تام يۇزىدە مۇتۇتسىكىلىت،ماشىنا ھەيدەش
印度摩托车特技表演
تامدا كېتىۋاتقان بۇ موتۇتسىكىلىت،ماشىنىلارنىڭ ھالىتىنى يەنىلا ھاۋانىڭ بېسىم پەرقى ئارقىلىق چۈشەندۆرۈش مۇمكىنمۇ؟ماشىنىنىڭ ئۇستىدىن ئۇتىدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تىزلىكىنى ئاستىدىن ئۇتىدىغان تىزلىكتىن تۇۋەن دەپ قاراشقا بولامدۇ؟.
تىكلىگى قانچە گىرادۇستۇ بۇ تامنىڭ؟.
قېىنى، بۇ ئىشنى فىزىكا قانۇنلىرى نۇقتىسىدا تۇرۇپ چۈشەندۆرۆپ بېرەلەيدىغانلار بارمۇ؟.
بىر مۇنچە ئالاقىدار تېما ۋە ئىنكاسلارنى ئىزدەپ تېپىپ كۇرۇپ چىقتىم.بۇنداق ماھارەت ئۆستىدە ئېلىپ بېرىلغان فىزىكىلىق تەھلىل ۋە چۈشەندۇرۆشلەردە ھاۋا تىلغا ئېلىنماپتۇ.مەركەزگە ئىنتىلگۆچى كۈچ،سۆركىلىش كۈچى،تارتىش كۈچى قاتارلىقلار نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپتۇ.لىكىن ،يەكۈنلىرى مۇجىمەل ۋە ئانچە قايىل قىلارلىق ئەمەس.
« فىزىكا سېھىرگەرلىگى:ماماتلىق تېمى »دىگەن بۇ تېمىنىڭ تەھلىللىرى بىر قەدەر ئەتراپلىق ئىكەن.بۇ تېمىدا چاقنىڭ ئايلىنىشىدىن شەكىللەنگەن كۈچ مۇمىنىتىنىڭ بۇنداق ھادىسىنىڭ فىزىكىلىق سەۋەبى بولۇشى مۇمكىنلىگى تىلغا ئېلىنىپتۇ.بۇنداق قاراش شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ مەزمۇنىنى ئەسكە سالىدۇ.مىنىڭچە بۇ ھادىسىنى چۈشەندۆرۆشتە 29-تىئورمىدىنمۇ ياخشى نامزات يوق.
بۇ رەسىمنىڭ تەھلىلىدە سۆركۆلۈش كۈچىنىڭ بۇنداق ھادىسىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىنلىگى رەت قىلىنىپتۇ.ھالبۇكى چاقنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئاللىقانداقتۇر بىر «ئايلىنىش ئىففىكىتى»پەيدا قىلىش مۆمكىنلىگىمۇ ئوخشاشلا رەت قىلىنىپتۇ.
29-تىئورمىدا "زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۇقىدا ئايلىنىش يۆنۆلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ"دېيىلگەن.موتۇتسىكىلىت ۋە ماشىنا چاقلىرىنىڭ ئايلىنىشى مانا مۇشۇنداق تام يۆزىگە يۆنەلگەن ،تارتىش كۈچى(ئېغىرلىق كۈچى)نىڭ تەسىرىنى يەڭگەن ئېغىش كۈچىنى شەكىللەندۆرۆدۇ.بۇنداق كۈچنىڭ ماھىيىتى يەنىلا ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ.بىزنىڭ بۇنداق كۈچنىڭ مەۋجۈتلىگىنى دەلىللەش مەقسىدە ئۇزىمىز ئېلىپ بارغان تەجىربە ئاساسلىرىمىز بار.مىنىڭ بۇ ھادىسە ھەققىدىكى تەھلىلىم مۇشۇنچىلىك.
|