەتتە ھوقوقدارلار ۋە سىياسەتشۇناش ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچىلاردىن ئىبارەت بولوپ ،قوي،كالا،ئات،ئىشەك قاتارلىق ھايۋاناتلار پەقەت ھەر قايسى يۇرتلۇق پۇخرالارغا سىموۋۇل قىلىنغان....
مۇستەبىت ،ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتتىكى دۆلەت باشقۇرغۇچىلار يەنى كىتابتا دىيىلىۋاتقان ئىنسانلار قانداق ۋاسىتىلەر بىلەن ھايۋاناتلارنى (پۇخرالارنى ) ئىزىدۇ ؟ ئۇلارنى قانداق ئالدايدۇ ؟قانداق ۋاستىلەرنى قوللىنىدۇ ؟ھايۋاناتلار(پۇخرالار ،ئادەتتىكى ئىنسانلار) نىمىشقا ئىنسانلارنىڭ (ھوقوقدارلار،ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچىلارنىڭ ) ھىلە نەيرەڭلىرىنى بىلەلمەياۇبىلەلمەيدۇ،سىزەلمەيدۇ؟
ئۇلار ناۋادا شۇلارنى بايقاي ،نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بىرىپ سۆر بولغان ھالەتتىمۇ ،ئۆز ھاكىمىتتىنى قۇرغان ھالەتتىمۇ نىمىشقا ئىلگىركى قۇللۇق ھالىتىدىنمۇ بەتتەر ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ ؟
يەردىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە زادى نىمە ؟
بۇ كىتاب يۇقارقىدەك مەسىللەرگە جاۋاب بىرىدۇ.مەلۇم بىر چىرك ھاكىمىيەتتە بىر قىتىم ئەمەس نەچچە يۈز قىتىم ھالىمىيەت ئالماشقان ھالەتتىمۇ ماھىيەتلىك تۈزۈم ئۆزگەرمىسە ھاكىمەتنىڭ قالپىقى ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن باشقا ھىچنەرسە ئۆزگەرمەيدۇ.چىركلىك،ھاكىممۇتلەقلىق ئۇ جايدا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ تاكى شۇ جايدىكى ماھىيەتلىك تۈزۈم ئۆزگەرمىگۈچە ...يۇقارقىدەك نۇقتىنەزەرلەر ئىنتايىن جانلىق،ئىنتايىن چۈشىنىشلىك شەرھىيلەنگەن ئىنتايىن ياخشى كىتاب ...
قويوشقا ئەرزىيدۇ ،كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن ... |
|